خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى

خارۋارد

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى(Harvard university) بولسا شەخىس تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان بىر ئۇنىۋېرسال خاراكتېرىدىكى ئالىي مەكتەپ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 1636-قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ مەشھۇر بولغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە نامى خارۋارد ئۇنۋېرستېتى
دۆلەت ئىچى دەرىجىسى 1-ئورۇندا
دۇنيادىكى دەرىجىسى 1-ئورۇندا
مەكتەپ تۈرى ئۇنۋېرسال
خەنزۇچە نامى 哈佛大学
قىسقاتىلغان نامى Harvard
قۇرۇلغان ۋاقتى 1636-يىلى
توربېكىتى http://www.harvard.edu/

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خارۋاردخارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى(Harvard university) بولسا شەخىس تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان بىر ئۇنىۋېرسال خاراكتېرىدىكى ئالىي مەكتەپ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 1636-قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ مەشھۇر بولغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى. ھازىرىغا قەدەر خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاللىقاچان 8 ئامېرىكا زۇڭتۇڭى، 40 دىن ئارتۇق نوبىل ساھىبى ھەمدە نۇرغۇن دۇنيادا تەسىر قوزغىغان ئىلىم باشلامچىلىرى، ئەدەبىياتشۇناس، مۇتەپپەككۇر ۋە ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. 

1636-يىلى قىشتا، ئەنگىلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر كۆچمەن يېڭى قۇرۇقلۇققا كېلىدۇ. شۇ يىلى ئۇ 29 ياشتا، توي قىلغىنىغىمۇ ئۇزاق بولمىغان، بالىسىمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى جون.خارۋارد بولۇپ، لوندوندىن كەلگەن ئىدى. ئۇ چارلىز كوچىسىدا تۇراتتى، بۇ كوچا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنىستىتوت (ئەينى ۋاقىتتا تېخى بۇ مەكتەپنىڭ رەسمىي نامى يوق ئىدى) جايلاشقان كامبىرىج كوچىسى بىلەن بىر دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇراتتى، خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى چېركاۋنىڭ ياردەمچى پوپى بولۇپ قېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ يېڭى قۇرۇقلۇقتا بىرەر يىلمۇ ياشىيالمىدى. 1638-يىلى 9–ئايدا، ئۆپكە كېسىلى بىلەن چارلىز كوچىسىدا ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا، ئۆزىنىڭ مال–مۈلكىنىڭ يېرىمى (780 فوند سىتىرلىڭ) ۋە بارلىق كىتابلىرى (تەخمىنەن 400 پارچە) نى قارشى قىرغاقتا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنىستىتۇتقا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ۋەسىيەت قىلدى. بۇ مۇشۇ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئىئانە ئىدى. مەكتەپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن مەكتەپ نامى بولمىغان بۇ مەكتەپنىڭ نامىنى خارۋارد ئىنىستىتۇتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلدى. خارۋارد ئىئانە قىلغان 780 فوندسىتىرلىڭ ئىئانە پۇلى ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ يىللىق مالىيىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى. دىمەك، بۇ ئەينى چاغدا خېلى كۆپ پۇل ھېساپلىناتتى، ھازىرقى گېپىمىز بويىچە ئېيتقاندا، مەكتەپ ئەينى ۋاقىتتا بۇ پۇل بىلەن مەكتەپنىڭ نۇرغۇن «قاتتىق ماتېرىيال » ۋە «يۇمشاق ماتېرىيال » لىرىنى تولۇقلىۋالغان ئىدى. ئەمما خارۋارد ئىئانە قىلغان 400 پارچە كىتابنىڭ تەقدىرى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ، بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتتى، پەقەت بىر پارچە كىتابنى ئالدىنقى كۈنى كەچتە بىر ئوقۇغۇچى ئارىيەت ئېلىپ، قايتۇرمىغان بولغاچقا، مۇشۇ بىر پارچە كىتابلا بۇ بالايى–قازادىن ساقلىنىپ قالدى. بىراق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، 2-كۈنى ھېلىقى ئوقۇغۇچى بۇ بىر پارچە قىممەتلىك كىتابنى قايتۇرۇپ بېرىشكە كەلگەندە، ئەينى ۋاقىتتىكى خارۋارد ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ھىنرى دونىستىر بۇ ئوقۇغۇچىنى «ئارىيەت ئالغان كىتابنى كۈتۈپخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ» دېگەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ قاراپ، خارۋارد مەكتەپ تارىخى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان بۇ ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن قوغلاندى قىلدى.

خارۋارد كۇتۇپخانىسىخارۋارد ئەنگىلىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى بىر قاسساپ ئىدى. ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى بار ئىدى. 1625-يىلى ۋابا كېسىلى تارقالغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ دادىسى، ئاكا–ئۇكا، ئاچا–سىڭىللىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى. خارۋارد ئۆزىمۇ ياش تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا، بىرەر پەرزەنتىمۇ يوق ئىدى، پۈتكۈل ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدا خارۋارد فامىلىلىكلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، ئەنگىلىيە زېمىنىدىمۇ بۇ فامىلە ناھايىتى ئاز. ئېھتىمال ئەينى ۋاقىتتا جون.خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى كىچىككىنە ياغاچ ئۆيدە، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىدىن ئازابلانغان. ئۆزىنىڭ بىر-ئىككى ئەۋلاد قالدۇرالمىغانلىقىدىن چەكسىز قايغۇرغان بولۇشى، يەنە بەلكىم قارشى قىرغاقتىكى ئەشۇ مەكتەپكە قاراپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىئانىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قوشقان بىردىنبىر تۆھپىسى بولۇپ قالىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن.

ئەمما بۈگۈنكى كۈندە خارۋارد شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىگە تەسەللىي تاپالايدۇكى، چارلىز دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى ھېلىقى مەكتەپ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ پۈتكۈل ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى ھەتتا پۈتكۈل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي بىلىم يۇتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى، پۈتكۈل دۇنيادىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ ھەمدە بۇنىڭلىق بىلەن چەكسىز شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جون.خارۋارد خاتىرجەم كۆز يۇمالايدۇ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۇنيادا ئەڭ يۇقىرى تەسىر كۈچى ۋە نوپۇزى، يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانا ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم ئەھلىلىرى، پروفېسسورلىرى بار. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق باھالاش تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئالىي مەكتەپ دەرىجىسى بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ باھالانغان، دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان تورى قامۇسى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-3574

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    75%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    25%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#