كېپىللىك قانۇنىنى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھات

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېپى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېپىللىك قانۇنى»نى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1133-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان، 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېپىللىك قانۇنى»نى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى
خەنزۇچە نامى 最高人民法院关于适用《中华人民共和国担保法》若干问题的解释
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى
ھۆججەت ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ س ئى (2000) 44-نومۇرلۇق ئېلانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ س ئى (2000) 44-نومۇرلۇق ئېلانى 

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېپىللىك قانۇنى»نى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1133-يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلدى، 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى

2000-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېپىللىك قانۇنى» (تۆۋەندە كېپىللىك قانۇنى دېيىلىدۇ)نى توغرا تەتبىقلاش ئۈچۈن، سوت ئەمەلىي تەجرىبىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرى كېپىللىك ماجىراسى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت مەسىلىلەر ھەققىدە تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىلدى. 

بىرىنچى ئومۇمىي پرىنسىپ قسىمى ھەققىدە ئىزاھات

1-ماددا ئالاقىدار ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتى پەيدا قىلغان ھەقدارلىق ئۈستىدە قانۇن-نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋالدا كېپىللىك قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئۇسۇل بويىچە كېپىللىك بەرسە، ئۇ كۈچكە ئىگە دەپ مۇقىملاشتۇرۇلسا بولىدۇ. 

2-ماددا قارشى كېپىللىك بەرگۈچى قەرزدار بولسىمۇ، قەرزداردىن باشقا كىشىلەر بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ. قارشى كېپىللىك بېرىشتە قەرزدار گۆرۈگە ياكى رەنىگە قويۇش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ، باشقىلار كاپالەت بېرىش، گۆرۈگە ياكى رەنىگە قويۇش ئۇسۇلى قوللىنىلسىمۇ بولىدۇ. 

3-ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە جامائەت پاراۋانلىقىنى مەقسەت قىلىدىغان كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قانۇنغا خىلاپ ھالدا كېپىللىك بەرسە، كېپىللىك توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.  بۇنىڭلىق بىلەن، ھەقدارنى زىيانغا ئۇچراتقانلارنى كېپىللىك قانۇنى 5-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم. 

4-ماددا مۇدىر، دىرېكتورلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى»نىڭ 60-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شىركەتنىڭ مۈلكى بىلەن شىركەتنىڭ پايچىكلىرى ياى باشقا كىشىلەرنىڭ قەرزىگە كېپىللىك بەرسە، كېپىللىك توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.  ھەقدار بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قەرزدار، كېپىللىك بەرگۈچى ھەقدارنىڭ زىيىنى ئۈچۈن چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

5-ماددا قانۇن-نىزاملاردا ئوبوروتى مەنئى قىلىنغان مال-مۈلۈك ياكى ئۆتۈشكە بولمايدىغان مال-مۈلۈك بىلەن كېپىللىك بېرىلىدىغان بولسا، كېپىللىك توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. قانۇن-نىزاملاردا ئوبوروتى چەكلەنگەن مال-مۈلۈك بىلەن كېپىللىك بېرىلىدىغان بولسا، ھەقدارلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 

6-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تاشقى كېپىللىك توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 1) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتماي ياكى تىزىملاتماي تاشقى كېپىللىك بەرسە؛2) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتماي ياكى تىزىملاتماي تاشقى كېپىللىك بەرسە؛3) چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىنىڭ رويىخەتتىكى كاپىتالىغا، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىدىكى چەت ئەل مەبلىغى قىسمىنىڭ تاشقى قەرزىگە كېىللىك بەرسە؛4) تاشقى پېرېۋوت كېپىللىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقى بولمىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، تاشى پېرېۋوت كىرىمى بولمىغان ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خاراكتېرىنى ئالمىغان كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە تاشقى پېرېۋوت كېپىللىكى بەرسە؛5) ئاساسىي توختامنى ئۆزگەرتىشتە ياكى ھەقدار تاشقى كېپىللىك توختامىنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈشتە، كېپىللىك بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىغان ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالمىغان بولسا، كېپىللىك بەرگۈچى كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى قايتا ئۈستىگە ئالمايدۇ.  لېكىن، قانۇن-نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

7-ماددا ئاساسىي توختام كۈچكە ئىگە بولسىمۇ كېپىللىك توختامى كۈچكە ئىگە بولمىغاندا، ھەقدارنىڭ خاتالىقى بولمىسا، كېپىللىك بەرگۈچى بىلەن قەرزدار ئاساسىي توختامدىكى ھەقدارنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى ئۈچۈن چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ھەقدار، كېپىللىك بەرگۈچىنىڭ خاتالىقى بولسا، كېپىللىك بەرگۈچى ھەق تەلەپ قىسمى ئۈچۈن ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىق قەرزدار تۆلىيەلمەيدىغان قەرزنىڭ ئىككىدىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 

8-ماددا ئاساسىي توختام كۈچكە ئىگە بولمىغانلىقتىن كېپىللىك توختامى كۈچكە ئىگە بولماسلىقتا كېپىللىك بەرگۈچىنىڭ خاتالىقى بولمىسا، كېپىللىك بەرگۈچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ؛ كېپىللىك بەرگۈچىنىڭ خاتالىقى بولسا، كېپىللىك بەرگۈچى ھەق تەلەپ قىسمى ئۈچۈن ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىق قەرزدار تۆلىيەلمەيدىغان قەرزنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 

9-ماددا كېپىللىك بەرگۈچى كۈچكە ئىگە بولمىغان كېپىللىك توختامى سەۋەبىدىن ھەقدار ئالدىدا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، ئۇنى قەرزداردىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ ياكى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان تۆلەم جاۋابكارلىقى دائىرىسىدە، خاتالىقى بولغان قارشى كېپىللىك بەرگۈچىدىن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. كېپىللىكل بەرگۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش پاكىتىغا ئاساسەن، قەرزدار تاكى قارشى كېپىللىك بەرگۈچى ئۈستىدە ئايرىم دەۋا قىلسا بولىدۇ. 

10-ماددا ئاساسىي توختام بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، كېپىللىك بەرگۈچى قەرزدارنىڭ ئۈستىدىن ئالىدىغان ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقى ئۈچۈن يەنىلا كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.  لېكىن، كېپىللىك توختامىدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا

11-ماددا قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىللىرى، مەسئۇللىرى كېپىللىك توختامى تۈزۈشتە ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولسا، مۇناسىپ كىشى ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ ۋەكىللىك ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

12-ماددا ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن ياكى تىزىملىغۇچى تارماق تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلغان كېپىللىك سۈرۈكى كېپىللىككە بېرىلگەن نەرسە ھوقۇقىنىڭ داۋاملىشىشىدا قانۇن بويىچە چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمايدۇ. كېپىللىككە بېرىلگەن نەرسە ھوقۇقى كېپىللىك بەرگەن ھەقدارلىقنىڭ دەۋا ۋاقىت چېكى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، كېپىللىك ھوقۇقىغا ئىگە كىشى دەۋا ۋاقىت چېكى ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە، كېپىللىككە بېرىلگەن نەرسە ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كېرەك. 

ئىككىنچى كاپالەت قىسمى ھەققىدىكى ئىزاھات

13-مادداكاپالەت توختامىدا كاپالەت بەرگۈچى قەرزنى پۇلىدىن باشقا نەرسە بىلەن ۋاكالىتەن تۆلەش پۈتۈشۈلگەندە، كاپالەت بەرگۈچى ئۇنى ۋاكالىتەن تۆلىيەلمەي، ھەقدار زىيانغا ئۇچرىسا، كاپالەت بەرگۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

14-ماددا ۋاكالىتەن تولۇق تۆلەپ بېرىش ئىقتىدارى بولمىغان قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار ياكى تەبىئىي شەخسلەر كاپالەت بەرگۈچى سالاھىيىتى بىلەن كاپالەت توختامى تۈزۈشكەندىن كېيىن، ۋاكالىتەن تۆلەش ئىقتىدارىم يوق، دەپ كاپالەت جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشنىمۇ تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ. 

15-ماددا كېپىللىك قانۇنىنىڭ 7-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن باشقا تەشكىلاتلار ئاساسلىقى:1) قانۇن بويىچە تىزىملىتىپ تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئالغان شېرىكسىز كارخانىلار، شېرىك كارخانىلار؛<2) قانۇن بويىچە تىزىملىتىپ تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئالغان بىرلەشمە كارخانىلار؛

3) قانۇن بويىچە تىزىملىتىپ تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئالغان جۇڭگ-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار؛4) خەلق ئىشلىرى تارمىقى تەستىقلاپ تىزىملىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار؛5) تەستىق بىلەن تىجارەت گۇۋاھنامىسى ئالغان يېزا-بازار، مەھەللە، كەنت كارخانىلىرى

16-ماددا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار كاپالەت بەرگۈچى بولغاندا، كاپالەت توختامىنىڭ كۈچكە ئىگە بولماسلىقىنى پەيدا قىلىدىغان باشقا ئەھۋال بولمىسا، ئۇلارنىڭ كاپالەت توختامىنى كۈچكە ئىگە دەپ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. 

17-ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ تارماق ئاپپاراتى قانۇنىي ئىگىدىن يازما ھوقۇق ئالماي تۇرۇپ كاپالەت بەرسە، كاپالەت توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.  بۇنىڭلىق بىلەن ھەقدار زىيانغا ئۇچراتسا، كېپىللىك قانۇنى 5-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ تارماق ئاپپارتى قانۇنىي ئىگىدىن يازما ھوقۇق ئېلىپ كاپالەت بەرگەندە، قانۇنىي ئىگىنىڭ بەرگەن يازما ھوقۇق دائىرىسى ئېنىق بولمىسا، قانۇنىي ئىگىنىڭ تارماق ئاپپاراتى قانۇنىي ئىگىدىن يازما ھوقۇق ئېلىپ كاپالەت بەرگەندە، قانۇنىي ئىگىنىڭ يازما ھوقۇق دائىرىسى ئېنىق بولمىسا، قانۇنىي ئىگىنىڭ تارماق ئاپپاراتى كاپالەت توختامىدا پۈتۈشكەن ھەممە قەرز ئۈچۈن كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە كاپالىتى كۈچكە ئىگە بولمىغاندىن كېيىن، ئۈستىگە ئالىدىغان كاپالەت جاۋابكارلىقىنى تارماق ئاپپارات ئۆزى باشقۇرىدىغان مال-مۈلۈك بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ.  كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ خاتالىقى بولسا، كېپىللىك قانۇنىنىڭ 29-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ

18-ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ فۇنكسىيىلىك تارمىقى كاپالەت بەرسە، كاپالەت توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.  ھەقدار كاپالەت بەرگۈچىنىڭ كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ فۇنكسىيىلىك تارمىقى ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بولسا ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، بۇنىڭلىق بىلەن زىياننى ھەقدار ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.  ھەقدار كاپالەت بەرگۈچىنىڭ كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ فۇنكسىيىلىك تارمىقى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان بولسا، بۇنىڭلىق بىلەن بولغان زىيان كېپىللىك قانۇنى 5-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى ۋە 29-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 

19-ماددا كاپالەت بەرگۈچى ئىككىدىن ئارتۇق كىشى بىر قەرزگە بىر ۋاقىتتا ياكى ئايرىم-ئايرىم كاپالەت بەرگەندە، كاپالەت بەرگۈچىلەر بىلەن ھەقدار كاپالەت ئۈلۈشىنى پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۇنى چاتما ئورتاق جاۋابكارلىق دەپ ھېسابلاش لازىم. چاتما ئورتاق كاپالەت بەرگۈچىلەر كاپالەت ئۈلۈشىنى ئۆزائارا پۈتۈشكىنى بويىچە ئۈستىگە ئېلىپ ھەقدار بىلەن قارشىلاشسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ. 

20-ماددا چاتما ئورتاق كاپالەت بەرگەن قەرزدارلار ئاساسىي توختامدا بەلگىلەنگەن قەرز تۆلەش مۇددىتى توشقاندا قەرزنى تۆلىمىسە، ھەقدار قەرزداردىن قەرزنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، كاپالەت بەرگۈچى ھەرقانداق كىشىدىن ھەممە كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. چاتما ئورتاق كاپالەت بەرگۈچىلەر كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، قەرزداردىن تۆلىتەلمىگەن قەرزنى چاتما كاپالەت بەرگۈچىلەر ئىچكى قىسمىدا پۈتۈشكەن نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.  پۈتۈشمىگەن بولسا، تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ. 21-ماددا ئۈلۈش بويىچە ئورتاق كاپالەت بەرگۈچىلەر كاپالەت توختامىدا پۈتۈشكەن كاپالەت ئۈلۈشى بويىچە كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كاپالەت دائىرىسىدە قەرزداردىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ

22-ماددا 3-كىشى ھەقدارغا ئۆز ئالدىغا يازما كاپالەتنامە بەرگەندە، ھەقدار قوبۇل قىلغان ھەمدە باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسا، كاپالەت توختامى پۈتكەن بولىدۇ. ئاساسىي توختامدا كاپالەتكە ئائىت ماددىلار بولمىسىمۇ، كاپالەت بەرگۈچى ئاساسىي توختامغا كاپالەت بەرگۈچى سالاھىيىتى بىلەن قويغان ياكى تامغا باسقان بولسا، كاپالەت توختامى تۈزۈشتى دەپ ھېسابلىنىدۇ. 

23-ماددا ئەڭ يۇقىرى ئۈلۈشلۈك كاپالەت توختامىدا مۇئەييەنسىز ھەقدارلىق بېكىتىلگەندىن كېيىن، كاپالەت بەرگۈچى ئەڭ يۇقىرى ھەقدارلىق ئۈلۈشى دائىرىسىدە مەلۇم مەزگىلدە ئۇدا پەيدا بولغان ھەقدارلىق ئۈلۈشى ئۈچۈن كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم

24-ماددا ئادەتتىكىدەك كاپالەت بەرگۈچى ئاساسىي ھەقدارلىق سۈرۈكى توشقاندىن كېيىن، ھەقدارغا قەرزدارنىڭ ئىجرا قىلغۇدەك مال-مۈلكى بارلىقى ھەققىدە ھەقىقىي ئەھۋالنى يەتكۈزگەندە، ھەقدار ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتىن ۋاز كەچكەنلىكتىن ياكى سۇسلۇق قىلغانلىقتىن بۇ مال-مۈلۈكنى ئىجرا قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋال تۇغۇلسا، كاپالەت بەرگۈچى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۆزى تەمىنلىگەن ئىجرا قىلغۇدەك مال-مۈلكىنىڭ ئەمەلىي قىممىتى دائىرىسىدە كاپالەت جاۋابكارلىقىدىن كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

25-ماددا كېپىللىك قانۇنى 17-ماددىسىنىڭ 3-تارماق (1) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن ھەقدار قەرزداردىن تۆلەشنى تەلەپ قىلغاندا، تۇغۇلغان زور قىيىنچىلىق قەرزدارنىڭ ئىز-دېرىكى بولماسلىق، ئۇ چېگرا سىرتىغا كۆچۈپ كېتىش ھەمدە ئىجرا قىلغۇدەك مال-مۈلۈك بولماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

26-ماددا 3-كىشى ھەقدارغا مەخسۇس پۇلنى مەخسۇس ئىشلىتىشكە نازارەت قىلىدىغانلىق ھەققىدە كاپالەت بەرگەندە، مۇشۇ نازارەتچىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، باشقا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.  بۇ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي مەبلەغ ئېقىپ كەتسە، ئېقىپ كەتكەن مەبلەغ ئۈچۈن قوشۇمچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

27-ماددا كاپالەت بەرگۈچى قەرزدارنىڭ رويىخەتتىكى مەبلىغىگە كاپالەت بەرگەندە قەرزدارنىڭ ئەمەلىي سالغان مەبلىغى رويىخەتتىكى مەبلىغىگە مۇۋاپىق كەلمىسە ياكى ئۇ رويىخەتتىكى مەبلىغىنى ئېپقاچسا، يۆتكىۋەتسە، كاپالەت بەرگۈچى رويىخگتتىكى مەبلەغ يېتىشمىگەن ياكى ئېپقاچقان، يۆتكىۋەتكەن دائىرىدە چاتما كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ

28-ماددا كاپالەت بەرگەن مەزگىلدە، ھەقدارلار ئاساسىي ھەقدارلىقنى 3-كىشىگە قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كاپالەت ھەقدارلىقىنىمۇ ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا، كاپالەت بەرگۈچى ئەسلىدىكى كاپالەت كېپىللىكى دائىرىسىدە ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى ئالدىدا كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.  لېكىن، كاپالەت بەرگۈچى بىلەن ھەقدار مۇئەييەن ھەقدار ئالدىدىلا كاپالەت جاۋابكالرىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ياكى ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى مەنئى قىلىشنى ئالدىن پۈتۈشكەن بولسا، كاپالەت بەرگۈچى كاپالەت جاۋابكارلىقىنى قايتا ئۈستىگە ئالمايدۇ

29-ماددا كاپالەت بەرگۈچى مەزگىلدە، ھەقدار قەرزدارنىڭ بىر قىسىم قەرزىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە ئىجازەت بېرىشتە كاپالەت بەرگۈچىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالمىغاندا، كاپالەت بەرگۈچى ئۆزىنىڭ ماقۇللۇقى ئېلىنماي ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن بىر قىسىم قەز ئۈچۈن كاپالەت جاۋابكارلىقىنى قايتا ئۈستىگە ئالمايدۇ.  بىراق، كاپالەت بەرگۈچى ئۆتۈنۈپ بېرىلمىگەن قەرز ئۈچۈن كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم

30-ماددا كاپالەت بەرگەن مەزگىلدە، ھەقدار بىلەن قەرزدار ئاساسىي توختامدىكى مىقدار، مال پۇلى، پۇل تۈرى، ئۆسۈم نىسبىتى قاتارلىق مەزۇنلارنى ئۆزگەرتىپ، كاپالەت بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىغاندا، قەرزدارنىڭ قەرزى ئازىيىپ كەتسە، كاپالەت بەرگۈچى ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى توختام ئۈچۈن يەنىلا كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم؛ قەرزدارنىڭ قەرزى كۆپىيىپ كەتسە، كاپالەت بەرگۈچى كۆپىيىپ كەتكەن قىسمى ئۈچۈن كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ھەقدار بىلەن قەرزدار ئاساسىي توختامنى ئاداقىلىش مۆھلىتىنى ئۆزگرتىپ، كاپالەت بەرگۈچىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالمىغان بولسا، كاپالەت سۈرۈكى ئەسلىي توختامدا پۈتۈشكەن ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك بولىدۇ. ھەقدار بىلەن قەرزدار توختام مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشنى كېلىشكەن بولسىمۇ، ئۇنى ئەمەلىي ئىجرا قىلمىغان بولسا، كاپالەت بەرگۈچى يەنىلا كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

31-ماددا كاپالەت سۈرۈكىدە، ھەرقانداق سەۋەب بىلەن سۈرۈك ئۈزۈلۈپ قېلىش، توختاپ قېلىش، ئۇزارتىشتەك قانۇن ئاقىۋىتى تۇغۇلمايدۇ. 

32-ماددا كاپالەت توختامىدا پۈتۈشكەن كاپالەت سۈرۈكى ئاساسىي قەرزنى تۆلەش مۆھلىتىدىن بالدۇر بولۇپ قالسا ياكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولۇپ قالسا، پۈتۈشمىدى دەپ ھېسابلىنىدۇ، كاپالەت سۈرۈكى ئاساسىي قەرزنى تۆلەش سۈرۈكى توشقان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي بولىدۇ. كاپالەت توختامىدا كاپالەت بەرگۈچى كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئاساسىي قەرزنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇپ بولغانغا قەدەر ئۈستىگە ئالىدۇ دېگەندەك مەزمۇنلار پۈتۈشۈلگەن بولسا، پۈتۈن ئېنىق بولمىغان دەپ قارىلىدۇ.  كاپالەت سۈرۈكى ئاساسىي قەرزنى تۆلەش سۈرۈكى توشقان كۈندىن باشلاپ ئىككى يىل بولىدۇ. 

33-ماددا ئاساسىي توختامدا ئاساسىي قەرزنى تۆلەش مۆھلىتى پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق بولمىغان بولسا، كاپالەت سۈرۈكى ھەقدار قەرزدارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا بەرگەن مۆھلەت چېكى توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. 

34-ماددا ئادەتتىكىدەك كاپالەتتىكى ھەقدار كاپالەت سۈرۈكى توشۇشتىن ئىلگىرى قەرزدار ئۈستىدە دەۋا قىلسا ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا، ھۆكۈم ياكى كېسىم قارارى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ كاپالەت توختامىنىڭ دەۋا ۋاقىت چېكى ھېسابلىنىدۇ. چاتما جاۋابكارلىق كاپالىتىدىكى ھەقدار كاپالەت سۈرۈكى توشۇشتىن ئىلگىرى كاپالەت بەرگۈچىدىن كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، ھەقدار كاپالەت بەرگۈچىدىن كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىەە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان كۈندىن باشلاپ كاپالەت توختامىنىڭ دەۋا ۋاقىت چېكى ھېسابلىنىدۇ. 

35-ماددا كاپالەت بەرگۈچى دەۋا ۋاقىت چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن قەرزدە كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالسا ياكى كېپىللىك بەرسە، يەنە كېلىپ دەۋا ۋاقىت چېكىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ دېگەن ئاساس بىلەن رەددىيە بەرسە، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ. 

36-ماددا ئادەتتىكىدەك كاپالەتتە، ئاساسىي قەرزدارلىقنىڭ دەۋا ۋاقىت چېكى ئۈزۈلۈپ قالغاندا، كاپالەت بېرىلگەن قەرزدارلىقنىڭ ۋاقىت چېكى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ؛ چاتما جاۋابكارلىق كاپالىتىدە، ئاساسىي قەرزدارلىقنىڭ دەۋا ۋاقىت چېكى ئۈزۈلۈپ قالغاند،ا كاپالەت بېرىلگەن قەرزدارلىقنىڭ دەۋا ۋاقىت چېكى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئادەتتىكىدەك كاپالەت چاتما جاۋابكارلىق پائالىيىتىدە، ئاساسىي قەرزدارلىقنىڭ دەۋا ۋاقىت چېكى توختاپ قالسا، كاپالەت بېرىلگەن قەرزدارلىقنىڭ دۋا ۋاقىت چېكىمۇ توختاپ قالىدۇ. 

37-ماددا ئەڭ يۇقىرى ئۈلۈشلۈك كاپالەت توختامىدا كاپالەت سۈرۈكى پۈتۈشەلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشەلمىگەندە، ئەڭ يۇقىرى ئۈلۈشلۈك كاپالەت توختامىدا كاپالەت بەرگۈچىنىڭ قەرزنى ئۈزۈش مۆھلىتى پۈتۈشۈلگەن بولسا، كاپالەت سۈرۈكى قەرزنى ئۈزۈش مۆھلىتى توشقان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي بولىدۇ.  قەرزنى ئۈزۈش مۆھلىتى پۈتۈشەلمىگەن بولسا، كاپالەت سۈرۈكى ئەڭ يۇقىرى ئۈلۈشلۈك كاپالەت ئاياغلاشقان كۈنى ياكى ھەقدار كاپالەت بەرگۈچىنىڭ كاپالەت توختامىنى ئاياغلاشتۇرۇش ھەققىدىكى يازما ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي بولىدۇ

38-ماددا بىر ھەقدارلىقتا كاپالەتمۇ بېرىلگەن، 3-كىشى نەرسە ئارقىلىق كېپىللىكمۇ بەرگەن بولسا، ھەقدار كاپالەت بەرگۈچى ياكى نەرسە ئارقىلىق كېپىللىك بەرگۈچىدىن كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.  ئالاقىدارلار كاپالەت كېپىللىكىنىڭ دائىرىسى ياكى نەرسە ئارقىلىق بېرىلگەن كېپىللىكنىڭ دائىرىسىنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغۇچى ئۇنى قەرزداردىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.  باشقا كېپىللىك بەرگۈچىلەردىن ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان ئۈلۈشنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. بىر ھەقدارلىقتا كاپالەتمۇ بېرىلگەن، نەرسە ئارقىلىق كېپىللىكمۇ بېرىلگەندە، نەرسە ئارقىلىق بېرىلگەن كېپىللىك توختامى كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە ياكى كۈچتىن قالدۇرۇلسا ۋە ياكى كېپىللىككە بېرىلگەن نەرسە يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن يېتىپ كېتىپ، ئۇنىڭغا توغرا كېلدىغان نەرسە چىقمىسا، كاپالەت بەرگۈچى يەنىلا توختامدىكى پۈتۈم ياكى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. ھەقدار ئاساسىي توختامنى ئادا قىلىش مۆھلىتى توشقاندىن كېيىن كېپىللىككە بېرىلگەن نەرسە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە سۇسلۇق قىلغانلىقتىن، كېپىللىككە بېرىلگەن نەرسىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتسە ياكى ئۇ زىيانغا ئۇچرىسا، يېتىپ كەتسە، ھەقدار نەرسە كېپىللىكىنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسىدىن ۋاز كەچتى دەپ قارىلىدۇ. كاپالەت بەرگۈچىنىڭ كاپالەت جاۋابكارلىقى ھەقدارنىڭ ۋاز كەچكەن ھوقۇق دائىرىسىدە يېنىكلەيدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

39-ماددا ئاساسىي توختام تۈزۈشكۈچى ئىككى تەرەپ كونا قەرزنى يېڭى قەرز ئارقىلىق قايتۇرۇش كېلىشىمى تۈزگەن بولسا، كاپالەت بەرگۈچى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كاپالەت بەرگۈچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. يېڭى قەرز بىلەن كونا قەرزگە بىر ئادەم كاپالەت بەرگەن بولسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ

40-ماددا ئاساسىي توختامدىكى نقەرزدار ئالداش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، كاپالەت بەرگۈچىگە ھەقىقىي مەقسىتىگە خىلاپ ھالدا كاپالەت بەرگۈزگەندە، ھەقدار ئالدىغانلىق، تەھدىت سالغانلىقنى بىلگەن بولسا ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، كېپىللىك قانۇنىنىڭ 30-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپقىلىنىدۇ. 

41-ماددا قەزدار بىلەن كاپالەت بەرگۈچى ھەقدارنى بىرلىكتە ئالداپ ، ئاساسىي توختام ۋە كاپالەت توختامى تۈزگەن بولسا، ھەقدار خەلق سوت مەھكمىسىدىن بۇنى كۈچتىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.  بۇنىڭلىق بىلەن ھەقدارنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، كاپالەت بەرگۈچى بىلەن قەرزدار چاتما تۆلەم جاۋابكارىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

42-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى كاپالەت بەرگۈچىگە كاپالەت جاۋابكارلىقى ياكى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھۆكۈم قىلغاندا، ھۆكۈمنامىنىڭ ئاساسىي قىسمىدا كاپالەت بەرگۈچىنىڭ كېپىللىك قانۇنىنىڭ 31-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.  ھۆكۈمنامىدە تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقى ئايدىڭلاشتۇرۇلمىغان بولسا، كاپالەت بەرگۈچى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان پاكىتقا بىنائەن، ئايرىم دەۋا قىلالايدۇ. كاپالەت بەرگۈچىنىڭ قەرزداردىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش دەۋا ۋاقىت چېكى كاپالەت بەرگۈچى ھەقدار ئالدىدا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. 

43-ماددا كاپالەت بەرگۈچى كاپالەت جاۋبكارلىىنى ئۆزلۈكىدىن ئۈستىگە ئالغاندا، ئۇنىڭ ئەمەلىي تۆلىگىنى ھەقدارلىق ھوقۇق دائىرىسىدىكىسىدىن جىق بولسا، كاپالەت بەرگۈچى ئاساسىي ھەقدارلىق دائىرىسىدىلا قەرزدار ئالدىدا تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. 

44-ماددا كااپلەت بەرگەن سۈرۈكتە، خەلق سوت مەھكىمىسى قەرزدارنىڭ ۋەيرانچىلىق دېلوسىنى قوبۇل قىلغان بولسا، ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلسىمۇ، كاپالەت بەرگۈچى ئالدىدا ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسىمۇ بولىۋېرىدۇ.  

ھەقدار ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ۋەيرانچىلىق تەرتىپىدە تۆلىتۋالالمىغان قىسمى ئۈچۈن كاپالەت بەرگۈچى يەنىلا كاپالەت جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش ھەققىدىكى تەلىپىنى ۋەيرانچىلىق تەرتىپى ئاياغلىشىپ ئالتە ئاي ئىچىدە قويۇشى لازىم.  

45-ماددا ھەقدار قەرزدارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى بىلگەندە ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغاندا، ھەقدارلىقنىمۇ مەلۇم قىلمىغانلىقتىن، كاپالەت بەرگۈچىگىمۇ ئۇقتۇرۇش قىلمىغانلىقتىن، كاپالەت بەرگۈچى تۆلىتىېۋېلىش ھوقۇقىنى ئالدىن يۈرگۈزەلمىسە، كاپالەت بەرگۈچى شۇ ھەقدارلىقنىڭ ۋەيرانچىلىق تەرتىپىدە تۆلىتىۋېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان دائىرىدە كاپالەت جاۋابكارلىقىدىن خالىي بولىدۇ. 

46-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قەرزدارنىڭ ۋەيرانچىلىق دېلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ھەقدار ھەقدارلىقىنى مەلۇم قىلمىغاندا، چاتما ئورتاق كاپالەت بەرگۈچىلەر بىر سۇبيېكت سۈپىتىدەھەقدارلىقنى مەلۇم قىلسا، تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى ئالدىن يۈرگۈزىدۇ. 

ئۈچىنچى رەنە قىسمى ھەققىدىكى ئىزاھات

47-ماددا تېخى پۈتمىگەن سېلىنىۋاتقان ئۆي ياكى باشقا ئىمارەتلەرنى رەنىگە قويۇش قانۇن بويىچە تەستىقلىغاندا، ئالاقىدارلار رەنىگە قويىدىغان نەرسىنى تىزىملاتقان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى رەنىگە كۈچكە ئىگە دەپ مۇقىملاشتۇرسا بولىدۇ

48-مادداقانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قانۇنغا، قائىدىگە خىلاپ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئىمارەت رەنىگە قويۇلغان بولسا، رەنە كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 

49-ماددا ھوقۇق گۇۋاھنامىسى تېخى بېجىرىلمىگەن مال-مۈلۈك رەنىگە قويۇلغاندا بىرىنچى سوتتىكى مۇنازىرە ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن ھوقۇق گۇۋاھنامىسىنى يەتكۈزۈپ بېرەلىسە ياكى تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى تولۇقلىيالىسا، گۆرۈ كۈچكە ئىگە دەپ مۇقىملاشتۇرۇلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار رەنىگە قويىدىغان نەرسىنى تىزىملاتمىغان بولسا، 3-كىشى بىلەن قارشىلىشىقا بولمايدۇ. 

50-ماددا كېپىلىك قانۇنى 34-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن مال-مۈلۈك بىراقلا رەنىگە قويۇلغان بولسا، رەنىگە قويۇلغان مال-مۈلۈكنىڭ دائىرىسىدە تىزىملانغان، مال-مۈلۈك ئۆلچەم قىلىنىشى لازىم.  رەنىگە قويۇلغان مال-مۈلۈكنىڭ قىممىتى رەنە ھوقۇقى ئەمەلگە ئاشقاندا بېكىتىلىدۇ. 

51-ماددا رەنىگە قويغۇچى كېپىللىك بەرگەن ھەقدارلىق ئۇ رەنىگە قويغان نەرسە قىممىتىدىن ئېشىپ كەتسە، ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئالدىن تۆلىتىۋېلىش كۈچىگە ئىگە بولالمايدۇ.  

52-ماددا ئالاقىدارلار دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى بىلەن ئۇ تېخى ئايرىلمىغان يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى تەڭ رەنىگە قويسا، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قىسمىنى رەنىگە قويۇشى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 

53-ماددا مەكتەپ، بالىلار باغچىسى، دوختۇرخانا قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقىنى مەقسەت قىلىدىغان كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ مائارىپ، ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى ۋە جامائەت پاراۋانلىقى ئەسلىھەلىرىدىن باشقا مال-مۈلۈكنى قەرزى ئۈچۈن رەنىگە قويماقچى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى كۈچكە ئىگە دەپ مۇقىملاشتۇرسا بولىدۇ. 

54-ماددا ئۈلۈشى بويىچە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان مال-مۈلۈكتىن بەھرىمەن بولىدىغان ئۈلۈشنى رەنىگە قويماقچى بولسا، ئۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بىرلىكتە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان مال-مۈلۈكنى رەنىگە قويماقچى بولغاندا، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان باشقا كىشىلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمىسا، ئۇ كۈچىگە ئىگە بولمايدۇ. لېكىن، باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسا، قوشۇلدى دەپ قارىلىپ، رەنە كۈچكە ئىگە بولىدۇ

55-ماددا رەنىگە قويۇلغان مال-مۈلۈككە پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق ئامان ساقلاش ياكى ئىجرا قىلىش تەدبىرلىرى قوللىنىلسا، رەنە ھوقۇقىنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. 

56-ماددا رەنە توختامىدا كېپىللىككە ئېلىنغان ئاساسىي ھەقدارلىقنىڭ تۈرى، رەنىگە قويۇلىدىغان مال-مۈلۈك پۈتۈشەلمىگەندە ياكى ئېنىق پۈتۈشەلمىگەندە، ئاساسىي توختام ۋە رەنە توختامىغا ئاساسەن ئۇنى تولۇقلىغىلى ياكى پەرەز بىلەن بېكىتكىلى بولمىسا، رەنىگە قويغان ھېسابلانمايدۇ. قانۇندا تىزىملاتقان كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن رەنە توختامى تۈزۈلگەندىن كېيىن، رەنىگە قويغۇچى سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ رەنىنى تىزىملاتمىغانلىقتىن، ھەقدار زىيانغا ئۇچرىسا، رەنىگە قويغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

57-ماددا ئالاقىدارلار رەنە توختامىدا قەرز تۆلەش مۆھلىتى توشقاندا، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى قەرزنى تۆلىتەلمىگەندە، رەنىگە قويۇلغان نەرسىگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى ھەقدارغا ئۆتىدۇ، دەپ پۈتشكەن مەزمۇن كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.  بۇ مەزمۇننىڭ كۈچكە ئىگە بولماسلىقى رەنە توختامىنىڭ باشقا قىسىملىرىنىڭ مەزمۇنىنىڭ كۈچىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. قەرز تۆلەش مۆھلىتى توشقاندا رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى تۆلىتەلمىگەندە، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى بىلەن رەنىگە قويغۇچى رەنىگە قويغان نەرسىگە ئۇنى باھاغا سۇندۇرۇش يولى بىلەن ئېرىشىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزسە بولىدۇ.  بىراق، رەتنىڭ ئاقىرىدىكى كېپىللىككە بېرىلگەن نەرسە ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر ۋە باشقا ھەقدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتسا، خەلق سوت مەھكىمىسى توختام قانۇنىنىڭ 74 -، 75ماددىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىنى تەتبىقلىسا بولىدۇ. 

58-ماددا ئالاقىدار رەنىگە قويىدىغان نەرسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تىزىملىغۇچى ئورگاندىن بىرنەچچىسىگە بىر كۈندە تىزىملاتسا، ئۇنىڭ رەت تەرتىپى ئوخشاش دەپ قارىلىدۇ. تىزىملىغۇچى ئورگاننىڭ سەۋەبىدىن رەنىگە قويىدىغان نەرسە ئۇدا تىزىملىنىپ قالغاندا، رەنىگە قويىدىغان نەرسىنى 1-قېتىم تىزىملىغان ۋاقىت رەنىگە قويۇشنى تىزىملىغان ۋاقىت دەپ قارىلىد ھەمدە رەنە ھوقۇقى رەت تەرتىپى مۇشۇنىڭغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ

59-ماددا ئالاقىدارلار رەنىگە قويىدىغان نەرسىنى تىزىملىتىشتا، تىزىملىغۇچى تارماقنىڭ سەۋەبىدىن تىزىملىتالماي، رەنىگە قويغۇچى ھەقدارغا ھوقۇق ئىسپاتىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسا، ھەقدار شۇ مال-مۈلۈكتە ئالدىن تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ مۇقىملاشتۇرۇلسا بولىدۇ.  لېكىن، رەنىگە قويىدىغان نەرسىنى تىزىملاتمىغان بولسا، 3-كىشى بىلەن قارشىلىشىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

60-ماددا كېپىللىك قانۇنى 42-ماددىسىنىڭ (2) تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن تۇراقسىز مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشتا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تىزىملىغۇچى ئورگاننى بەلگىلىمىگەنلىكتىن، ئالاقىدار يەر باشقۇرغۇچى تارماق ياكى ئۆي-مۈلۈك باشقۇرغۇچى تارماققا بېرىپ رەنىگە قويىدىغان نەرسىنى تىزىملاتقان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلارنىڭ تىزىملىتىشىنى كۈچكە ئىگە دەپ مۇئەييەنلەنشتۈرسە بولىدۇ. 

61-ماددا رەنىگە قويىدىغان نەرسىنى تىزىملىغان مەزمۇن بىلەن رەنە توختامىدا پۈتۈشكەن مەزمۇن بىردەك بولمىغاندا، تىزىملىغان مەزمۇن ئۆلچەم قىلىنىدۇ. 

62-ماددا رەنىگە قويغان نەرسە بىرىكمە، ئارىلاشما نەرسە بولغانلىقتىن ياكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەنلىكتىن ئۇنىڭغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى 3-كىشىگە ئۆتۈپ كەتسە، رەنە ھوقۇقىنىڭ كۈچى تولۇقلىما پۇل تۆلەشكە ئۆزگىرىدۇ؛ رەنىگە قويغان نەرسىگە ئىگىدارلىق قىلغۇچى بىرىكمە نەرسە، ئارىلاشما نەرسە ياكى پىششىقلانغان نەرسىگە ئىگىدارىلق قىلغۇچى بولسا، رەنە ھوقۇقىنىڭ كۈچى بىرىكمە نەرسە، ئارىلاشما نەرسە ياكى پىششىقلانغان نەرسىگە ئىگىدارلىق قىلىشقا ئۆزگىرىدۇ؛ 3-كىشى بىلەن رەنىگە قويغان نەرسىگە ئىگىدارلىق قىلغۇچى بىرىكمە نەرسە، ئارىلاشما نەرسە ياكى پىششىقلانغان نەرسىگە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچى بولسا، رەنە ھوقۇقىنىڭ كۈچى رەنىگە قويغۇچى ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان نەرسىدە بەھرىمەن بولىدىغان ئۈلۈشىگە ئىگىدارلىق قىلىشقا ئۆزگىرىدۇ

63-ماددا رەنە ھوقۇقى بېكىتىلىشتىن بۇرۇن رەنىگە قويغان نەرسە ئۇنىڭغا قوشۇمچە نەرسە بولسا، رەنە ھوقۇقىنىڭ كۈچى رەنىگە قويغان نەرسىنىڭ قوشۇمچە نەرسىسىگە ئۆزگىرىدۇ.  بىراق، رەنىگە قويغان نەرسە بىلەن ئۇنىڭغا قوشۇمچە نەرسىگە ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم ئايرىم-ئايرىم ئىگىدارلىق قىلغاندا، رەنە ھوقۇقىنىڭ كۈچى رەنىگە قويغان نەرسىنىڭ قوشۇمچە نەرسىسىگە ئۆزگەرمەيدۇ. 

64-ماددا قەرز تۆلەش مۆھلىتى توشسىمۇ قەرزدار قەرزنى تۆلىمىگەنلىكتىن رەنىگە قويغان نەرسىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالغاندا، تۇتۇپ قالغان كۈندىن باشلاپ رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئالغان رەنە قويغان نەرسىنىڭ تەبىئىي ۋە قانۇندا بەلگىلەگەن ھاسىلاتى تۆۋەندىكى رەت تەرتىپى بويىچە تۆلىنىدۇ:1) ھاسىلات ئېلىش خىراجىتى؛2) ئاساسىي ھەقدارلىقنىڭ ئۆسۈمى؛3) ئاساسىي ھەقدارلىق

65-ماددا رەنىگە قويغۇچى ئىجازەت بېرىۋەتكەن مال-مۈلۈكنى رەنىگە قويغان بولسا، رەنە ھوقۇقى ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، ئىجارە توختامى كۈچكە ئىگە مۇددەتتە رەنىگە قويغان نەرسە ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچىگە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

66-ماددا رەنىگە قويغۇچى رەنىگە قويغان مال-مۈلۈكنى ئىجارە بەرسە، رەنە ھوقۇقى ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، ئىجارە توختامىنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچىگە نىسبەتەن چەكلەش كۈچى بولمايدۇ. رەنە قويغۇچى رەنە قويغان مال-مۈلۈكنى ئىجارە بېرىشتە، رەنىگە قويغۇچى ئىجارە ئالغۇچىغا شۇ مال-مۈلۈكنى رەنىگە قويغانلىقىنى يازما ئۇقتۇرۇش قىلمىسا، رەنىگە قويغۇچى رەنىگە قويغان نەرسىنى ئىجارە بېرىپ، ئىجارە ئالغۇچى ئۇچرىغان زىيان ئۈچۈن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ رەنىگە قويغۇچى ئىجارە ئالغۇچىغا شۇ مال-مۈلۈكنى رەنىگە قويغانلىقىنى يازما ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسا، رەنە ھوقۇقى ئەمەلگە ئاشقاندا ئۇچرىغان زىياننى ئىجارە ئالغۇچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

67-ماددا رەنە ھوقۇقى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، رەنىگە قويغۇچى رەنىگە قويغان نەرسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشىگە ئۇقتۇرۇش قىلمىغاندا ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچىگە خەۋەر قىلمىغاندا، رەنىگە قويغان نەرسىگە تىزىملىىلغان بولسا، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى رەنە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈۋەرسە بولىدۇ؛ رەنىگە قويغان نەرسىگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكۈچىلەر قەرزدارنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭ ھەممە قەرزىنى تۆلەپ، رەنە ھوقۇقىنى يوقاتسا بولىدۇ.  ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى قەرزنى تۆلىگەندىن كېيىن ئۇنى رەنىگە قويغۇچىدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ. رەنىگە قويغان نەرسە تىزىملىتىلمىغان بولسا، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى بىلەن قارشىلاشسا بولمايدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، رەنىگە قويغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ

68-ماددا رەنىگە قويغان نەرسىگە قانۇن بويىچە ۋارىسلىق قىلىنسا ياكى ئۇ ھەدىيە قىلىنسا، رەنە ھوقۇقى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. 

69-ماددا قەرزدارنىڭ ئادەتتىكىدەك بىرقانچە ھەقدارى بولۇپ، قەرزنى تۆلەشتە، قەرزدار مەلۇم بىر ھەقدار بىلەن يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قسىمىنى شۇ ھەقدارغا رەنىگە قويۇۋېتىپ، باشقا قەرزنى تۆلەش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، باشقا ھەقدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنەپئىتىنى زىيانغا ئۇچراتسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شۇ رەنىگە قويۇش ھەرىكىتىنى كۈچتىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

70-ماددا رەنىگە قويغۇچىنىڭ ھەرىكىتى رەنىگە قويغان نەرسە قىسمىنى چۈشۈرۈۋېتىدىغان بولغانلىقتىن، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى رەنىگە قويغۇچىدىن ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندا ياكى كېپىللىك بەرسە رەت قىلغاندا، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى قەرزداردىن قەرزنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، رەنە ھوقۇقىنى ئالدىن يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. ; 

71-ماددا ئاساسىي ھەقدارلىق تولۇق تۆلىتىۋېلىنمىغاندا، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى رەنىگە قويغان نەرسىنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ رەنە ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ. رەنىگە قويغان نەرسە پارچىلىۋېتىلگەن ياكى قىسمەن ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن بولسا، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى پارچىلىۋېتىلگەن ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندىن كېيىنكى رەنىگە قويۇلغان نەرسىدە رەنە ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ. 

72-ماددا ئاساسىي ھەقدارلىق پارچىلىۋېتىلگەن ياكى قىسمەن ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن بولسا، ھەقدارلار ئۆزى بەھرىمەن بولىدىغان ھەقدارلىق ئۈلۈشىدە رەنە ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بلىدۇ. ئاساسىي قەرزدارلىق پارچىلىۋېتىلگەن ياكى قىسمەن ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن بولسا، رەنىگە قويغۇچى يەنىلا ئۆزى رەنىگە قويغان نەرسە بىلەن بىرنەچچە قەرزدارنىڭ قەرزىنى تۆلىشىگە كېپىللىك بەرسە بولىدۇ.  بىراق، 3-كىشى رەنىگە قويغاندا، ھەقدار قەرزدارنىڭ قەرزىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە ئىجازەر بېرىشتە رەنىگە قويغۇچىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئالمىغان بولسا، رەنىگە قويغۇچى ئۆتۈنۈشكە ئۆزى قوشۇلمىغان قەرزدە كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى قايتا ئۈستىگە ئالمايدۇ.  

73-ماددا رەنىگە قويغان نەرسىنى سۇندۇرغان باھا ياكى رەنىگە قويغان نەرسىنى كىم ئارتۇق سودىسى قىلىپ ساتقان، سېتىۋەتكەن باھا رەنەھوقۇقىنى بېكىتكەندە پۈتۈشكەن قىممەتتىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، رەنىگە قويغان نەرسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقان قىممىتى بويىچە تۆلەش لازىم. تۆلەشكە يەتمەي قالغان قىسمىنى قەرزدار تۆلەيدۇ. 

74-ماددا رەنىگە قويغان نەرسىنى سۇندۇرغان باھا ياكى كىم ئارتۇق سودىسى قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ ئېرىشكەن پۇل ھەققىدە ئالاقىدارلار پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۇ تۆۋەندىكى رەت تەرتىپى بويىچە تۆلىتىلىدۇ:

1) رەنە ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خىراجىتى؛

2) ئاساسىي ھەقدارلىقنىڭ ئۆسۈمى؛

3) ئاساسىي ھەقدارلىق. 

75-ماددا بىر ھەقدارلىقتا ئىككىدىن ئارتۇق رەنىگە قويغۇچى بولغاندا، ھەقدار قەرزدارنىڭ رەنە كېپىللىكىدىن ۋاز كەچكەن بولسا، باشقا رەنىگە قويغۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۆزىنىڭ كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى يېنىلىتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. بىر ھەقدارلىقتا ئىككىدىن ئارتۇق رەنىگە قويغۇچى بولغاندا، ئالاقىدارلار ئۇنىڭ رەنىگە قويغان مال-مۈلۈك ئارقىلىق بەرگەن كېپىللىكىدىكى ھەقدارلىق ئۈلۈشى ياكى رەت تەرتىپى ھەققىدە پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر ياكى ھەممە مال-مۈلۈكتە رەنە ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ. رەنىگە قويغۇچى كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، قەرزداردىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ، باشقا رەنىگە قويغۇچىلاردىن ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان ئۈلۈشنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. 

76-ماددا بىر كۆچمە مۈلۈك ئىككىدىن ئارتۇق ھەقدارغا رەنىگە قويۇلغاندا، ئالاقىدارلار رەنىگە قويغان نەرسىنى تىزىملاتمىغان بولسا، رەنە ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر ھەقدارلىق نىسبىتى بويىچە تۆلىتىۋالىدۇ. 

77-ماددا بىر مال-مۈلۈك ئىككىدىن ئارتۇق ھەقدارغا رەنىگە قويۇلغاندا، رەتنىڭ ئالدىدىكى رەنە ھوقۇقى بىلەن شۇ مال-مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئۆزىنىڭ رەنە ھوقۇقى ئارقىلىق رەتنىڭ ئارقىسىدىكى رەنە ھوقۇقى بىلەن قارشىلاشسا بولىدۇ. 

78-ماددا بىر مال-مۈلۈك ئىككىدىن ئارتۇق ھەقدارغا رەنىگە قويۇلغاندا، رەتنىڭ ئارقىسىدىكى رەنە ھوقۇقى كېپىللىك بەرگەن ھەقدارلىقنىڭ مۆھلىتى بۇرۇن توشسا، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى رەنىگە قويغان نەرسە قىممىتى رەتنىڭ ئالدىدىكى رەنىگە قويغان نەرسە كېپىللىك بەرگەن ھەقدارلىقتىن ئاشقان قىسمىدىن تۆلىتىۋالالايدۇ. رەتنىڭ ئالدىدىكى رەنە ھوقۇقى كېپىللىك بەرگەن ھەقدارلىقنىڭ مۆھلىتى بۇرۇن توشۇپ قالغاندا، رەنە ھوقۇقى ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن ئاشقان پۇلنى ساقلاپ قويۇپ، رەتنىڭ ئارقىسىدىكى رەنە ئارقىلىق كېپىللىك بېرىلگەن ھەقدارلىقنى ئۈزۈش لازىم. 

79-ماددا بىر مال-مۈلۈكتە گۆرۈ ھوقۇقىمۇ، رەنە ھوقۇقىمۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىتىلغان بولسا، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى گۆرۈ ھوقۇقىغا ئىگە كىشىدىن بۇرۇن تۆلىتىۋالىدۇ. بىر مال-مۈلۈكتە رەنە ھوقۇقى بىلەن بىر ياقلىق قىلىش ھوقۇقى تەڭ مەۋجۇت بولغاندا، بىر ياقلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشى رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشىدىن بۇرۇن تۆلىتىۋالىدۇ

80-ماددا رەنىگە قويغان نەرسە يېتىپ كەتكەن، زىيانغا ئۇچرىغان ياكى ئېلىپ ئىشلىتىلگەن ئەھۋالدا، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى رەنىگە قويغان شۇ نەرسىنىڭ سۇغۇرتا پۇلى، تۆلەم پۇلى ياكى تولۇقلىما پۇلىغا ئالدىن ئېرىشسە بولىدۇ. رەنىگە قويغان نەرسە يېتىپ كەتكەن، زىيانغا ئۇچرىغان ياكى ئېلىپ ئىشلىتىلگەن ئەھۋالدا، رەنە ھوقۇقى ئارقىلىق كېپىللىك بېرىلگەن ھەقدارلىقنى ئۈزۈش مۆھلىتى توشمىغاندا، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن سۇغۇرتا پۇلى، تۆلەم پۇلى ياكى تولۇقلىما پۇل قاتارلىقلارغا ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

81-ماددا ئەڭ يۇقىرى ئۈلۈشلۈك رەنە ھوقۇقى ئارقىلىق كېپىللىك بېرىلگەن ھەقدارلىق دائىرىسى رەنىگە قويغان نەرسە مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاشتا ياكى ئىجرا تەرتىپىدە پېچەتلەنگەندىن كېيىن ياكى قەرزدار، رەنىگە قويغۇچى ۋەيران بولغاندىن كېيىن پەيدا بولغان قەرزدارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ

82-ماددا ئالاقىدارلار ئەڭ يۇقىرى ئۈلۈشلۈك رەنە توختامىنىڭ يۇقىرى ئۈلۈشى، ئەڭ يۇقىرى ئۈلۈشلۈك رەنە سۈرۈكىنى ئۆزگەرتكەندە، قارشىلىشىش رېتىنىڭ ئارقىسىدىكى رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنى ئۆزگەرتسە، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ

83-ماددا ئەڭ يۇقىرى ئۈلۈشلۈك رەنە ھوقۇقى ئارقىلىق كېپىللىك بېرىلگەن مۇئەييەنسىز ھەقدارلىق مۇئەييەن بولغاندىن كېيىن، ھەقدارلىقنى ئۈزۈش مۇددىتى توشقان بولسا، ئەڭ يۇقىرى ئۈلۈشلۈك رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئادەتتىكى رەنە ھوقۇقىغا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە ئۆزىنىڭ رەنە ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ. رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئەڭ يۇقىرى ئۈلۈشلۈك رەنە ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا، ئەمەلىي پەيدا بولغان ھەقدارلىقنىڭ ئارتۇق ئۈلۈشى ئەڭ يۇقىرى ئۈلۈشتىن يۇقىرى بولسا، ئەڭ يۇقىرى ئۈلۈش چەك قىلىنىدۇ، ئاشقان قىسمىنىڭ ئالدىن تۆلىتىۋېلىش كۈچى بولمايدۇ؛ ئەمەلىي پەيدا بولغان ھەقدارلىقنىڭ ئارتۇق ئۈلۈشى ئەڭ يۇقىرى ئۈلۈشتىن تۆۋەن بولسا، رەنىگە قويغان نەرسىنى ئالدىن تۆلىتىۋېلىشتا ئەمەلىي پەيدا بولغان ھەقدارلىقنىڭ ئارتۇق ئۈلۈشى چەك قىلىنىدۇ.

تۆتىنچى رەنە قىسمى ھەققىدىكى ئىزاھات

1) كۆچمە مۈلۈك رەنىسى

84-ماددا رەنىگە قويغۇچى ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولمىسىمۇ، قانۇنلۇق ئىگىلىگەن كۆچمە مۈلۈكنى رەنىگە قويغاندا، رەنىگە قويغۇچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلمىگەن رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى رەنە ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندىن كېيىن، كۆچمە مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلغۇچى زىيانغا ئۇچرىسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى رەنە قويغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

85-ماددا قەرزدار ياكى 3-كىشى ئۆزىنىڭ پۇلىنى ئالاھىدە ئىسچوت ئېچىش، پىچەتلەش، كاپالەت پۇلى تۆلەش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، ھەقدارلىق كېپىللىكى سۈپىتىدە ھەقدارنىڭ ئىگىلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە، قەرزدار قەرزنى تۆلىمىسە، ھەقدار بۇ پۇلدىن ئالدىن تۆلىتىۋالسا بولىدۇ. 

86-ماددا قەرزدار ياكى 3-كىشى رەنىگە قويغان نەرسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە رەنە توختامىدا پۈتۈشكەن ۋاقىتقا رىئايە قىلماي، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنى زىيانغا ئۇچراتسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى رەنىگە قويغۇچى ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا قاراپ ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

87-ماددا رەنىگە قويغۇچى رەنىگە قويغان نەرسىنى رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ئورنىدا ئىگىلىۋالسا، رەنە توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ؛ رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى رەنىگە قويغان نەرسىنى رەنىگە قويغۇچىغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، 3-كىشى بىلەن ئۆزىنىڭ رەنە ھوقۇقى ئارقىلىق قارشىلاشسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ. جاۋابكارلىقنى رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشىگە ئارتقىلى بولمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلدىىن رەنىگە قويغان نەرسىنى ئىگىلىيەلمىگەندە، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئىگىلەشكە تېگىشلىك بولمىغان كىشىدىن زىيانغا سېلىشنى توختىتىشنى، ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشنى، رەنىگە قويغان نەرسىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. 

88-ماددا رەنىگە قويغۇچى ۋاسىتىلىك ئىگىلىگەن مال-مۈلۈكنى رەنىگە قويغان بولسا، رەنە توختامى يازما ئۇقتۇرۇش ئىگىلىگۈچىگە يەتكۈزۈلگەندە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىگۈچى رەنىگە قويۇش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يەنى رەنىگە قويغۇچىنىڭ يوليۇرۇقى بويىچە رەنىگە قويغان مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلسا، بۇ ھەرىكەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 

89-ماددا رەنە توختامىدا رەنىگە قويغان مال-مۈلۈك ھەققىدە ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن ياكى رەنىگە قويۇشنى پۈتۈشكەن مال-مۈلۈك بىلەن ئەمەلىي ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مال-مۈلۈك بىردەك بولمىسا، ئىگىلەشكە ئەمەلىي تاپشۇرغان مال-مۈلۈك ئۆلچەم قىلىنىدۇ.   

90-ماددا رەنىگە قويغان مال-مۈلۈك نۇقسانى يوشۇرۇلغانلىقتىن رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ باشقا مال-مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى رەنىگە قويغۇچى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.  لېكىن، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى رەنىگە قويغان مال-مۈلۈك ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندە، ئۇنىڭدا نۇقسان بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 

91-ماددا كۆچمە مۈلۈك رەنە ھوقۇقىنىڭ كۈچى رەنىگە قويغان قوشۇمچە نەرسىگە يېتىدۇ. لېكىن، قوشۇمچە نەرسە رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ئىگىلىشىگە رەنىگە قويغان نەرسە بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ بېرىلمىگەن بولسا، رەنە ھوقۇقىنىڭ كۈچى قوشۇمچە نەرسىگە يەتمەيدۇ.

92-ماددا كېپىللىك قانۇنىنىڭ 69-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، رەنىگە قويغان نەرسە ساقلاپ قويۇلغان نەرسە بولسا، رەنىگە قويغان نەرسىنى ساقلاش ھەققىنى رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى تۆلەيدۇ؛ رەنىگە قويغۇچى ھەقدارلىقنى ئالدىن ئۈزۈۋەتكەن بولسا، مۇددىتى توشمىغان قىسمىنىڭ ئۆسۈمىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك. 

93-ماددا رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى رەنە ھوقۇقى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، رەنىگە قويغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي، رەنىگە قويغان نەرسىنى ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىپ، ئىجارە بېرىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ، رەنىگە قويغۇچىنى زىيانغا ئۇچراتسا، تۆلەم جاۋابكارىلقىنى رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

94-ماددا رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى رەنە ھوقۇقى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئۆزىنىڭ قەرزدارلىقىغا كېپىللىك بېرىش ئۈچۈن، رەنىگە قويغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئۆزى ئىگىلەپ تۇرغان رەنىگە قويۇلغان نەرسە ئارقىلىق 3-كىشى بىلەن رەنە ھوقۇقىنى بېكىتىشتە، ئەسلىدىكى رەنە ھوقۇقى ئارقىلىق كېپىللىك بەرگەن ھەقدارلىق دائىرىسىدە بېكىتىش لازىم، ئېشىپ كەتكەن قىسمىنىڭ ئالدىن تۆلىتىۋېلىش كۈچى بولمايدۇ.  يۆتكەلگەن رەنە ھوقۇقىنىڭ كۈچى ئەسلىدىكى رەنە ھوقۇقىدىن ئۈستۈن بولىدۇ. رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى رەنە ھوقۇقى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، رەنىگە قويغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي، ئۆزىنىڭ قەرزدارلىقىغا كېپىللىك بېرىش ئۈچۈن، ئۆزى ئىگىلىگەن رەنىگە قويۇلغان نەرسە ئارقىلىق 3-كىشى ئۈچۈن بېكىتكەن رەنە ھوقۇقى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.  رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى رەنە ھوقۇقى يۆتكەلگەنلىكتىن پەيدا بولغان زىياندا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

95-ماددا قەرز تۆلەش مۇددىتى توشقاندا، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى قەرزنى تۆلىتەلمىسە، رەنە ھوۇقىغا ئىگە كىشى رەنىگە قويۇلغان نەرسىنى داۋاملىق ئېپقالسا ھەمدە رەنىگە قويۇلغان نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ.  رەنىگە قويغۇچى كېپىللىك بەرگەن ھەقدارلىقنى ئۈزگەندىن كېيىن، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى رەنىگە قويۇلغان نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. قەرز تۆلەش مۇددىتى توشقاندا، رەنىگە قويغۇچى رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشىدىن ھوقۇقىدىنى ۋاقتىدا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە سۇسلۇق قىلغانلىقتىن رەنىگە قويۇلغان نەرسىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىپ پەيدا بولغان زىياندا، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

96-ماددا بۇ ئىزاھاتنىڭ 57 -، 62 -، 64 -، 71 -، 72 -، 73 -، 74 -، 80-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە كۆچمە مۈلۈك رەنىسىگە تەتبىقلىنىدۇ. 

2) ھوقۇق رەنىسى

97-ماددا تاشيول كۆۋرۈكى، تاشيول تونىلى ياكى تاشيول كېچىكى قاتارلىق كۆچمەس مۈلۈكتىن مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقى رەنىگە قويۇلغان بولسا، كېپىللىك قانۇنى 75-ماددىسىنىڭ (4) تارماقچىىسدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. 

98-ماددا پېرېۋوت چېكى، پۇل چېكى، خاس چەكنى رەنىگە قويۇشتا، رەنىگە قويغۇچى بىلەن رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئۇنىڭ كەينىگە «رەنىگە قويۇلدى» دەپ يازماي، ۋېكسېلنى رەنىگە قويۇش ئارقىلىق ياخشى نىيەتلىك 3-كىشى بىلەن قارشىلاشسا، خەلق سوت مەھكىمسى قوللىمايدۇ. 

99-ماددا شىركەت زايومىنى رەنىگە قويۇشتا، رەنىگە قويغۇچى بىلەن رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئۇنڭ كەينىگە «رەنىگە قويۇلدى» دەپ يازماي، زايومنى رەنىگە قويۇش ئارقىلىق شىركەت ۋە 3-كىشى بىلەن قارشىلاشسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ. 

100-ماددا ئامانەت پۇل چېكىنى رەنىگە قويغاندا، ئىمزا قويغۇچى بانكا ئۇنى تەكشۈرگەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەنلىك ئىلتىماسىنىمۇ قوبۇل قىلسا ھەمدە ئامانەت قويغان پۇلنىڭ قولدىن چىقىپ كېتىشىنى پەيدا قىلسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

101-ماددا ۋېكسىل زايوم، ئامانەت پۇل چېكى، ئامبار تالونى، ئېلىش تالونىنى رەنىگە قويغاندا، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئۇنى قايتا ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى رەنىگە قويسا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 

102-ماددا ئايرىۋاشلار ياكى مال ئېلىش ۋاقتى يېزىلغان پېرېۋوت چېكى، پۇل چېكى، خاس چەك، زايوم، ئامانەت پۇل چېكى، ئامبار تالونى، ئېلىش تالونىنى رەنىگە قويۇشتا ئۇنىڭ ئايرىۋاشلىنىدىغان ياكى مال ئېلىنىدىغان ۋاقتى قەرز تۆلىنىدىغان مۇددەتتىن كېيىن بولسا، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئايرىۋاشلاش ياكى مال ئېلىش ۋاقتى توشقاندىلا پۇلنى ئايرىۋاشلىيالايدۇ ياكى مالنى ئالالايدۇ: 

103-ماددا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پېيىنى رەنىگە قويۇشتا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى»دىكى پاينى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ئائىت بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. بازارغا سالغۇچى شىركەتنىڭ پېيىنى رەنىگە قويۇشتا، رەنە توختامى پاي رەنىگە قويۇلۇپ، ئاكسىيىنى تىزىملىغۇچى ئاپپارات رەنىگە قويۇلغانلىقىنى تىزىملىغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بازارغا سالمايدىغان شىركەتنىڭ پېيىنى رەنىگە قويۇشتا، رەنە توختامى پاي رەنىگە قويۇلغانلىقى پايچىكلار رويىخېتىگە تىزىملانغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 

104-ماددا قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈشكە بولىدىغان پاي، پاي چېكىنى رەنىگە قويۇشتا، رەنە ھوقۇقىنىڭ كۈچى پاي، پاي چېكىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆسۈمگە يېتىدۇ

105-ماددا قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈشكە بولىدىغان تاۋار ماركىسى مەخسۇس ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقى، ئەسەر ھوقۇقىنى رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرسە، ئۇنى كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.  بۇنىڭلىق بىلەن، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى 3-كىشى زىيانغا ئۇچرىسا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى رەنىگە قويغۇچى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. 

106-ماددا رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى رەنىگە قويغۇچى، ھەقدارلىقىنى رەنىگە قويغان قەرزدارغا ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، رەنىگە قويغۇچى، ھەقدارلىقنى رەنىگە قويغان قەرزدار رەت قىلسا، رەنە ھوقۇقىغا ئىگە كىشى رەنە قويغۇچى ياكى ھەقدارلىقنى رەنىگە قويغان قەرزدار ئۈستىدە دەۋا قىلسا بولىدۇ، ھەقدارلىقنى رەنىگە قويغان قەرزدار ئۈستىدە ئايرىم دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. 

بەشىنچى قالدۇرۇپ قويۇش قىسمى ھەققىدىكى ئىزاھات

107-ماددا ئالاقىدارلار توختامدا قالدۇرۇپ قويۇش بولماسلىقنى پۈتۈشكەن بولسا، قەرز تۆلەش مۇددىتى توشقاندا، ھەقدار قالدۇرۇپ قويۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ. 

108-ماددا ھەقدار قەرزدار تاپشۇرغان كۆچمە مۈلۈكنى قانۇنلۇق ئىگىلىگەندە، قەرزدارنىڭ بۇ كۆچمە مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلمىسە، ھەقدار كېپىللىك قانۇنىنىڭ 82-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قالدۇرۇپ قويۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ

109-ماددا ھەقدارنىڭ ھەقدارلىقىنىڭ تۆلىنىش مۇددىتى توشقاندا، ئۇنىڭ ككچمە مۈلكىنى ئىگىلىشى بىلەن ئۇنىڭ ھەقدارلىقىنىڭ پەيدا بولۇش ئوتتۇرىسىدا چېتىشلىق مۇناسىۋەت بولسا، ھەقدار ئۆزى ئىگىلىگەن كۆچمە مۈلۈكنى قالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ. 

110-ماددا قالدۇرۇپ قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ھەقدارلىقنى تولۇق تۆلىتىۋېلىشتىن ئىلگىرى قالدۇرۇپ قويۇلغان نەرسە پارچىلىغىلى بولمايدىغان نەرسە دەپ ھېسابلىنىدۇ، قالدۇرۇپ قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئۆزى قالدۇرۇپ قويغان نەرسىدەقالدۇرۇپ قويۇش ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزسە بولىدۇ. 

111-ماددا ھەقدارنىڭ يۈرگۈزىدىغان قالدۇرۇپ قويۇش ھوقۇقى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتى ياكى توختامدىكى ئالاھىدە پۈتۈمگە زىت بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ-

112-ماددا ھەقدار ھەقدارلىقىنى تۆلىتىۋېلىش مۇددىتى توشمىغاندا، ئۇنىڭ ئىگىلەش نىشانى قىلىنغان نەرسىنى تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشسا، قالدۇرۇپ قويۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلەيدۇ. لېكىن، ھەقدار قەرزدارنىڭ تۆلەش ئىقتىدارى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

113-ماددا ھەقدار قەرزدارغا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى كېپىللىك قانۇنىنىڭ 87-ماددىىسىدابەلگىلەنگەن مۆھلەت بويىچە ئۇقتۇرۇش قىلماي، قالدۇرۇپ قويغان نەرسىنى باھاسىنى ئۆزگەرتىپ بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلىۋەتسە، بۇنىڭلىق بىلەن ەپيدا بولغان زىياندا تۆلەم جاۋابكارىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.  ھەقدار بىلەن قەرزدار كېپىللىك قانۇنىنىڭ 87-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە توختامدا كەڭ مۆھلەت بېرىشنى پۈتۈشكەن بولسا، ھەقدار ئۇقتۇرۇش قىلماي، قالدۇرۇپ قويۇش ھوقۇقىنى بىۋاسىتە يۈرگۈزسە بولىدۇ. 

114-ماددا بۇ ئىزاھاتنىڭ 64 -، 80 -، 87 -، 91 -، 93-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە قالدۇرۇپ قويۇشقا تەتبىقلىنىدۇ. 

ئالتىنچى زاكالەت قىسمى ھەققىدىكى ئىزاھات

115-ماددا ئالاقىدارلار تاپشۇرۇشنى ئاساسىي توختام تۈزۈشنىڭ كېپىللىكى قىلىش ھەققىدە پۈتۈشكەندە، زاكالەت تاپشۇرغان تەرەپ ئاساسىي توختام تۈزۈشنى رەت قىلسا، زاكالەتنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ زاكالەت ئالغان تەرەپ توختام تۈزۈشنى رەت قىلسا، زاكالەتنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇشى كېرەك. 

116-ماددا ئالاقىدارلار زاكالەت تاپشۇرۇشنى ئاساسىي توختام تۈزۈلۈشى ياكى كۈچكە ئىگە بولۇشنىڭ مۇھىم شەرتى قىلىشنى پۈتۈشكەندە، زاكالەت بېرىدىغان تەرپ زاكالەتنى بەرمىسە، لېكىن ئاساسىي توختام ئادا قىلىنغان ياكى ئۇنىڭ مۇھىم قىسمى ئادا قىلىنغان بولسا، ئاساسىي توختامنىڭ تۈزۈلۈشى ياكى كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. 

117-ماددا زاكالەت تاپشۇرغاندىن كېيىن، زاكالەت تاپشۇرغۇچى تەرەپ توختامدىكى پۈتۈم بويىچە، زاكالەتتىن مەھرۇم بولۇش بەدىلىگە ئاساسىي توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ، زاكالەت ئالغۇچى تەرەپ زاكالەتنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇش بەدىلىگە ئاساسىي توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.  ئاساسىي توختام بىكار قىلىنغاندىن كېيىنكى جاۋابكارلىقىنى بىكار قىلىشتا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.  

118-ماددا ئالاقىدارلار قالدۇرۇپ قويۇش پۇلى، كېپىللىك پۇلى، كاپالەت پۇلى، پۈتۈم پۇلى ياكى زاكالەت قاتارلىقلارنى تاپشۇرغان بولسىمۇ، زاكالەتنىڭ خاراكتېرىنى پۈتۈشمىگەندە، ئۇلار زاكالەت ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ. 

119-ماددا ئەمەلىي تاپشۇرغان زاكالەت سوممىسى پۈتۈشكەن سوممىدىن كۆپ ياكى ئاز بولسا، زاكالەت توختامى ئۆزگەرگەن ھېسابلىنىدۇ؛ زاكالەت ئالغۇچى تەرەپ باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا ياكى زاكالەتنى رەت قىلسا، زاكالەت توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. 

120-ماددا ئالاقىدار بىر تەرەپنىڭ ئادا قىلىشىنى كېچىكتۈرۈش قىلمىشى ياكى باشقا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى تۈپەيلىدىن، توختام نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىغاندا، زاكالەت جازا پرىنسىپى تەتبىقلانسا بولىدۇ.  لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى ياكى ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئالاقىدار بىر تەرەپ توختامنى تولۇق ئادا قىلمىسا، ئادا قىلمىغان قىسمىنىڭ توختامدا پۈتۈشكەن مەزمۇندا ئىگىلىگەن نىسبىتى بويىچە، زاكالەت جازا پرىنسىپى تەتبىقلىنىدۇ. 

121-ماددا ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكەن زاكالەت سوممىسى ئاساسىي توختام نىشانىنىڭ 20 پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتسە، ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىمايدۇ. 

122-ماددا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەب، تۇيۇقسىز ۋەقە تۈپەيلىدىن ئاساسىي توختامنى ئادا قىلغىلى بولمىسا، زاكالەت جازا پرىنسىپى تەتبىقلانمايدۇ.  توختام مۇناسىۋىتىنىڭ سىرتىدىكى 3-كىشىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن ئاساسىي توختامنى ئادا قىلغىلى بولمىسا، زاكالەت جازا پرىنسىپى تەتبىقلانمايدۇ.  زاكالەت جازاسىغا ئۇچرىغان تەرەپ 3-كىشىدىن قانۇن بويىچە تۆلىتىۋالسا بولىدۇ.  

يەتتىنچى باشقا مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىزاھات

123-ماددا بىر ھەقدارلىقتا كېپىللىككە بېرىلگەن بىرنەچچە نەرسە ھوقۇقى تەڭ مەۋجۇت بولغاندا، ھەقدار قەرزدارنىڭ نەرسە كېپىللىكىدىن ۋاز كەچسە، باشقا كېپىللەرنىڭ كېپىللىك جاۋابكارلىقى ئۇ ۋاز كەچكەن ھوقۇق دائىرىسىدە يېنىكلەيدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 

124-ماددا كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنىڭ تارماق ئاپپاراتى باشقىلارغا كاپالەت بەرگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كاپالەت ماجىراسى دېلوسىنى سوت قىلىشتا شۇ كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنى ئورتاق جاۋابكار سۈپىتىدە دەۋاغا قاتناشتۇرسا بولىدۇ.  لېكىن، سودا بانكىسى، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تارماق ئاپپاراتى بەرگەن كاپالەت بۇنىڭ سىرتىدا

125-ماددا ئادەتتىكى كاپالەتتىكى ھەقدار قەرزدار بىلەن كاپالەت بەرگۈچى ئۈستىدە بىر يوللا دەۋا قىلغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى قەرزدار بىلەن كاپالەت بەرگۈچىنى ئورتاق جاۋابكار سۈپىتىدە دەۋاغا قاتناشتۇرسا بولىدۇ.  لېكىن، ھۆكۈمنامىدە قەرزدار مال-مۈلكى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن قەرزنى يەنىلا تۆلىيەلمىسە، كاپالەت جاۋابكارلىقىنى كاپالەت بەرگۈچى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك

126-چاتما جاۋابكارلىق كاپالىتىدىكى ھەقدار قەرزدار ياكى كاپالەت بەرگۈچى ئۈستىدە جاۋابكار ھېسابلاپ دەۋا قىلسا بولىدۇ، قەرزدار بىلەن كاپالەت بەرگۈچى ئۈستىدە ئورتاق جاۋابكار ھېسابلاپ دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. 

127-ماددا قەرزدار ھەقدار ئۈستىدە دەۋا قىلغاندا، ھەقدار قارشى دەۋا قىلسا، كاپالەت بەرگۈچى 3-كىشى سۈپىتىدە دەۋاغا قاتناشسا بولىدۇ.  

128-ماددا ھەقدارخەلق سوت مەھكىمىسىگە كېپىللىك نەرسە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغاند،ا قەرزدار بىلەن كېپىللىك بەرگۈچى ئورتاق جاۋابكار سۈپىتىدە دەۋاغا قاتنىشىشى كېرەك. ئوخشاش بىر ھەقدارلىقتا كاپالەتمۇ بېرىلگەن، نەرسە كېپىللىكىمۇ بېرىلگەندە، دەۋالاشقۇچىلار ماجىرالىشىپ دەۋا قىلسا، قەرزدار بىلەن كاپالەت بەرگۈچى، رەنە قويغۇچى ياكى گۆرۈ قويغۇچى ئورتاق جاۋابكار سۈپىتىدە دەۋاغا قاتناشسا بولىدۇ. 

129-ماددا ئاساسىي توختام ۋە كېپىللىك توختامىدا ماجىرا تۇغۇلۇپ دەۋاقىلغاندا، دېلو باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئاساسىي توختامغا ئاساسەب بېكىتىش كېرەك. كېپىللىك بەرگۈچى چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان كېپىللىك توختامىغا ماجىرا تۇغۇلغاندا، ھەقدار كېپىللىك بەرگۈچى ئالدىدا ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلسا، دېلو كېپىللىك بەرگۈچى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولۇش كېرەك. ئاساسىي توختام ۋە كېپىللىك توختامدا باشقۇرۇش تەۋەلىكى تاللىۋېلىنغان سوت مەھكىمىسى بىردەك بولمىسا، دېلو باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئاساسىي توختامغا ئاساسەن بېكىتىش كېرەك. 

130-ماددا ئاساسىي توختام ماجىراسى دېلوسىدا، كېپىللىك توختامى سوت قىلىنمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئاساسىي توختامنى تۈزۈشكۈچىلەر ئۈستىدە چىقىرىلغان ھۆكۈم ياكى كېسىمىگە ئاساسەن، كېپىللىك بەرگۈچىنىڭ مال-مۈلكىنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلماسلىقى لازىم. 

131-ماددا بۇ ئىزاھاتتا ئېيتىلغان «ئۈزۈلمەسلىك» قەرزدارنىڭ ئامانەت پۇلى، نەق پۇل، قىممەتكە ئىگە ئاكسىيە، تەييار مەھسۇلات، يېرىم تەييار مەھسۇلات، خام ئەشيا ماتېرىيال، قاتناش قورالى قاتارلىق ئىجرا قىلغىلىپ بولغاندىن كېيىن، قەرزنى يەنىلا ئۈزۈپ بولالماسلىقتەك ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. 

132-ماددا دېلونى سوت قىلىش ياكى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ئالاقىدارلار مال-مۈلۈك كېپىللىكى بەرگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ مال-مۈلۈكنىڭ ھوقۇق گۇۋاھنامىسىنى تۇتۇپ قېلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار تارماقلارغا ئىجراغا ھەمكارلىشىش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن كېپىللىك بېرىلگەن مال-مۈلۈكنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بېجىرىپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلىش لازىم. 

133-ماددا كېپىللىك قانۇنى يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن كېپىللىك ھەرىكەتلىرىگە شۇ ھەرىكەت يۈز بەرگەن چاغدىكى قانۇن-نىزام ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيىلىك ئىزاھاتلار تەتبىقلىنىدۇ. كېپىللىك قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن كېپىللىك ھەرىكىتىدىن تۇغۇلغان ماجىرا دېلوسى بۇ ئىزاھات ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان بولسا، ئالاقىدارلار يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش قارار قىلىنغاندا، بۇ ئىزاھات تەتبىقلانمايدۇ. كېپىللىك قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن كېپىللىك ھەرىكىتىدىن تۇغۇلغان ماجىرا دېلوسى بۇ ئىزاھات ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يەنىلا 1-ياكى 2-سوت باسقۇچىدا بولسا، كېپىللىك قانۇنى ۋە بۇ ئىزاھات تەتبىقلىنىدۇ. 

134-ماددا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېپىللىك قانۇنى يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگرىكى كېپىللىك مەسىلىسىگە ئائىت ئەدلىيىلىك ئىزاھاتلىرىدىن كېپىللىك قانۇنى ۋە ئىزاھاتقا زىت كېلىدىغانلىرى تەتبىقلانمايدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/23/c_131545939_18.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#