ئۇزۇن كىرگىتلىق جىنسىي يول غەيرىيلىكى

ۇزۇن كىرگىتلىق جىنسىي يول غەيرىيلىكى

جىنسىي يولنى تاجسىمان ياكى ۋاشاخىسىمان ھالەتتە (ئۇزۇنسىغا) ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدىغان پەردە بولۇپ، بۇ جىنسىي يول ئۇزۇن كىرگىتى دېيىلىدۇ. جىنسىي يول ئۇزۇن كىرگىتى تولۇق خاراكتېرلىق ۋە قىسمەن خاراكتېرلىك ئۇزۇن كىرگىت دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئۇزۇن كىرگىت جىنسىي يول دىۋارىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ياكى بىر تەرىپىگىراق جايلىشىپ ئىككى جىنسىي يولنى شەكىللەندۈرىدۇ.

غەرب تېبابىتى نامى ئۇزۇن كىرگىتلىق جىنسىي يول غەيرىيلىكى
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس
تەۋە بۆلۈم ئاياللار بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقۇملانمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پەيدا قىلغۇچى قۇۋۋەت (قۇۋۋىتى مۇۋەللىدە) نىڭ ئاجىزلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشى جەريانىدا پەيدا قىلغۇچى قۇۋۋەتنىڭ ئاجىزلىشىشى نەتىجىسىدە موللېر نەيچىسى قوشۇلغاندىن كېيىن، جىنسىي يول شەكىللىنىپ بولۇپ موللېر نەيچىسى قوشۇلغاندا ھاسىل بولغان ئوتتۇرىدىكى پاسىل يوقالماي ياكى پۈتۈنلەي يوقالماي قالغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇزۇن كىرگىتلىق جىنسىي يول غەيرىيلىكىجىنسىي يول ئۇزۇن كىرگىتى جىنسىي يولغا ۋاشاقسىمان ياكى تاجسىمان ھالەتتە ئوتتۇرىغا ياكى بىر تەرەپكىرەك جايلىشىپ ئىككى جىنسىي يولنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئادەتتە كىلىنكىلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلمەي ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرگەن ۋاقىتلاردا بايقىلىشى مۈمكىن. لېكىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلالماسلىق، ھامىلىدار بۇلالماسلىق، ھامىلىدار بولغان تەقدىردىمۇ ھامىلىنىڭ تۇغۇلۇشىغا توسالغۇ پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

كېسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. جىنسىي يول ئۇزۇن كىرگىتى جىنسىي يولنى ۋاشاقسىمان ياكى تاجىسىمان ھالەتتە ئىككىگە بۆلىۋېتىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلالماسلىق، ھامىلىدار بولالماسلىق، ھامىلىدار بولغان تەقدىردىمۇ ھامىلىنىڭ تۇغۇلۇشىغا توسالغۇ پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر ئاساس قىلىنىدۇ.

جىنسىي يول ئۇزۇن كىرگىتى جىنسىي مۇناسىۋەتكە، ھامىلىدار بولۇش ياكى تۇغۇشقا تەسىر يەتكۈزمىسە ئۇنى ئالاھىدە داۋالاش ھاجەتسىز. ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەتكە، ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر يەتكۈزسە ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۇزۇن كىرگىت يىلتىزىدىن كېسىپ ئېلىۋېتىلىدۇ. ئەگەر تۇغۇت ۋاقتىدا ئالدىن كېلىش قىسمى توسالغۇغا ئۇچرىسا ئاۋۋال ئۇزۇن كىرگىتنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، ھامىلە تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن كېسىلگەن ئورۇن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ئەگەر ئۇزۇن كىرگىت ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىۋېتىلگەندە، بىمار ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئارام ئېلىش ۋە كۈتۈنۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشى، كۈچەپ ھەرىكەت قىلىشتىن، ۋارقىراشتىن ۋە قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1279

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#