ئەنفۇ شەھىرى خارابىسى
ئەنفۇ شەھىرى خارابىسى جۇڭگو شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيەسى گە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەنفۇ شەھىرى خارابىسى شەھەر خارابىسى يېڭى، كونا ئىككى شەھەر خارابىسىغا بۆلۈنىدۇ. كونا شەھەر تىك تۆت بۇلۇڭغا ئوخشاپراق كۆرۈنىدۇ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 166 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 122 مېتىر كېلىدۇ. تۆت ئەتراپىدىكى تاملار يېرىمىدىن كۆپرەكى ساقلانغان، تاملىرى سېرىق توپا بىلەن خاڭداپ ياسالغان بولۇپ، ئېگىزلىكى ئادەتتە تەخمىنەن 5 مېتىر. جەنۇبىي سېپىلنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىن قوۋۇق ئېچىلغان، كەڭلىكى 4.5 مېتىر، ئېگىزلىكى تۆت مېتىر كېلىدۇ. شىمالىي تامنىڭ بىر بۆلەك قىسمى ساقلىنىپ قالغان. شەرقىي تام تۇرالغۇ رايونىغا قوشنا بۇلۇپ، بىرقەدەر ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. شەھەر ئىچىدىكى مەدەنىيەت توپلانغان قاتلىمىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 0.60 مېتىر. ھەمدە ھازىرقى زامان ئىسلام قەبرىستانلىقى بار.
يېڭى شەھەر خارابىسى قەدىمىي شەھىرى خارابىسى شەرقىي تەخمىنەن 1 كىلومېتىر، ھازىر شەھەر ئىچىدىكى ئاھالىلەر تۇرالغۇلىرى، قاتار-قاتار كوچا ۋە قەدىمىي شەھەر پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.
كونا ئەنفۇ شەھىرى توغرىسىدا يېزىلغان خاتىرىلەردە : «چيەنلۇڭنىڭ 22-يىلى (1757 -يىلى)، جۇڭغارلار تىنجىتىلغاندىن كېيىن، جىڭ ناھىيەسىگە ئەنفۇ شەھىرى قۇرۇلغان. چيەنلۇڭنىڭ 48-يىلى (1783-يىلى)، يەنە ئەنفۇ شەھىرىنىڭ شەرقىدە ئىككىنچى يېڭى شەھەر قۇرۇلۇپ، يەنىلا كونا نامىنى قوللىنىلغان.
ئەنفۇ كونا يېڭى شەھەرنى ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك داۋاملىشىپ، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا ئاھالىلەر بارا-بارا باشقا جايغا كۆچۈپ، شەھەر تەدرىجىي خارابىلاشقان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.