گۆرۈخانا

گۆرۈخانا

گۆرۈخانا-مال-مۈلۈكنى رەنىگە قويۇش ئارقىلىق ، كىشىلەر ئۆزلىرىگە ئېھتىياجلىق بولغان قەرز پۇلنى ئالالايدىغان، خەلق ئارىسىدىكى پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت ئورگىنى.

ئۇيغۇرچە گۆرۈخانا
خارەكتىرى پۇل-مۇئامىلە ئورگىنى
خەنزۇچە 当铺

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گۆرۆخانا-مال-مۈلۈكنى رەنىگە قويۇش ئارقىلىق ، كىشىلەر ئۆزلىرىگە ئېھتىياجلىق بولغان قەرز پۇلنى ئالالايدىغان، خەلق ئارىسىدىكى پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت ئورگىنى. گۆرۆخانىلار 1999-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ بۇيرىقى بىلەن خەلق بانكىسىنىڭ باشقۇرىشىدىن ئايرىلىپ، سودا مىنىستىرلىكى باشقۇرىشىدىكى ئادەتتىكى پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت كارخانىسىغا ئايلانغاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە بولغان تەرەققىيات ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، گۆرۆخانىلارنىڭ يېڭى دەۋرنىڭ تەلىۋىگە ماسلىشىپ، جانلىق مۇلازىمەت قىلىپ، كۈچلۈك بازار رىقابىتىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش بىلەن بىللە يەنە بەلگىلىك تەرەققىياتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. 

   ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق، گۆرۆخانىلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن كۈنگە كۆپەيمەكتە. ئېگەللىنىشچە 2007-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا 65گۆرۈچىلىك كارخانىسى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 49ى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەن. گۆرۈچىلىك كارخانىلىرى -شەھەر پۇقرالىرى ، يەككە تىجارەتچىلەر ۋە ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنى ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت ئوبىكتى قىلغان بولۇپ، گۆرۆگە قويىلىۋاتقان بويۇملارنىڭ تۈرلىرىمۇ كۈنسىرى كۆپەيمەكتە. 

   گۆرۈچىلىك دۆلىتىمىزنىڭ غەيرى پۇل–مۇئامىلە سېستىمىسى سۈپىتىدە پۇل–مۇئامىلە سېستىمىسنى بىر مۇھىم تولۇقلىمسى ، بۇ ساھەنى بىز دائىم بىلىپ تۇرىۋاتقان بانكا بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھەم ئوخشاشلىقى بار. ھەم ماھىيەتلىك پەرقلىرى بار. بۇ نىمە دىگەندە بازار سوبىكتىلىرى ھەرئىككىلا ئورۇندىن قەرز پۇلغا، ئۆزى جىددىي ئېھتىياجلىق پۇلغا ئېرىشەلەيدۇ. پەرقى دىيىشكە توغرا كەلگەندە، بانكا سېستىمسى دۆلەتنىڭ پۇل–مۇئامىلە سېستىمىسنىڭ ئاساسلىق قوشۇنى سۈپىتىدە دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق ئىجرا قىلغۇچىسى، گۆرۈچىلىك بولسا ئامانەت قەرز قۇبۇل قىلىش ھوقۇقى يوق.

   بانكىغا سېلىشتۇرغاندا قەرز پۇلنىڭ ئۆسىمى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. پۇل –مۇئامىلە سېستىمىسىنىڭ قەرز پۇلنى بېرىشتىكى رەسمىيەتلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى تۈپەيلىدىن ئادەتتە بازار سوبىكتىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئوتتۇرا–كىچىك كارخانىلار ھەم بەزى يەككە تىجارەتچىلەر ئۆزى پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغاندا بانكا سېستىمسىدىن زۆرۈر بولغان ئامانەت پۇلغا ئېرىشەلىشى نىسبەتەن قىيىن بولغان شارائىتتا گۆرۈچىلىك بۇ خىل ئەھۋالدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ. 

   گۆرۆخانىنىڭ رەسىمىيەت تەرتىۋىنىڭ جانلىقى، قولايلىق بولىشى ھەم باشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنىڭ قولايلىقىلىقى تۈپەيلىدىن بازاردىكى پۇل ئېھتىياجى ، ئايلىنىش ئېھتىياجىنى ياخشى تولۇقلاپ كېتەلەيدۇ. گۆرۈگە قويىلىدىغان ئاساسلىق بويۇملار: شەخسلەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولغان قانۇنلۇق مال-مۈلۈكلىرى يەنى ئالتۇن، زىبۇ –زىننەت، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى، ماشىنا ، ئۆي، يەر-مۈلۈك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا –كىچىك كارخانىلارنىڭ زاۋۇت، بىنالىرى، مال-مۈلۈكلىرى، ماشىنا ئۈسكىنىلىرى، پاي ھوقۇقى، كەشىپىيات ۋە تاۋارلىرى قاتارلىقلارمۇ بار.. 

نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى گۆرۈچىلىك كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي مال-مۈلكى 675مىليۇندىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئايلانما ئوبوروت مەبلىغى 530مىليۇندىن ئاشىدۇ.2007-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى گۆرۈچىلىك كارخانىلىرى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى تەمىنلىگەن گۆرۆ مەبلىغى 640مىليۇن يۈەندىن ئاشتى. يۇقۇرقى مەبلەغلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلار ۋە يەككە تىجارەتچىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى گۆرۆخانىلار ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ ئوبروت مەبلىغىنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بەلگىلىك ئىجابىي رول ئوينىماقتا. 

 ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق، گۆرۆخانىلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن كۈنگە كۆپەيمەكتە. ئېگەللىنىشچە 2007-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا 65گۆرۈچىلىك كارخانىسى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 49ى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەن. گۆرۈچىلىك كارخانىلىرى -شەھەر پۇقرالىرى ، يەككە تىجارەتچىلەر ۋە ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنى ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت ئوبىكتى قىلغان بولۇپ، گۆرۆگە قويىلىۋاتقان بويۇملارنىڭ تۈرلىرىمۇ كۈنسىرى كۆپەيمەكتە. 

ئىستىمالچىلار زۆرۈر بولغان قەرز پۇلنى ئادەتتە بىر ئىككى كۈندىلا ئىستىمالچىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ. ئادەتتىكى كىچىك مۇلازىمەتلەر بولسا مەسىلەن ئالتۇن دىگەندەك مۈلۈكلەرنى گۆرۈگە قويۇپ قەرز ئالغاندا تەرتىپلىرى تېخىمۇ ئاسان ھەم تېزرەك بولىدۇ. ئۆي-مۈلۈكنى گۆرۈگە قويۇپ قەرز ئېلىشتا ئۆي-مۈلۈك كېنىشكىسى، يەر خېتى، نوپۇس دەپتىرى، توي قىلغانلىق ئىسپاتى، كىملىك قاتارلىق ئىسپاتلار، ئەگەر توي قىلغان بولسا ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلىرى، توي قىلمىغان بولسا كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى تەمىنلىگەن بويتاقلىق ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ قەرز پۇل ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرسە بولىدۇ. 

    ئىگىلىنىشچە ئالاقىدار تارماقلا بېكىتكەن قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى ئادەتتە مال-مۈلۈك تىپىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تۇرۇپ ئوخشىمايدىغان بولۇپ، كۆچمە مۈلۈك تىپىدىكى مال-مۈلۈك گۆرۈگە قويۇلسا، ئېلىنىدىغان قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى 4.2پىرسەنتتىن ئېىشىپ كەتمەسلىكى، ئۆي-مۈلۈك گۆرۈگە قويۇلسا، ئېلىنىدىغان قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى 2.7پىرسەنتتىن ئېىشپ كەتمەسلىكى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى گۆرۈگە قويۇلسا، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى 2.4پىرسەنتتى ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن. ئۆي–مۈلۈك گۆرۈگە قويۇلسا، قەرز سوممىسىنى بېكىتشتە ئۆينىڭ كۆلىمىگە، زىننەتلەنگەن ياكى زىننەتلەنمىگەنلىكىكە، كونا ، يېڭىلىقىغا قارىلىدۇ.ئوتتۇرىچە بازار باھاسىنىڭ 50-60پىرسەنتى بويىچە ھىسابلىنىپ ئۇزۇن بولغاندا يېرىم يىل قەرز بېرىلىدۇ.يېرىم يىل توشقاندا يەنە داۋاملىق رەنىگە قويۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ. ئۆسۈمى ھەر ئايدا 2.5پىرسەنت بويىچە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا گۇۋاھلىق پۇلى، ئادەتتە 100يۈەن بولىدۇ، ئۆي مۈلۈكتىن باشقا شەخسلەر مۇلازىمىتىدە مەسىلەن ئاق، سېرىق ئالتۇنلارنى رەنىگە قويغاندا 3.5پىرسەنت ئۆلچەم بويىچە ئۆسۈم ئېلىنىدۇ. يەنە مەسىلەن 100كۇۋادىرات مېتىرلىق ئۆيىمىز بار دىسەك، بۇ ئۆي ھازىرقى بازار باھاسىدا ، 200مىڭ يۈەنگە يارايدىغان بولسا ، بىزنىڭ تارقىتىدىغان قەرز پۇلنىڭ سوممىسى 100مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. ھەر ئايدا 2500يۈەن ئۆسۈم بويىچە ھىسابلىغاندا ئالتە ئايلىق رەنىگە قويۇلغان بولسا، جەمئىي 15مىڭ يۈەن بولىدۇ. 

   يۇقارقى مىسالدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى گۆرۆخانىلارنىڭ قەرز ئۆسىمى ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئەمەس، ئۇنداقتا بۇنداق قەرز بېرىشتىكى قولاي شارائىت، يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتىگە قارىتا ،قەرز پۇلغا ئېھتىياجلىق كىشىلەر قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەك؟ مال-مۈلۈكنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىشنىڭ سۈرئىتى تېز بولغان بىلەن ئۆسىمى بانكا ۋە باشقا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا خېرىدارلار چوقۇم قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئويلىشىشى كېرەك. ئەگەر تىجارەتچىلەر بولسا، كىرىمى قەرز پۇلنىڭ ئۆسىمىگە يەتمەيدىغان ئەھۋالدا يەنىلا باشقا قەرز پۇل يوللىرىنى ئويلىشىپ كۆرسە بولىدۇ.

    گۆرۈچىلىكتىن ئېرىشكەن پۇلنىڭ رەنىگە قويىدىغان مۈلۈك بىلەن نىسبىتى ھەم ئۆسۈم جەھەتتىن بۇ ئىككى جەھەتتىن چوقۇم خەيم–خەتەر قەرز ئالغۇچىغا يۈزلەنگەن بولىدۇ. 

   ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا شۇنداق بولغاچقا ئۆزىڭىزنىڭ پايدا ئېلىش نىسبىتىڭىز ، بازاردىكى ئورنىڭىز ھەم مۇشۇ تىجارىتىڭىزنى كەلگۈسى مۆلچەرى دىگەن نوقتىلاردىن ئويلىشىپ تۇرۇپ، پۇلغا ھەقىقى ئېھتىياجلىق بولغاندا ئەگەر مۇۋاپىق يېتەرلىك ۋاقىت ھەم ئىناۋەت شارائىتىڭىز يار بەرگەن ۋاقىتتا چوقۇم ئالدى بىلەن بانكىنى ئويلىشىش كېرەك. بانكا بۇ جەھەتتىن دەماللىققا سىزنىڭ پۇلغا بولغان ئېھتىياجىڭىزغا ياردەم قىلالمىغان ۋاقىتتا ئاندىن گۆرۈ ساھەسىدىن مۇراجەت قىلىشقا بولىدۇ. گۆرۈخانىلارمۇ ئۆزىنىڭ خەيم–خەتىرىنى ئويلاپ، مۈلۈك بىلەن قەرز سوممىسىنىڭ نىسبىتىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئېلىنىدىغان ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇۋاپىق بېكىتكەنگە ئوخشاش مۇئامىلدارلار ئۆزىنىڭ مۈلكىنىڭ قىممىتى ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان پۇل، ئۆسۈم نىسبىتى، قايتۇرۇش مۇددىتى دىگەندەك جايلارنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئويلىشىپ، مۇۋاپىق تاللاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئۆزىڭىزگە ئەڭ جىددى ئېھتىياجلىق بولغان مىقتاردىكى سوممىدىن ۋاقىتلىق پايدىلىنپ، ئەڭ تېز مۇددەتتە قايتۇرىۋەتسىڭىز گۆرۈچىلىك سىزگە ئەڭ ياخشى ياردەم قىلغان بولىدۇ. 

   گۆرۆخانىلارنىڭ مۇلازىمىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ ئىككىنچى قەدىمى مۆھلەت ئىچىدە قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ، گۆرۈگە قويۇلغان مۈلكىمىزنى ئېلىپ كېتىشتىن ئىبارەت. ئۇنداقتا بىز بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك يەنە قانداق نوقتىلار بار؟ ئادەتتە بىز مال –مۈلۈكنى رەنىگە قويغاندا توختام ئىمزالايمىز. 

   ئەلۋەتتە بۇ توختامنىڭ مۇددىتى بولغان بولىدۇ. قەرز قايتۇرۇش ۋاقتى ھەرگىزمۇ بۇ توختامدىكى مۆھلەتتىن ئېىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر بۇ مۆھلەتتىن ئېىشىپ كەتسە، رەنىگە قويۇلغان مال-مۈلۈكنى مەيلى ئۇ كىچىك مال-مۈلۈك ياكى ئۆي -مۈلۈك بولسۇن ، گۆرۆخانا ئۇنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئەگەر گۆرۈگە قويۇلۇش ۋاقىتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسۇن ياكى مۇلازىمەت بېجىرگۈچىلەر چوقۇم ئۆزى كېلىپ مۇلازىمەت بېجىرىشى، قەرز قايتۇرغاندا، رەنىگە قويۇلغان مۈلۈكنى ئېلىپ كېتىشتە چوقۇم شەخس ئۆزى كېلىپ مۇلازىمەت بېجىرىشى كېرەك. ئەگەر رەنىگە قويۇلغانلىق تالۇنى يۈتۈپ كەتسە، رەنىگە قويۇش سوممىسىنىڭ 1پىرسەنتى بويىچە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئىستىمالچىلارغا ئارتۇقچە ئىقتىسادىي چىقىم بولىدۇ. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلاش كېرەك. گۆرۆچىلىك كەسپى جىددى ئېھتىياجلىق مەبلەغنى ھەل قىلىشنىڭ بىر تۈرلۈك يولى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەشتاش تورى:گۆرۈخانا 

http://www.baxtax.cn/qozam/jemiyet/18535.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#