- خېنىگۈل ()
- خېنىگۈل (خام دورا )
خېنىگۈل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك, تۈپىنىڭ ئېگىزلىكى 30-60 سانتىمېتىر، غولى گۆشلۈك، قېنىق قىزىل ياكى سۇس يېشىل رەڭدە، ئۆسۈشى بىلەن گۈل رەڭگى مۇناسىۋەتلىك، بوغۇم قىسمى چوڭ. يەككە يۇپۇرمىقى نۆۋەتلەشمە شەكىلدە ئۆسىدۇ، تۇخۇمسىمان تىمىنە شەكىللىك، گىرۋەكلىرى ھەرە چىشلىق بولىدۇ. گۈلى تاق ئۆسىدۇ ياكى كۆپ غۇنچىلاپ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، گۈل بەرگى بەش تال بولىدۇ، ئاق، ئاچ قىزىل، ھال رەڭ، قېنىق قىزىل، سۆسۈن، بېغىر رەڭ قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ.
ئەسلى ماكانى ئافرىقا رايۇنى نەم، ئىسسىق رايونلاردا چېچەكلىمەيدۇ، تەبىئىتى نەمخۇش ئىللىقلىق، نۇرغا ئېھتىياجلىق بولغان مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆسۈشىدىكى مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ℃15 ~℃25، ياز پەسلىدە سالقىنلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، سوغۇققا چىدامسىز. مۇنبەت، سۇ چىقىرىۋېتىشى ياخشى بولغان قۇمساڭ تۇپراقتا ياخشى ئۆسىدۇ.
باغۋەنچىلىكتە تۈرى ناھايىتى كۆپ، قىپقىزىل، فۇكسىن، كارمىن قىزىلى، ئاچ قىزىل، ئاق ئىبىس، سۆسۈن، سارغۇچ قىزىل قاتارلىقلار نەقىشلەنگەن ئاق ۋە قىزىل ئارمىيە تۈرى. يەنە پاكار تۈرى گۈلدەستە تىزىشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئافرىقا خېنىسى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، تۈپىنىڭ ئېگىزلىكى 30 ~ 60 سانتىمېتىر. غولىنىڭ سۇ تەركىبى بىرقەدەر يۇقىرى، رەڭگى سۈزۈك. غولىنىڭ يوقارقى بۆلىكىدىكى يوپۇرماقلىرى تېمىنە شەكىللىك ياكى تۇخۇمسىمان بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ.
يېتىۋېلىش كېسىلى
ئاساسلىقى يۇمران غۇلىغا زىيان سالىدۇ، كىسەل باشلانغان ۋاقىتتا يۇمران غولىنىڭ تۈۋى قىسمىدا كۆپۈكسىمان داغ، كېيىن كېسەللىك داغلىرى سۇس قوڭۇر رەڭدىن قوڭۇر رەڭلىك ھەمدە ئويمان شەكىلگە كىلىپ قالىدۇ، كېسەل تېز تەرەققىي قىلىپ، يۇمران غولى بىلەن مايسا قىسىمىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۆزلۈكىدىن غولنىڭ ئاساسىي قىسمى يېتىپ ئۆلىدۇ. ئالدىنى ئېلىش: تېرىشتىن ئىلگىرى تۇپراقنى دېزىنفېكسىيە قىلىش؛ ئۇرۇقنى تېرىغاندا بەك زىچ تېرىماسلىق، مايسا ئۈنگەندىن كېيىن سۇغىرىشنى كونترول قىلىش، تۇپراقنى ئازراق قۇرۇق ساقلاش؛ مۇھىت، ھاۋا ئۆتكۈزۈشنى كۈچەيتىش؛
ئاق توزان كېسىلى
ئاساسلىقى يۇپۇرماققا زىيان سالىدۇ، كېسەللىك يۈز بەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە يوپۇرماق يۈزىدە ئاق رەڭلىك پاراشوكسىمان كىچىك داغ پارچىلىرى كۆرىنىدۇ، كۈز پەسلىنىڭ باشلىرىدا، ئاق توزان قەۋىتى ئىچىدە سېرىق رەڭلىك كىچىك يۇمىلاق نۇقتا ئاقۇش رەڭدىن قارامتۇل قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يوپۇرماق سارغىيىپ ئۆلىدۇ. ئالدىنى ئېلىش : پەرۋىشنى كۈچەيتىش، مۇھىت ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ساقلاش، ئازوتلۇق ئۇغۇتنى ئاز، كالىيلىق، كالتىسىيلىق ئۇغۇتنى كۆپەيتىش، كېسەللەك كۆرۈلگەن ھامان دەرھال ۋاقتىدا دورا ئىشلىتىش، %15 لىك ترىئادىمېفپندىن 1000ھەسسىلىك ياكى %70 لىك مېتىل توپسىندىن 1000 ھەسسىگىچە ئارلاشتۇرۇپ چېچىش.
ۋابالىنىش كېسىلى
ئاساسلىق مايسا كۆچۈرۈپ تىكىلگەندىن كېيىن ئۆسۈملۈك تۈپى، غولى، يىلتىزىغا زىيان سالىدۇ، ئالدى بىلەن يۇمران غولى ۋە غولنىڭ ئاساسىي قىسىمىدا سۇ كۆپۈكسىمان قارامتۇل يېشىل رەڭلىكتىن سۇس سېرىق داغلار پەيدا بولىدۇ، كېيىن قارامتۇل قۇڭۇر رەڭدە چىرىپ تۈگەيدۇ. ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش: ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، بىرىنچىدىن، تۇپراقنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئىككىنچىسى ، يېتىشتۈرۈش مۇھىتىنى ئالماشتۇرۇش. دورىلىق ئالدىنى ئالغان ۋاقىتتا، %80 لىك فوسفوردىن 500 ھەسسىلىك ياكى % 25 لىك
مېتالاكسىل 500 - 800 ھەسسە، %1 لىك بوردو سۇيۇقلۇقى، %0.1 - %0.2 بولغان مىس سۇلفات سۇيۇقلۇقىنى ئارلاشتۇرۇپ چېچىش.
يەلنى يوقىتىپ، قاننى تىتىكلەشتۈرۈش، ئششىقنى ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش، رېماتىزىملىق ئاغرىش، يېقىلىپ زەخمىلىنىش، غەلۋىرەك، چاقا قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ياردەم تورى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.