باش تەمرەتكىسى

باش تەمرەتكىسى

بۇ بالىلاردا كۆپ كۆرۈلۈدىغان، باش قىسمىنىڭ بىر جاراسىملىق يۇقۇمدىن پەيدا بولىدىغان سوزۇلما تىرە كېسەللىكىدۇر. بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەردە كۆپ يۈز بېرىدىغان، بەزىدە چوڭ ياشتىكىلەردىمۇ كۆرىلىدۇ. كۆپىنچە باشنىڭ چاچ ئۆسكەن تېرىسىدە پەيدا بولغاندىن سىرت، بەزىلەردە بويۇن، قۇلاق ئەتراپى، ماڭلاي قاتارلىق ئورۇنلارغىمۇ كېڭىيىدۇ.


غەرب تېبابىتى نامى باش تەمرەتكىسى
كېسەللىك سەۋەبى بۇزۇلغان بەلغەم خىلىتىنىڭ قانغا ئارىلىشىپ، غەيرىي تەبىئىي قويۇق خىلىت ھاسىل قىلىپ، تېرە ئاستىغا ئولتۇرۇۋېلىشى
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ
يۇقۇملىنىشى يۇقىدۇ
يۇقۇملىنىش يولى بىۋاسىتە تېگىشىش , ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىش
ئاساسلىق ئالامىتى قۇرۇق باش تەمرەتكىسى باشنىڭ مەلۇم جايىدا چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان، ئاق، كېپەكلىشىدىغان قۇرۇق تەمرەتكە پەيدا بولۇپ قىچىشىش
خەنزۇچە نامى 头癣
تەۋە بۆلۈم تېرە بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى باش تېرىسى
ئىنگلىزچە نامى tineacapitis

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

باش تەمرەتكىسى1. تونۇش :بۇ بالىلاردا كۆپ كۆرۈلۈدىغان، باش قىسمىنىڭ بىر جارسىملىق يۇقۇمدىن پەيدا بولىدىغان سوزۇلما تىرە كېسەللىكىدۇر.

2.كېسەللىك سەۋەبلىرى:

1) بۇزۇلغان بەلغەم خىلىتى قانغا ئارىلىشىپ، غەيرى تەبىئىي قويۇق خىلىت پەيدا بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2) يۇقۇملىنىش.

3) يۇقۇتۇش

4) تازىلىق.

 3. پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكى:

بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەردە كۆپ يۈز بېرىدىغان، بەزىدە چوڭ ياشتىكىلەردىمۇ كۆرىلىدۇ. كۆپىنچە باشنىڭ چاچ ئۆسكەن تېرىسىدە پەيدا بولغاندىن سىرت، بەزىلەردە بويۇن، قۇلاق ئەتراپى، ماڭلاي قاتارلىق ئورۇنلارغىمۇ كېڭىيىدۇ.

باش تەمرەتكىسى كىلىنىكىدا: سېرىق تەمرەتكە، ئاق تەمرەتكە، قارا چېكىتلىك تەمرەتكە ۋە يىرىڭلىق تەمرەتكە دەپ تۆت تىپقا بۆلۈنىدۇ.

باش سېرىق تەمرەتكىسى

 سېرىق باش تەمرەتكە زەمبۇرۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق تىرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت. ئادەتتە (تاز) دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى سېرىق تەمرەتكە زەمبۇرۇغى ئاساسەن چاچ ۋە تۈك خالتىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، چاچنى زەخىملەندۈرىدۇ. ھەم تارتۇق ۋە مەڭگۈلۈك چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا تاز يارىسى ياكى تاز دەپ ئاتىلىدۇ.

  كىلىنىكىلىق ئىپادىسى:

باش تەمرەتكىسى  دەسلەپ تۈك خالتىسى ئەتراپلىرىدا يىنىڭ دەرىجىدە ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى يۈز بىرىدۇ. ياللۇغلانغان تۈك خالتا ئېغىزى ئەتراپىدا دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولۇپ، كىيىن يىرىڭلىق قاپارتىقۇغا ئايلىنىدۇ. تېشىلگەندىن كىيىن يىرىك سىرغىپ چىقىپ قۇرۇپ قېتىشىپ گۈڭگۈرت سېرىقسىمان رەڭلىك كېپىنەكسىمان كىچىك قەقەچ پەيدا بولىدۇ. قاقاچ ئوتتۇرىنى چاچ تېشىپ چىقىدۇ. بۇ سېرىق تەمرەتكە قاقىچى دەپ ئاتىلىدۇ. مانا بۇ مەزكۇر كېسەللىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.

  دەسلەپ تىرە تارقاق زەخىملىنىپ كىيىن تەدرىجىي بىرلىشىپ، توپلىشىپ، ئاقامتۇل سۈر رەڭگىدە بولىدۇ. ئۈستىگە ئىسپىرت سۈركىسە گۈڭگۈرت رەڭگىگە ئوخشاش سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.

 سېرىق تەمرەتكە قەقىچى خېلى مەھكەم چاپلىشىپ، ئاسان سويۇلمايدۇ. قاقاچنى سويۇۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدا قىزىل، سىلىق يۈزە يارا يۈزى ئېچىلىپ قالىدۇ. ساقايغاندىن كىيىن ئاتروپىيەلىك تاتۇق بولۇپ قالىدۇ. باش خۇددى چاشقان سۈيدۈكىگە ئوخشاش سېسىق پۇرايدۇ. كېسەللەنگەن چاچ قۇرۇپ، سارغىيىپ، ئىنچىكىلەپ، بوشاپ، ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ. تۈك ئاساسى ماددىسى ۋە تۈك خالتىسى بۇزۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن ئەڭ ئاخىرى مەڭگۈلۈك تارتۇق ۋە چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاغرىمايدۇ. لېكىن يېنىك دەرىجىدە قىچىشىدۇ. كېسەللىك جەريانى ئاستا، ئۆزلۈكىدىن ساقايمايدۇ. سېرىق تەمرەتكە زەمبۇرۇغى بەزىدە تىرناق پىلازمىسىنى ۋە ئەتراپ باشقا سىلىق تېرىلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ، سېرىق پەيدا قىلىدۇ.

   دىياگنوزى:

1.ئۇچرىشىش تارىخى: ئائىلە، ئۇرۇق-تۇغقان، قوشنىلار ياكى كوللېكتىپ ئارىسىدا يۇقۇملاندۇرغۇچى بولىدۇ.

2. كىلىنىك ئالاھىدىلىكى. 3چوڭ كىلىنىك ئالاھىدىلىكى.

3. باش تېرىسىدىن باشقا %12تىرناق، بارماق ۋە ئەتراپ سىلىق تىرىلىرىگىچە كېڭىيىدۇ.

4. كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن، نەچچە يىلغىچە سۈزۈلىدۇ. ياكى ساقايمايدۇ.

5. ئۇلترا بىنەپشە نۇرى ئاستىدا، كېسەللەنگەن چاچنى تەكشۈرگەندە خۇنۈك يېشىل، قارامتۇل يېشىل رەڭدە جۇلالىنىدۇ. ياكى پارقىراق نۇر بىرىدۇ.

6. مىكروسكوپتا كېسەللەنگەن چاچنى تەكشۈرگەندە زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى ۋە سىپۇرىلىرى كۆرلىدۇ.[0]

باش ئاق تەمرەتكىسى

باش تەمرەتكىسىئاق تەمرەتكە – تۆمۈر دېتى رەڭلىك كىچىك سىپورلىق مويسىمان باكتىريە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ كۆپىنچە ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەردە كۆپ كۆرلىدۇ. دەسلەپ، باش تېرىسىدە، كۈلرەڭ ئاقۇش رەڭلىك، تارقاق، چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان، يۇمىلاق ياكى رەتسىز، چىگىرسى ئېنىق بولغان، كۈلرەڭ تەُڭگە قاسراقلىق ئەسۋە پەيدا بولىدۇ. كىيىن شۇ ئۇرۇندىكى چاچلارنىڭ پارقىراقلىقى يوقۇلۇپ چۈرۈكلىشىپ 0. 5 مىللىمېتىر ئېگىزلىكتىلا چۈشىدۇ. قالدۇق چاچ غولىنى زەمبۇرۇغلارنىڭ ئورىۋېلىشى بىلەن سىرتقى ئەتراپىدا ئاقۇش رەڭلىك غىلاپسىمان قاقاچ ھاسىل بولىدۇ. تاتۇق ھاسىل بولمايدۇ، بالاغەتلىك دەۋرىگە يەتكەندە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ.

دىياگنوزى:

1. بۇ كۆپىنچە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلاردا، بولۇپمۇ قىزلارغا قارىغاندا ئوغۇللاردا كۆپ كۆرىلىدۇ.

2. كۆپلىگەن بىمارلاردا روشەن ھالدىكى يۇقۇملىنىش مەنبەسى بىلەن ئۇچراشقانلىق تارىخى بولىدۇ.

3.تىپىك كېلىنىڭ ئىپادىسى

4. كېسەللىك جەريانى ئاستا، بىر نەچچە يىلغىچە داۋاملىشىدۇ.

5.ئۇلترا بىنەپشە نۇرىدا تەكشۈرگەندە، يورۇق يېشىل رەڭدە نۇر بىرىدۇ.

6. مىكروسكوپتا تەكشۈرگەندە، زەمبۇرۇغ سىفۇرلىرى ۋە لىچىنكىلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ.

7.نۇسخا ئېلىپ ئۆستۈرگەندە، زەمبۇرۇغ تۈرلىرىنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ.

  سېلىشتۇرما دىياگنوزى:

1. ماي تېشىش خاراكتېرلىك تىرە ياللۇغىدىن پەرقلىنىدۇ.

 زەخىم يەرلىك ئورۇندا بولىدۇ. ياللۇغ ئېغىر بولىدۇ. قىچىشىش كۈچلۈك بولىدۇ.

2. تەڭگە تەمرەتكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.[0]

باش قار چېكىتلىك تەمرەتكە

قارا چېكىتلىك تەمرەتكە : رەڭلىك تەمرەتكە زەمبۇرۇغى بىلەن چاچ چۈشۈرگۈچى تەمرەتكە زەمبۇرۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  كىلىنىك ئىپادىسى:

    بۇ ئادەتتە قارا تەمرەتكە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپىنچە كۆپ ئۇرۇندا چاچما ئورۇنلاشقان. چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان يۇمىلاق ياكى ئېللىپىس شەكىللىك داغدىن ئىبارەت بولۇپ، يەرلىك ئورۇن باش تېرىسىدە ئاز مىقداردىكى كۈلرەڭ ئېقىشقا مائىل نېپىز قاسراقچىلار بولىدۇ، زەخىملەنگەن ئورۇندىكى چاچ باش تېرىسىدىن چىقىشى بىلەنلا سۇنۇپ كېتىدۇ. شۇڭا تۈك خالتىسىنىڭ ئېغىزدىكى سۇنغان چاچلار قارا چېكىتتەك كۆرۈنىدۇ. ئايالپ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقايمايدۇ. شۇڭا قارا چېكىتلىك تەمرەتكە دەپ ئاتالغان.

   بەزىدە كېسەللىك ئورۇندىكى چاچ باش تېرىسىدىن 0. 5مىللىمىتېر ئۇزۇنلۇقتا قىرقىلىپ پەرقلەندۈرۈش لازىم. ئوخشىمىغان دەرىجىدە قىچىشىدۇ. تۈك خالتىلىرى بۇزۇلۇپ، تەمرەتكە ساقايغاندىن كىيىن توچكىسىمان تاتۇقلۇق چاچ چۈشۈش ئاسارەت بولۇپ قالىدۇ.

  دىياگنوز:

1.  يۇقۇملىنىش مەنبەسى بىلەن ئۇچراشقانلىق تارىخى بولىدۇ.

2.  كىلىنىك ئىپادىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

3. ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەردە ئاز ساندا چوڭلاردا، ئەرلەردە كۆپ كۆرلىدۇ.

4. كېسەللىك باش تىرىسدىن باشقا قول-پۇت بارماق تىرناقلىرىغىچە ھەم سىلىق تىرىگىچە تارقىلىدۇ.

5. ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردا كېسەللەنگەن چاچنى تەكشۈرگەندە پارقىراقلىق نۇر بولمايدۇ.

6. مىكروسكوپتا كېسەللەنگەن چاچنى بىۋاسىتە تەكشۈرگەندە بوغۇمسىمان زەمبۇرۇغ سىپۇلىرى ۋە يىپچىلىرى كۆرۈنىدۇ.

7.  ئۆستۈرگۈچى كېسەللەنگەن ئورۇندىن نۇسخا ئېلىپ ئۆستۈرگەندە ھەر خىل زەمبۇرۇغ تىپلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.[0]

باش يىرىڭلىق تەمرەتكىسى

مەزكۇر كېسەل: زەمبۇرۇغ سىپورىلىرى بىلەن يۇقۇملانغان ئىت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش قىسىمدىكى ئاغرىقسىز، لوقۇلداش خاراكتېردىكى يىرىڭلىق ئىششىقتىن ئىبارەت.

  دىياگنوزى:

باش تەمرەتكىسى1.بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاياللاردا كۆپ كۆرىلىدۇ.

2. كېسەل تارىجى : كۆپىنچىلىرى كېسەللەنگەن ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىشىدىن يۇقۇملىنىدۇ.

3. كىلىنىك ئىپادىسى: تۈك خالتا ئەتراپى ياللۇغلىنىدۇ. ياللۇغ ئۆتكۈر بولۇپ، تىرە ئاستىغىچە يامرايدۇ. تەدرىجىي كېڭىيىپ، ئۆز ئارا بىرلىشىپ، سۇس ياكى قىزىل ياكى توق قىزىل رەڭدىكى دائىرىسى ئېنىق بولغان يۇمىلاق ياكى ئېللىپىس شەكىللىك يىرىڭلىق ئىششىق شەكىللىنىدۇ. يىنىڭ دەرىجىدە لوقۇلدايدۇ. كېسەللەنگەن ئورۇندىكى چاچلار ئاسان يۇلىنىدۇ. يېنىك باسقاندا يىرىڭ تۈك خالتا ئېغىزىدىن سىرغىپ چىقىدۇ. ئەتراپ لىمفا تۈگۈنچىلىرى چوڭىيىدۇ. ياللۇغلىنىدۇ. تاتۇق قالىدۇ.

4.كېسەللىك جەريانى ئۆتكۈر ئاسان ساقىيدۇ، ئاق تەمرەتكە بىلەن بىرگە كېلىدۇ.

5.ئۇلترا بىنەپشە نۇردا كېسەللەنگەن چاچنى تەكشۈرگەندە ئۇچۇق يېشىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ.

6. مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە زەمبۇرۇغ ۋە ئۆستۈرگەندە +

7.چاچ تەمرەتكە زەمبۇرۇغ تەجرىبىسىدە كۈچلۈك+

سېلىشتۇرما دىياگنوزى:

1. تۈك خالتا ياللۇغى ۋە تۈك خالتا ئەتراپ ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈش. مەزكۇر كېسەل ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ۋە قان ئېرىتكۈچى ئاق رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىريە تەرىپىدىن پەيدا بولىدۇ. زەمبۇرۇغ تەجرىبىسىدە مەنفى بولىدۇ. [0]

1-رېتسېپ

تەركىبى: ۋازېلىن 30 گىرام، گۈڭگۈرت 10 گىرام، بۇدۇشقاق يوپۇرمىقى بەش گىرام، نىشاستە، مامرانچىنى بەش گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ۋازېلىندىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ۋازېلىن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: كىبرىت 20 گىرام، قوي يېغى 60 گىرام، قىچا يېغى 20 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: قىچا بىلەن كىبرىتنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن قوي يېغى بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئۈچ-تۆت ۋاخ سىرتىدىن ياغلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: سېرىق ئوت، ئۈستقۇددۇس، بادام مېغىزى 30 گىرامدىن، سېرىق ھېلىلە، تەرەنجىبىن 60 گىرامدىن، شاھتەررە، گاۋزىبان، بىستىپايەج، سانا، بادرەنجى بۇيا 15 گىرامدىن، غارىقۇن، تۇربۇتتىن ئالتە گىرامدىن، سىركە مىللىلىتىر، ئۆچكە سۈتى 250 مىللىلىتىر، شېكە 200 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: سىركە، سۈت، شېكەردىن باشقا سۇدا قاينىتىپ، ئاندىن سۈت، شېكەر ۋە سىركىلەرنى سېلىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تىببى دەستۇر تىبابەت دەستۇرى تورىدىن ئېلىندى 

http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=141

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#