پېنزا شەھىرى
روسىيە فىدراتسىيەسى ياۋروپا بۆلىكىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان شەھەر، پېنزا ئوبلاستىنىڭ مەركىزى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پېنزا شەھىرىروسىيە فىدراتسىيەسى ياۋروپا بۆلىكىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان شەھەر، پېنزا ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر ۋولگا دەرياسىنىڭ تارمىقى سورا دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 526 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985) . بۇ شەھەر 1663-يىلى سېلىنغان. سانائىتىدە خىمىيە، توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سانائەتلىرى مەشھۇر بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا دېزىل ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىلىرىنى ئىشلەش، ياغاچچىلىق، قەغەز قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. پېنزا شەھىرى رۇس مىللىتىنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى. شەھەرنىڭ تۆمۈريول قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە خىميە سانائەت ئۈسكۈنىلىرى بىلەن توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرىنى ياساش تەتقىقات ئورنى، قۇرۇلۇش بىناكارلىق شۆيۈەنى، چوڭ تىپتىكى مۇزېيخانا بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.