رىكازې شەھىرى
رىكازې شىزاڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، قەدىمكى نامى «نيەنچۈمەي» . بۇ يەردە ناھايىتى بۇرۇنلا زاڭزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، خۇزاڭ رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
رىكازې شىزاڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، قەدىمكى نامى «نيەنچۈمەي» . بۇ يەردە ناھايىتى بۇرۇنلا زاڭزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، خۇزاڭ رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى. 500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. 14-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باش ئەمىر زېمىن جياڭچۈ جيەنزەن پاجۇ خانلىقىنى قۇرۇپ، يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئەينى چاغدا رىكازې13 زۇڭشى(مەمۇرىي ئورگاننىڭ نامى) نىڭ بىرى بولغان.
گېما خانلىقى دەۋرىدە، شىزاڭنىڭ مەركىزى مۇشۇ يەرگە تەسىس قىلىنغان. زاڭزۇچە بىناكارلىق ئۇسلۇبى ئاساسەن ساقلىنىپ قالغان. شىزاڭدىكى ئۈچ چوڭ ئىبادەتخانىنىڭ بىرى بولغان زاشى لۇنبۇ ئىبادەتخانىسى كۆركەم، ھەيۋەتلىك بولۇپ، تارىختا بەنچەن تۇرىدىغان جاي قىلىنغان. شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا سۇڭ، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قىممەتلىك قۇرۇلۇشلاردىن شيالۇ ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.