ئالەن تۇرىڭ

ئالەن تۇرىڭ
تالانتلىق ماتېماتىكا ئالىمى ئالەن تۇرىڭ 1912-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەنگلىيە دە تۇغۇلغان. 1945-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋاپات بولغان.

ئىسمى ئالەن تۇرىڭ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1912-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى پرىنسىتون ئۇنۋېرسىتىتى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1945-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى
چەتئەلچە نامى Alan Turing
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
كەسپى ماتېماتىكا

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالەن تۇرىڭ (Alan Turing) بىر تالانتلىق ماتېماتىكا ئالىمى، شۇنداقلا «كومپىيۇتېر ئىلىمى ئاتىسى» دەپ تەرىپلەنگەن 20-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ زور تۆھپە قوشقان ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس گېرمان مەخپىي ھۆججەت كودلىرىنى يېشىدىغان باشقارمىسىدا خىزمەت قىلىپ، كود يېشىشنىڭ پىرىنسىپلىرىنى بايقىغان ۋە كومپىيۇتېرنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تۇنجى بولۇپ ئاساس سالغان. ئۇ ئاۋانگارتلىق بىلەن ئىجاد قىلغان ئىنىگما دەپ ئاتالغان شىفىر يېشىش ماشىنىسى تۈپەيلى گېرمانلارنىڭ مۇھىم ئۇرۇش مەخپىيەتلىكلىرى بار ھۆججەتلەرنىڭ مەخپىي شىفىرى يېشىلىپ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋەزىيىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىدىغان چوڭ ئۇرۇشلاردا ئىتتىپاقداش ئارمىيە غەلبىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ تۆھپىسى بىلەن بۇ ھەر بىر كۈندە غايەت زور ئاپەت كەلتۈرىدىغان ئۇرۇش 2 يىلدىن 4 يىلغىچە قىسقارغان دەپ قارالماقتا.

ئۇ ئىجاد قىلغان تۇرىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىسى نۆۋەتتە تۇنجى كومپىيۇتېر دەپ قارالغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ماتېماتىكا، شىفىرشۇناسلىق، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى، لوگىكا ۋە نەزەرىيە بىئولوگىيىسى قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئەپسۇسكى 1952-يىلى بۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان ئالىم ھەمجىنىسلىق قىلمىشلىرى تۈپەيلى سوتقا تارتىلىپ شۇ ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيە قانۇنى بويىچە ئاياللىق جىنسىي ھورمۇن بىلەن داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇ 42-تۇغۇلغان كۈنى كېلىشكە 15 كۈن قالغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ئارقىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، كىشىلەر تۆھپىكارلار ئەگەر شۇ ۋاقىتتىكى ئەخلاق ئۆلچەملىرىدىن چەتنىگەن قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغان بولسا ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەكمۇ-يوق دېگەن مەسىلىدە كەسكىن تالاش-تارتىش قىلىشقان. ئاخىرىدا، 1960-يىللاردا دوكتور تۇرىڭنىڭ نامى پۈتۈنلەي ئاقلانغان ۋە ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى ھۆكۈمەت نامىدىن دوكتور تۇرىڭغا قىلىنغان ناچار مۇئامىلە ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ بارلىق تۆھپىلىرى ئېتىراپقا ئېرىشىپ خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئۇنىڭ نامىدا مۇكاپاتلار، ئىلمىي ئۇنۋانلار ۋە شەرەپ ناملىرى تەسىس قىلىنغان، ئۇنىڭ ھەيكەللىرى تىكلەنگەن ۋە ئەنگىلىيە تارىخىدىكى قەھرىمان ئوبراز سۈپىتىدە ياد ئېتىلگەن.

دوكتور تۇرىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋىرلىرىدىلا سىرداش دوستى كىرىستوفېرنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. كىرستوفېر ئۇنى ئىلىم-پەنگە قىزىقتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بەرگەن، ئىككىسى ئىلىم-پەن توغرۇلۇق ئۇزاق مۇنازىرىلەردە بولۇشقان. تۇرىڭ ئۇنىڭغا ھاياتىنى بېغىشلىماقچى بولغان، لېكىن كىرىستوفېر 20 ياشقا بارمايلا كالا تۇبېركۇليوز كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن بولغاچقا، تۇرىڭ ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈسىنى ئىلىم-پەنگە ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق ئىپادىلىمەكچى بولغان ۋە ئۆزىنىڭ قالتىس تىرىشچانلىقلىرىنىڭ قەلبىدىكى تۇنجى مۇھەببىتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى كىرىستوفېرنىڭ ئانىسىغا يازغان خەتلىرىدە ئاشكارا قىلغان. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلى گېرمان مەخپىي بۇيرۇقلىرىنىڭ شىفىرلىرىنى يېشىش ئۈچۈن ئىجاد قىلغان «ئىنىگما» دەپ ئاتالغان ماشىنىنى كرىستوفېرغا ئاتىغان بولۇپ، ماشىنىغا ئۆزى «كرىستوفېر» دەپ ئىسىم قويغان. ۋەھالەنكى، دوكتور تۇرىڭنىڭ بۇ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى ۋە ھەمجىنىس خاھىشى جەمئىيەتكە بىرەر زىيان ئېلىپ كەلمىگەن. ئەكسىچە، ھاياتى تىراگدىيە بىلەن ئاخىرلاشقان بۇ مەشھۇر ئالىم ئىنسانىيەت ئۈچۈن كىشى ئويلاپ يەتكۈسىز چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان. قىسقىسى، ئۇ ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ئارقىلىق دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل بىر جايغا ئۆزگەرتىشكە كۈچ قوشقان، سانسىزلىغان ئىنسانلارنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالغان ۋە كومپىيۇتېر ئىنقىلابىغا ئاساس سالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#