سۆڭەك ئۆسمىسى
سۆڭەك ئۆسمىسى بولسا ئىششىق تاشتەك قېتىپ كېتىدۇ، سۆڭەككە مەھكەم چاپلىشىپ تۇرىدۇ، مىدىرلاتقىلى بولمايدۇ، ئاساسلىق ئىپادىسى ئۆسمە خاراكتېرلىك بولغان كېسەللىك بولىدۇ، زەخىم ۋە باشقا ياللۇغلىنىشلاردىن كېيىن، چوڭ بوغۇملارنىڭ ھەرە كۆنەكسىمان قىسمىنىڭ ئۈستىدىكى كۆمۈرچەكنىڭ پۇلتىيىپ ئۆسۈۋېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سۆڭەك ئۆسمىسىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، زەخىم ۋە باشقا ياللۇغلىنىشلاردىن كېيىن، چوڭ بوغۇملارنىڭ ھەرە كۆنەكسىمان قىسمىنىڭ ئۈستىدىكى كۆمۈرچەكنىڭ پۇلتىيىپ ئۆسۈۋېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: ياخشى سۈپەتلىك ۋە يامان سۈپەتلىك دېگەن ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ، بەدەننى ئورۇقلىتىش، ھەرىكەت ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىش، ئاغرىش ۋە كۆرۈنەرلىك شەكىل ئۆزگىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: قۇستە 30 گىرام، پىلپىل، پەرپىيون، ئاقىرقەرھا 12 گىرامدىن، قۇندۇز قەھرى 5. 6 گىرام، كونا مۇسەللەس 300 گىرام، زەيتۇن ياكى كۈنجۈت يېغى 150 گىرام.
سۆڭەك ئۆسمىسىتەييارلاش ئۇسۇلى: قۇستە، پىلپىل، ئاقىرقەرھالارنى چالا سوقۇپ، مۇسەللەسكە بىر سوتكا چىلاپ، 150 گىرام قالغۇچە قاينىتىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن دورا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېلىپ، كۈنجۈت يېغى ياكى زەيتۇن يېغىنى قۇيۇپ، مۇسەللەس پارغا ئايلىنىپ، ياغلا قالغۇچە قاينىتىپ، قۇندۇز قەھرى بىلەن پەرپىيۇننى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ، قازاندىكى ياغ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سوۋۇغاندىن كېيىن سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: سىرتىدىن ئاغرىق جايغا چېپىلىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: ئېگىر، سۇمبۇل، دارچىن بەش گىرامدىن، مۇرمەككى سەككىز گىرام، جويۇز ئۇرۇقى، دۇرۇنەج ئەقرەبى ئۈچ گىرامدىن، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئادراسمان ئۇرۇقى ئىككى گىرامدىن، ھەسەل دورىلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگىچە.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.