روبېرت ئوۋېن (1771 −1858-يىللار) ئەنگلىيە لىك مەشھۇر مۇتەپەككۇر، ئۈچ چوڭ خىيالىي سوتسىيالىزمچىنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى روبېرت ئوۋېن
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1858-يىل
ئېنگېلىزچە نامى Robert Owen
خەنزۇچە ئىسمى 罗伯特·欧文
تۇغۇلغان ۋاقتى 1771-يىل
كەسپى كارخانىچى، ساخاۋەتچى، سوتسىيالىزىمچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 روبېرت ئوۋېن (1771 −1858-يىللار) ئەنگلىيەلىك مەشھۇر مۇتەپەككۇر ئالىم بولۇپ، ئۈچ چوڭ خىيالىي سوتسىيالىزمچىنىڭ بىرى. نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، يەتتە يېشىدا ئوقۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولغان، ئون يېشىدا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىغان، شاگىرت، پىركازچىك بولۇپ ئىشلىگەن. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك سەبىي ئوۋېننى ھالىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن، كەچلىرى پەلەمپەينىڭ تۇتقۇچىغا تايىنىپ تۇرۇپمۇ ئۈستۈنكى قەۋەتكە ئاران تەستە چىقالىغان، كۈنىگە ئاران بەش سائەت ئۇخلاشقا رۇخسەت قىلىنغان. 

جاپالىق تۇرمۇش ئوۋېنغا كاپىتالىستىك جەمئىيەت پەيدا قىلغان جەبىر-جاپالارنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئەمگەكچى ئاممىغا نىسبەتەن ھېسداشلىق پەيدا قىلغان.

كېيىن، ئوۋېن داڭلىق كارخانىچىغا ئايلىنىپ، جەمئىيەتتىكى نامۇۋاپىق ئەھۋاللارنى ئىسلاھ قىلىش سىنىقىغا كىرىشكەن. ئەڭ دەسلەپكى سىناقنى ئۇ ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئېلىپ بارغان. ئۇ ئىشچىلارنىڭ كۈنلۈك ئەمگەك ۋاقتىنى ئون يېرىم سائەتكە قىسقارتىپ، بىرمۇنچە پۇل خەجلەپ ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرگەن، فابرىكا بىرەر سەۋەب تۈپەيلىدىن ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلغاندىمۇ، ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىۋەرگەن، ئىشچىلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئوپچە ئاشخانا، ماگىزىن، ئۈلگىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى قاتارلىقلارنى ئاچقان. بۇنداق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئادەتتىكى كاپىتالىستلارنىڭ ئىشقا ئاشۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يۇقىرىقىدەك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئارقىسىدا، ئوۋېننىڭ فابرىكىسىنىڭ كىرىمى ئازىيىپ كېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە سەل-پەل كۆپەيگەن. بۇ مۇۋەپپەقىيەت ئوۋېنغا ئىلھام ئاتا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك سىناققا تۇتۇش قىلىپ، ئامېرىكىدا بىر پارچە يەر سېتىۋېلىپ، يېڭىچە كوممۇنىزم مەھەللىسى قۇرماقچى بولغان. ئۇ «يېڭى ئىناق مەھەللە» دەيدىغان بىر ئىجتىمائىي تەشكىلات قۇرۇپ، 800 دىن ئارتۇق ئەزا قوبۇل قىلغان، مال-مۈلۈك ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئومۇمنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولغان، ھەممە ئادەم ئەمگەك قىلغان، ھەممەيلەنگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىنغان، دېموكراتىك باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. ئۇ مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىنىپىي قارىمۇ قارشىلىق ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىشنى ئارزۇ قىلغان. ئەمما، كاپىتالىزم تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماي تۇرۇپ، بۇ نىشانغا يېتىش قۇرۇق خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئاقىۋەتتە «يېڭىچە ئىناق مەھەللە» قۇرۇلۇشى مەغلۇپ بولۇپ، ئوۋېن بارلىق مال-بىساتىدىن دېگۈدەك ئايرىلىپ قالغان. لېكىن، ئۇ بۇ ئوڭۇشسىزلىق تۈپەيلىدىن چېكىنىپ كەتمەي، ئەنگلىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىشچىلار ئارىسىدا ئىشچىلارنى كاپىتالىستلارنىڭ ئېكسپىلاتاتسىيىسىدىن قۇتقۇزۇشنى داۋاملىق سىناق قىلغان. ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىپ، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش پىلانى ھەم تەشەببۇسىنى بوشاشماي تەشۋىق قىلغانلىقى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەنلىكى كېيىنكىلەر ئۈچۈن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق بولۇپ قالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#