ئىشتىھاسىزلىق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئىشتىھاسىزلىقسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئاشقازان مىجەزى بۇزۇلۇش، ئاشقازاندىكى سەزگۈ ئەسەبلىرىنىڭ خىزمىتى ناچارلىشىش، ئاشقازاندا خام خىلىتلار كۆپىيىپ كېتىش ياكى جىگەر خىزمىتىدە توسالغۇ پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: ئاچلىق سېزىمى بولغان ھالەتتىمۇ تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: زەنجىۋىل 300 گىرام، شېكەر ئۈچ كىلوگرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: زەنجىۋىلنى بىر سوتكا سۇغا چىلاپ قويۇپ، قاينىتىپ، تەمى چىققاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، ئاندىن شېكەر بىلەن قاينىتىپ قىيام قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
تال خىزمىتى دەخلىگە ئۇچراشتىن بولغان ئىشتىھاسىزلىق
ئىشتىھاسىزلىقئالامىتى:تال ساھەسىدە يېقىمسىزلىق بولىدۇ. بىمار كەم ماغدۇر، كەم قان بولۇپ، قورسىقى ئاچمايدىغانلىقىدىن زارلىنىدۇ. تۇتۇپ كېكىرگەندە بەزىلەرنىڭ تىلى چوڭايغان بولىدۇ.
داۋاسى:سەۋەبچى بولغان ئاساسىي كېسەلنى داۋالاش، مۇمكىن بولسا قەي قىلدۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇرۇپ ئۇرۇقى، زاغۇن، سېرىق چېچەك ئۇرۇقلىرى ھەسەل قوشقان سىركە سۈيى بىلەن ئىچكۈزۈلىدۇ. ئاندىن كېيىن ئىسكەنجىدىن بوزورى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە ئىشتىھانى ئاچقۇچى باشقا دورىلارنىمۇ بېرىش كېرەك. تىل چوڭىيىش ۋە قان ئازلىق ئەھۋاللىرى بولسا، تەلتۆكۈس ئېنىقلاپ چارە كېلىش لازىم.[0]
مېڭە ئەسەب خىزمىتىدىكى بۇزۇلۇشتىن بولغان ئىشتىھاسىزلىق
ئالامىتى:مېڭە ئەسەب (نېرۋا) ئاجىزلاش ۋە روھىي كېسەللىكلەر ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن : غەم ئەندىشە قېلىش، بىئاراملىق، قورقۇش، ئۈمىدسىزلىنىش، قايغۇ-ھەسرەت، غەزەپلىنىش، مالىخۇلىيالىقيىن ئىبارەت ئەسەبىي ۋە روھى ئەھۋاللار ئېغىر دەرىجىدە بولغاندا ئاشقازان خىزمىتى ئاجىزلىشىپ ئىشتىھا تۇتۇلۇپ تاماقنى ئاز يەيدىغان ياكى تاماق خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بۇ ئەھۋاللار ئۇزارسا بىمار ئۇرۇقلاپ كېتىدۇ.
داۋاسى: ئاساسىي سەۋەبىنى يوقىتىش، ئاساسىي كېسەلنى ئېنىقلاپ داۋالاش كېرەك. مېڭە، ئەسەب ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى دورىلارنى بېرىش بىلەن بىللە قوشۇمچە ئىشتىھا ئاچقۇچى، ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم.[0]
ھەرخىل تەپلەردىن بولغان ئىشتىھاسىزلىق
ئالامىتى:ھەرخىل تەپ كېسەللىرىدە بولىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلۈش بىلەن بىللە يۇقىرى قىزىتما ۋە كېسەللىك زەھەرلىرى تۈپەيلىدىن ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن : يۇقۇملۇق قىزىتما (تەپى ۋەبائى)، قىزىل، ۋابا، تائۇن (چۇما)، ئەسۋىلىك كېزىك (تەپى ئەسپە)، كۈنلۈك قىزىتما (تەپى رەۋمى)، خىلىتلىق قىزىتمىلار (تەپى خىلىتى)، جۈدەتكۈچى قىزىتما تەپى دىققى)، كېزىك (تەپى موھرىقە)، قايتىلانما قىزىتما (تەپى رۇبئى دائىرە-ئۆرە كېزىك) قاتارلىق كېسەللىكلەر.
داۋاسى:ئاساسىي كېسەللىكنى داۋالاش بىلەن بەدەن ھارارىتىنى تۆۋەنلەتكۈچى، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى، چوڭ تەرەتنى راۋان قىلغۇچى، ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى ۋە ئىشتىھا ئاچقۇچى دورىلار بېرىلىدۇ ھەم شۇ خىل چارە-تەدبىرلەر قىلىنىدۇ.[0]
سەرەتان (راك)، سەرسام (مېڭە پەردە ئىششىقى) ۋە باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بولغان ئىشتىھاسىزلىق
ئىشتىھاسىزلىق ئالامىتى:ئىشتىھاسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى كېسەللىكلەرنىڭ بىر قاتار ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن : ئاشقازان راكىدا، ھەزىم ئەزالىرىدا بولىدىغان ھەزىم بۇزۇلۇش، ھىق تۇتۇش، تاماق سىڭىش تەسلىشىش، تاماقتىن كېيىنلا قۇسۇش ئەھۋاللىرى بولىدۇ. داۋاملىق دېگۈدەك ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ. بىمار كۈندىن-كۈنگە ئۇرۇقلاشقا باشلايدۇ. كېيىنچە رەسمىي ئاشقازان راكى كېسىلىنىڭ ئېنىق ئالامەتلىرى نامايان بولىدۇ. بەزىلىرىدە ئاشقازان، ئۈچەي ۋە باشقا ئەزالاردا ھېچقانداق ئېنىق بىر كېسەللىك ئالامىتى بولماي تۇرۇپ داۋاملىق ھالدا ئىشتىھا تۇتۇلۇش، كۆڭلى تاماق تارتماسلىق كۆرۈلىدۇ. بىمار ئۇرۇقلاپ كېتىدۇ. كېيىنچە مەلۇم بىر ئەزادا راك بارلىقى بىلىنىدۇ. دېمەك ئىشتىھاسىزلىق مۇھىم بىر ئالامەت بولۇپ كېلىدۇ.
سەرسام كېسىلىدە بولىدىغان جىددىي ئالامەتلەر، مەسىلەن : قاتتىق باش ئاغرىش، قاتتىق قۇسۇش، قاتتىق ئىستىمداش، گەجگە گۆشلىرى قېتىۋېلىش ۋە باشقا ئالامەتلەر بىلەن بىللە بىردىنلا تاماقتىن قېلىپ، ئىشتىھا يوقىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆپكە، يۈرەك، بۆرەك كېسەللىكلىرى ۋە ئېغىر دەرىجىدە جاراھەتلىنىش ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، يىقىلىش، , , ئېغىر نەرسىلەرنىڭ ئاستىدا قېلىش قاتارلىقلاردىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىشتىھاسىزلىق ياكى ئىشتىھا يوقىلىشلار بولىدۇ.
داۋاسى: كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلىرىگە قاراپ ئاساسىي كېسەللىكنى داۋالاش ھەمدە ئۇنىڭغا
قوشۇمچە ھالدا ئىشتىھا ئاچقۇچى دورىلار، يۈرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىش چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋان قىلغۇچى چارىلەرنى قىلىش لازىم.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
تېببىي جەۋھەر تورىدىن ئېلىندى.
http://www.tibbiyjawhar.com/html/medical/hezim/2014/0313/843.html
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
تېببىي جەۋھەر تورىدىن ئېلىندى.
http://www.tibbiyjawhar.com/html/medical/hezim/2014/0313/843.html
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.