مال-مۈلۈك جازاسىنى تەتبىقلاشقا ئائىت بىرنەچچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مال-مۈلۈك جازاسىنى تەتبىقلاشقا ئ

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مال-مۈلۈك جازاسىنى تەتبىقلاشقا ئائىت بىرنەچچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى 2000-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1139-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 


ئۇيغۇرچە نامى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مال-مۈلۈك جازاسىنى تەتبىقلاشقا ئائىت بىرنەچچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2000-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى
خەنزۇچە نامى 最高人民法院关于适用财产刑若干问题的规定
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى
ھۆججەت س ئى (2000) 45-نومۇرلۇق بۇيرۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 س ئى (2000) 45-نومۇرلۇق بۇيرۇق 

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مال-مۈلۈك جازاسىنى تەتبىقلاشقا ئائىت بىرنەچچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى 2000-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ 1139-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، ھازىر ئېلان قىلدۇق، 2000-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى

2000-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى 

جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار مال-مۈلۈك جازاسى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى توغرا چۈشىنىش ۋە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، مال-مۈلۈك جازاسىنى تەتبىقلاشقا ئائىت بىرنەچچە مەسىلىلەرگە قارىتا تۆۋەندىكىچە بەلگىلىمە چىقىرىلدى:

1-ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «قوشۇپ جازالاش»تا مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش ياكى جەرىمانە جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەتكە خەلق سوت مەھكىمىسى ئاساسىي جازا بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا قانۇن بويىچە چوقۇم مۇناسىپ مال-مۈلۈك جازاسى بېرىشى؛ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «قوشۇپ جازا بېرىلسە بولىدۇ» دېيىلگەن مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش ياكى جەرىمانە جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەتكە خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ مال-مۈلۈك ئەھۋالىغا ئاساسەن، مال-مۈلۈك جازاسى بېرىش-بەرمەسلىكنى قارار قىلىشى كېرەك.

2-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى قىلمىشى، مەسىلەن، قانۇنسىز ئېرىشكەن سوممىسى، كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ھەمدە جىنايەتچىلەرنىڭ جەرىمانىنى تاپشۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، قانۇن بويىچە جەرىمانە قويۇشىكېرەك. جىنايى ئىشلار قانۇنىدا جەرىمانە قويۇش سومما ئۆلاچىمىدە ئېنىق بەلگىلىمە بولمىغانلىرىدا، جەرىمانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سوممىسى مىڭ يۈەندىن ئاز بولماسلىقى لازىم.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزسە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، بىراق جەرىمانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سوممىسى 500 يۈەندىن ئاز بولماسلىقى كېرەك.

3-ماددا جىنايەتچىلەر ئۆتكۈزگەن بىرقانچە جىنايەتكە قانۇن بويىچە ئايرىم-ئايرىم جەرىمانە قويۇلغانلىرىغا قوشۇپ جازالاشنى يولغا قويۇپ، قويۇلغان جەرىمانە سوممىسىنى قوشۇپ، ئومۇمىي يىغىندىسىنى ئىجرا قىلىش كېرەك.

بىر ئادەم كۆپ جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قانۇن بويىچە بىرلا ۋاقىتتاجەرىمانە جازاسى ۋە مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلگەنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىش؛ بىراق، بارلىق مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلگەنلىرىگە مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش جازاسىنى ئىجرا قىلىش كېرەك.

4-ماددا جىنايەت قىلمىشى بىرقەدەر يېنىك بولسا، ئايرىم جەرىمانىنى تەتبىقلىغاندا جەمئىيەتكە قايتا زىيان يەتكۈزمىسە ھەمدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرىنى ھازىرلىسا، قانۇن بويىچە ئايرىم جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

(1) تاسادىپىي جىنايەت سادىر قىلغان ياكى تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغانلار؛

(2) ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ياكى خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى بولغانلار؛

(3) جىنايەت ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا 18 ياشقا توشمىغانلار؛

(4) جىنايەتنىڭ تەييارلىق باسقۇچىدا تۇرغانلار، جىنايىتىنى توختاتقانلار ياكى جىنايىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلار؛

(5) تەھدىت ئاستىدا جىنايەتكە قاتناشقانلار؛

(6) بارلىق زاڭ مالنى قايتۇرغانلار ھەمدە توۋا قىلىش ئىپادىسى بولغانلار؛

(7) قانۇن بويىچە ئايرىم جەرىمانە قويۇشقا بولىدىغان باشقا ئەھۋاللار.

5-ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 53-ماددىسىدابەلگىلەنگەن «ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن سۈرۈك» ھۆكۈمنامىدە بېكىتىلىشى كېرەك؛ «ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن سۈرۈك» ھۆكۈم قانۇن كۈچىگە بولغان 2-كۈنىدىن باشلاپ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندائۈچ ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

6-ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 53-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئاپەتكە ئۇچراش سەۋەبىدىن تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىينىلىپ قالغان»، ئاساسلىقى ئوت ئاپىتى، سۇ ئاپىتى، يەر تەۋرەش قاتارلىق ئاپەتكە ئۇچراپ مال-مۈلكى يوقاپ كەتكەن؛ جىنايەتچىئېغىر كېسەل بولۇپ، زەخىملىنىپ مېيىپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ياكى جىنايەتچى بېقىشقا تېگىشلىك يېقىن تۇغقانلىرى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى داۋالاش ھەققى قاتارلىقلارنى تۆلەش زۆرۈر بولۇپ، ئىجرا قىلىنىدىغان مال-مۈلۈكنى ھەقىقەتەن تۆلىيەلمەيدىغان «جەرىمانە ئازايتىلسا ياكى كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ»غانلىقى ھازىرلانغان ئەھۋاللاردا، جىنايەتچىنىڭ ئۆزى، يېقىن تۇغقانلىرى ياكى جىنايەتچى تۇرۇشلۇق ئورۇن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولغان ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە يازما ئىلتىماسسۇنۇشى ھەمدە مۇناسىپ دەلىل–ئىسپاتلار بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك جەرىمانە سوممىسىنى ئازايتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدە كېسىم چىقىرىشى كېرەك.

7-ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 60-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «جىنايەتچىنىڭ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئورۇنلۇق قەرزى» جىنايەتچى ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى باشقىلارغا قايتۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان قانۇنلۇق قەرزنى كۆرسىتىدۇ.

8-ماددا جەرىمانە جازاسىنىڭ سوممىسى خەلق پۇلىنى بىرلىك قىلىپ ھېسابلىنىدۇ.

9-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە جاۋابكارغا مال-مۈلۈك جازاسى ھۆكۈم قىلىنىدۇ دەپ قارىغانلىرىغا دېلونى سوت قىلىش جەريانىدا جاۋابكارنىڭ مال-مۈلكىنى تۇتۇپ قېلىش ياكى توڭلىتىپ قويۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

10-ماددا مال-مۈلۈك جازاسىنى بىرىنچى سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىدۇ.

جىنايەتچىنىڭ مال-مۈلكى باشقا جايدا بولسا بىرىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى مال-مۈلۈك تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋەكالىتەن ئىجرا قىلىپ بېرىشىنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

11-ماددا ھۆكۈمدە بېكىتىلگەن مۆھلەت توشۇپ 2-كۈنىدىن باشلاپ، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن تاپشۇرىدىغان جەرىمانىنى كېمەيتكەن ياكى كەچۈرۈم قىلغان ئەھۋال بولمىسا، مەجبۇرىي تاپشۇرغۇزۇلىدۇ.

تۇتۇپ قالغان، توڭلىتىپ قويغان مال-مۈلۈكنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىربولغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 314-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.[0]


  

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 

http://uygur.news.cn/2012-04/23/c_131545903_2.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#