ئالەم بوشلۇقى تۇمانلىرى

ئالەم بوشلۇقى تۇمانلىرى

ئاسترونوملار ناھايىتى بۇرۇنلا ئوپتىكىلىق تېلىسكۇپ ئارقىلىق بۇلۇتسىمان ئاسمان جىسملىرىنى بايقاپ، ئۇلارنى ئالەم بوشلۇقى تۇمانلىرى (تۇمانلىق) دەپ ئاتاشقان.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالەم بوشلۇقى تۇمانلىرى ئاسترونوملار ناھايىتى بۇرۇنلا ئوپتىكىلىق تېلىسكۇپ ئارقىلىق بۇلۇتسىمان ئاسمان جىسملىرىنى بايقاپ، ئۇلارنى تۇمانلىق دەپ ئاتاشقان. تۇمانلىق يۇلتۇزلار ئارا بوشلۇقتىكى گاز جىسملار ۋە چاڭ-توزانلاردىن تەشكىل تاپقان بۇلۇتسىمان ئاسمان جىسىملىرىنى كۆرسىتىدۇ. تۇمانلىقتا بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى ماددىلار ناھايىتى ئاز بولۇپ، يەر شارى ئاتموسفېرانى ئۆلچەم قىلغاندا، بەزى جايلىرى ئاساسەن ۋاكۇئوم ھالەتتە بولىدۇ. بىراق تۇمانلىقنىڭ ھەجىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئادەتتە تۇمانلىقنىڭ دائىرىسى نەچچە ئون يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ.

تۇمانلىقنىڭ شەكلى خىلمۇخىل بولۇپ، بەزى تۇمانلىقلار يىيىلغان ھالەتتە ناھايىتى تەرتىپسىز بولىدۇ، ئېنىق چىگراسى بولمايدۇ، ئاسترونوملار ئۇنى دىففۇزىيە تۇمانلىقى دەپ ئاتىشىدۇ. بەزى تۇمانلىقنىڭ شەكلى يۇمىلاق تەخسىسىمان ياكى ھالقىسىمان بولۇپ، سۇس نۇر چىقىرىدۇ ، چوڭ سەييارىگە ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئاسترونوملار ئۇنى سەييارىسىمان تۇمانلىق دەپ ئاتىشىدۇ، سەييارىسىمان تۇمانلىق ھازىرمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپۈپ، بىرلىك ھەجىمىنىڭ ماسىسىنى ئازايتىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە بايقالغان سەييارىسىمان تۇمانلىق 1000 دىن ئاشىدۇ.

تۇمانلىق بىلەن تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئۆزگىرىشىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار، تۇرغۇن يۇلتۇز چاچرىتىپ چىقارغان گاز جىسىملار تۇمانلىقنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ، تۇمانلىقنىڭ چىچىلىپ تۇرغان ماددىلىرى تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە يىغىلىپ تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەلۇم شەرت ئاستىدا، تۇرغۇن يۇلتۇز بىلەن تۇمانلىق ئۆزئارا بىر-بىرىگە ئايلىنالايدۇ.

مەسىلەن ، ئاسترۇنومىيەلىك كۈزىتىشكە ئاساسلانغاندا ، قىسقۇچپاقا تۇمانلىقى 1054-يىلى 7-ئايدا يۈز بەرگەن دەرىجىدىن تاشقىرى يېڭى يۇلتۇز پارتلاش جەريانىدا قويۇپ بىرىلگەن گاز تۇمانلىقى بولۇپ، 1100 مېتىر ھەر سېكۇنىت تىزلىك بىلەن كېڭىيىۋاتىدۇ، ئوۋچى يۇلتۇز تۈركۈمى چوڭ تۇمانلىقى يېڭى «تۇرغۇن يۇلتۇز» لارنى ھاسىل قىلىدۇ، كىشىلەر ئوۋچى يۇلتۇز تۈركۈمى تۇمانلىقنىڭ كەينىدىكى قاراڭغۇ تۇمانلىق ئىچىدە LK دەپ ئاتىلىدىغان ئاسمان جىسىمىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان، ئۇلار جىددى يىغىۋاتقان ئاسمان جىسىمى بولۇپ، يېڭى تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ «تۆرەلمىسى» ھېسابلىنىدۇ، بۇ بىزنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ پەيدا بولۇش سىرىنى ئېچىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تۇمانلىق تەتقىقاتنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ شەكىللىنىشى، يۇلتۇزلار ئارا ماددىلاردىن تەركىب تېپىشى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىشتە ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#