بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلىش
سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى بۆرەك جامىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە سۈيدۈك يىغىلىپ قېلىشى، بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلىش دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى بۆرەك ئىچىدە سۈيدۈك يىغىلىپ، بېسىمنىڭ يۇقىرىلىشى , بۇنىڭ بىلەن بۆرەك جامى كېڭىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۆرەك يىگىلەپ قالىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلىشسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، سۈيدۈك تەركىبىدىكى چۆكۈشكە مايىل ھاك، تۇز ۋە شىللىق پەردە ئاجرالمىلىرىنىڭ يۇقۇملىنىش ۋە توسۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: بەل ئاغرىش، ئاغرىق كىندىك ئاستى ۋە جىنسىي ئەزاسىغىچە تارقىلىش، بەزىدە تۇتقاقلىق تولغاپ ئاغرىش، ئاغرىق بەك تۇتقاندا قان سىيىش، بالىلاردا كۆرۈلگەندە يىغلاپ تېپچەكلەپ زوڭ ئولتۇرۇۋېلىش، بىر قولى بىلەن جىنسىي ئەزاسىنى تۇتۇۋېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: قاراكۆز بەدىيان ئۇرۇقى، قاقىلە، بەدىيان، رۇمبەدىيان 30 گىرامدىن، بەدىيان يىلتىزى پوستى، ئېگىر، پىرسىياۋشان، تىللا گۈل، قۇستە 10 گىرامدىن، قاقىلە ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى 15 گىرامدىن، سۇ ئىككى لىتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇغا بىر كۈن چىلاپ، ئەتىسى قاينىتىپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ، تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 150 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.
2-رېتسېپ
بۆرەككە سۇ يىغىلىپ قېلىشتەركىبى: بىلسان ئۇرۇقى، تۇرۇپ ئۇرۇقى، تاغ سەۋزىسى ئۇرۇقى، پەتەر ئاساليۇن، بۆرە سويمىسى يىلتىزى پوستى، بەدىيان يىلتىزى پوستى، جاۋاشىر، ئاقلانغان بادام مېغىزى، ھەببۇلغار، مەككى چىغى (ئىزخىر) ، سۇمبۇل، قېلىن دارچىن، قەنتەرىيۇن، ئادراسمان ئۇرۇقى، يۇمىلاق زىراۋەندە، جېنتىيانا، ئاسارۇن، قەردمانە، سەكبىنەج، ئاق بەزرۇلبەنجى، مۇقىل، پىلپىل، ئېگىر 10 گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى: بىلساندىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بىلساندىن ياغ چىقىرىپ، ئەرەب يېلىمىدا خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.