ئاق كېسەل

ئاق كېسەل

ئاق كېسەللىك كىشىلەر ئارىسىدا ئاۋالاق، پىسە دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىنىۋاتقان بەدەن تېرىسى مەلۇم قىسمى ياكى پۈتۈن قىسمى يۈزىنىڭ رەڭگى ئاقىرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، تاشقى گۈزەللىكنى بۇزۇپ ئادەمنى روھى جەھەتتىن ئازابلايدىغان، دىياگنوز قويۇش ئاسان، داۋالاش ئۈنۈمى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇۋاتقان تېرە كېسەللىكىدىن ئىبارەت. ئاق كېسەللىك پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدا پەيدا بولىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى ئاق كېسەل
كېسەللىك سەۋەبى رەڭ پىگمېنتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، تەبىئىي ھارارەت تۆۋەنلەپ، ھۆللۈك كۆپىيىپ كېتىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ياش ئاياللار
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى نامى vitiligo
ئاساسلىق ئالامىتى بەدەندە شەكىلسىز ۋە تەرتىپسىز ھالدا تېرىنىڭ نورمال تېرىدىن پەرقلىق ھالدىكى ئاقىرىپ قېلىشى
خەنزۇچە نامى 白癜风
تەۋە بۆلۈم تېرە بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى دۈمبە , بوغۇم, بىلەك , چىراي, بويۇن , جىنسىي ئەزا
باشقا ئاتىلىشى بەرەس، ئاۋلاق، پىسە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ كېسەللىك، رەئىس ئەزالارنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىشى تەسىرىدىن تېرىنىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى، ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى، رەڭ پىگمېنتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، تەبىئىي ھارارەت تۆۋەنلەپ، ھۆللۈك كۆپىيىپ كېتىش شۇنداقلا ھۆل ۋە سوغۇقلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش نەتىجىسىدە، خىلىتلار خام قېلىش، كەم قانلىق، كۆيۈك، ئۈششۈك ۋە مەددە قۇرت قاتارلىق ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: بەدەننىڭ مەلۇم قىسمى ياكى ئومۇمىي بەدەندە شەكىلسىز ۋە تەرتىپسىز ھالدا تېرىنىڭ نورمال تېرىدىن پەرقلىق ھالدىكى ئاقىرىپ قېلىشى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. 

ئاق كېسەل    1) رەئىس ئەزالار خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى سەۋەبىدىن يەنى مېڭە، يۈرەك، جىگەر قاتارلىق ئەزالار خىزمىتىنىڭ بەدەندىكى ئىچكى، تاشقى ئامىللار تەسىرىدىن قالايمىقانلىشىشى سەۋەبىدىن تېرە ۋە باشقا ئەزالارنى ئوزۇقلۇق بىلەن ئوزۇقلاندۇرغۇچى ئەزالاردىكى ئوزۇقلۇقلارنى تۇتۇپ تۇرغۇچى، ھەزىم قىلدۇرغۇچى ۋە ھەزىم قىلىنىپ بولغان ئوزۇقلۇقلارنى ھەيدەپ چىقارغۇچى قۇۋۋەتلەرنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، نەتىجىدە تېرە رەڭ پىگمېنتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراشقانلىقتىن ئاق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. 

   2) بەدەندىكى ئۆزگەرتكۈچى قۇۋۋەت تۈرلۈك ئامىللار تەسىرىدىن ماددىلارنى ئەزالارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئۆزگەرتىپ بېرەلمىگەنلىكتىن، بۇ بەدەننىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ھۆللۈكنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېرىنىڭ ئوزۇقلۇقلارنى ئۆزگەرتىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، رەڭ پىگمېنتىنى شەكىللەندۈرۈش خىزمىتى سۇسلاشقانلىقتىن ئاق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. 

   3) يەرلىك ئورۇندىكى تېرە سەزگۈ نېرىپلىرىنىڭ سەۋدا خىلىتىنىڭ زىيادە غىدىقلىشىغا ئۇچرىشى بىلەن تېرە خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، تېرىنىڭ تەڭ پىگمېنتىنى ئىشلەپچىقىرىشى سۇسلىشىپ ئاق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ . 

4) بەدەندىكى سەپرا خىلىتىنىڭ نورمال مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن بەدەننىڭ ئىنچىكە تومۇرلاردا قان ئايلاندۇرۇش، خىلىتلارنى پىشۇرۇش ۋە سىڭدۈرۈش خىزمەتلىرى سۇسلىشىپ تەدرىجىي ئاق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. 

   5) قان ئازلىقتىن، قان تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ كۆپلەپ چۆكمە ھاسىل قىلىشىدىن ئاق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. 

   6) بەدەنگە ماس كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى، سوغۇق ۋە سوغۇق تەبىئەتلىك غەلىز تائاملارنى، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى، ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك مېۋىلەرنى كۆپ مىقداردا ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلىپ ئادەتلىنىش سەۋەبىدىن ئاشقازاننىڭ ھەزىم خىزمىتى بۇزۇلۇپ، بەدەندە كۆپ مىقداردا خام خىلىت پەيدا بولۇش نەتىجىسىدە ئاق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. 

  7) ساقلىقنى ساقلاش زۆرۈرىيەتلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلماسلىق سەۋەبىدىنمۇ ئاق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. 

   8) كۆيۈك، ئۈششۈك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تېرە پۈتۈنلۈكى بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك باشقا كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتىدىمۇ يەرلىك ئورۇندىكى تېرە يۈزىدە ئاق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. 

   9) بەدەندىكى ئىچكى ئەزالاردا يۈز بەرگەن باشقا كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن بولۇپمۇ ھەزىم يولىدىكى پارازىت قۇرت كېسەللىكىنىڭ تەسىرىدىن تېرىدە ئاق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن : شىپاخانىمىزنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە 1993-يىلنىڭ بېشىدىن 1994-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاق كېسەل بىلەن يېتىپ داۋالانغان 312 نەپەر بىمارنىڭ كېسەللىكىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، كېلىنكىلىك تەھلىل قىلىش ئارقىلىق دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ بىمارلارنىڭ ئىچىدىكى 48 نەپەر بىماردا ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە ئۈچەي مەددە 

قۇرت كېسەللىكىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانغان. بۇ ئومۇمىي بىمار سانىنىڭ 15 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. [0]

1-رېتسېپ

تەركىبى: گۈڭگۈرت تالقىنى 100 گىرام، ياڭاق مېغىزى، سۇ يېغى 50 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: گۈڭگۈرت بىلەن ياڭاق مېغىزىنى سوقۇپ، سۇ يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: ئۈچ كۈندە بىر قېتىم مۇنچىدا يۇيۇنۇپ، قۇرۇتۇلغاندىن كىيىن يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: چايان، ئاق خەربەق، ھۆل ئېگىر تەڭ مىقداردا، سىركە مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: چايان بىلەن ئاق خەربەقنى سىركىگە بىر ھەپتە چىلاپ، ئۇنىڭغا ھۆل ئېگىرنى سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: خولىنجان، زەنجىۋىل، دارچىن، گۈلدارچىن، پىلپىل، ئوغرىتىكەن، سۈپۈرگە ئۇرۇقى 100 گىرامدىن، جۇۋىنە، شاترەنج ھىندى 25 گىرامدىن، سەۋزە ئۇرۇقى 50 گىرام، ئاقىرقەرھا، چىڭسەي ئۇرۇقى 25 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىلىدۇ. 

 داۋالاش پىرىنسىپى جەھەتتە

ئاق كېسەل   ئىچكى تەرەپتىن داۋالاشنى ئاساس، سىرتقى تەرەپتىن داۋالاشنى قوشۇمچە قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش، ئامال بار سىرتقى تەرەپتىن دورا ئىشلەتمەسلىك. ئەگەر ئىچكى تەرەپتىن ئىشلەتكەن دورىلارنىڭ ئۈنۈمى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئاندىن سىرتقى تەرەپتىن دورا ئىشلىتىش ۋە باشقا تېخنىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوشۇمچە قوللىنىش كېرەك. 

  2) ئالدى بىلەن كېسەللىك ماددىسىغا قارىتا مۇنزىچ، مۇسھىل دورىلىرىنى ئىشلىتىش. بۇ دورىلارنى ئىشلىتىۋاتقان مەزگىلدە باشقا دورىلارنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك يەنى كېسەللىكنىڭ ئۆزىگە قارىتا ئىشلىتىلىدىغان ئاساسى دورىلار ۋە باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرىنى مۇنزىچ، مۇسھىل باسقۇچلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىش لازىم. بولۇپمۇ سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورىلارنى تېخىمۇ شۇنداق قىلىش لازىم. بولمىسا كېسەللىك ماددىلىرى پىشمىغان ۋى بەدەندىن تولۇق چىقىرىلمىغان ئەھۋالدا سىرتتىن ئىشلىتىلگەن دورىلار يەرلىك ئورۇندىكى تېرە يۈزىدە سۇلۇق قاپارتما ۋە شەلۋەرەش پەيدا قىلىپ، بۇزۇق ماددىلارنىڭ يەرلىك ئورۇندا چۆكمە ھاسىل قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىىرش بىلەن تېرە رەڭگىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. 

   3) ئالدى بىلەن كېسەللىكنىڭ بىرلەمچى ياكى ئىككىلەمچى كېسەللىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىش، ئەگەر كېسەللىك ئىككىلەمچى كېسەللىك بولسا، ئالدى بىلەن بۇ كېسەللىكنى پەيدا قىلغۇچى بىرلەمچى كېسەللىكنى تولۇق داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن ئاندىن ئاق كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم. بۇنداق قىلمىغاندا داۋالاش ئۈنۈمىگە تولۇق ئېرىشكىلى بولمايدۇ. يۇقىرىقى مىسالدا كۆرسىتىلگەن 312 نەپەر بىمارنىڭ ھەممىسىگە دەسلەپتە ئومۇمىي يۈزلۈك ئاق كېسەللىكىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بارغاندا، بۇلارنىڭ ئىچىدە باشقا قوشۇمچە كېسەللىكى يوق بىمارلارنىڭ كېسەللىكىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۈچەي مەددە قۇرت كېسەللىكى بىرگە قوشۇلۇپ كەلگەن 48 نەپەر بىمارنىڭ كېسەللىكىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمىدۇق. كېيىن كىلىنىكىلىق كۆزىتىش ئارقىلىق بۇ بىمارلاردىكى ئاق كېسەللىكنىڭ ئىككىلەمچى كېسەللىك، ئۈچەي مەددە قۇرت كېسەللىكىنىڭ بىرلەمچى كېسەللىك ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئاق كېسەللىكىگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان داۋالاشنى پۈتۈنلەي توختىتىپ، مەددە قۇرت كېسەللىكىنى داۋالاش ئۈچۈن ھەر بىر بىمارغا ئاچ قورساق ھالەتتە ئەفسەنتىن، سوزاپ ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن 12 گىرامدىن، ئۈجمە يىلتىزى قوۋزىقى، شاپتۇل دەرىخى قوۋزىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن 18 گىرامدىن، بەرەڭگى كابېلى، قەنبىل، فۇفەل، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەر قايسىسىدىن 15 گىرامدىن، كاۋا ئۇرۇقى مېغىزىدىن 30 گىرام، مورمەككىدىن توققۇز گىرام ئېلىپ، ئەفسەنتىن، سوزاپ ئۇرۇقى، بەرەڭگى كابېلى، فۇفەل، ئۈجمە يىلتىزى قوۋزىقى، شاپتۇل دەرىخى قوۋزىقى قاتارلىقلارنى چالا سوقۇپ، 700 مىللىمېتىر قايناقسۇغا بىر كېچە چىلاپ، سۇنىڭ 500 مىللىمېتىر قالغۇچە قاينىتىپ، دورا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ 150 گىرام شېكەر بىلەن قىيام قىلىپ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ بۇ قىيامغا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 250 گىرامنى ئىستېمال قىلدۇرۇپ، ئىككى سائەتتىن كېيىن، سانادىن 15 گىرام، خىيار شەنبەردىن 30 گىرام، قىزىلگۈلدىن 12 گىرام ئېلىپ، 300 مىللىمېتىر قايناقسۇغا دەملەپ، تولۇق تەمى چىقىرىلغان دەملىمىدىن 150 مىللىمېتىر ئىستېمال قىلدۇرۇپ، سەككىز سائەتتىن كېيىن يۇقىرىقى دورىلارنى تەرتىپ بويىچە يەنە قايتا بىر قېتىمدىن ئىستېمال قىلدۇردۇق. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئاق كېسەللىكىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ باردۇق. نەتىجىدە بۇ 48 نەپەر بىماردىن ئاق كېسەللىكى تولۇق ساقايغىنى 22 نەپەر، 75 پىرسەنتتىن يۇقىرى ئۈنۈم بولغىنى 14 نەپەر، 50 پىرسەنتتىن يۇقىرى ئۈنۈم بولۇشىنى 12 نەپەر بولدى. [0]

ئاق كېسەل ( بەرەس ) نى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

1) بىر دانە كىلەنى قۇرۇتۇپ تالقانلاپ، ماندا ئۇرۇقىدىن يەتتە سەر، نەشىدىن ئالتە يېرىم مىسقال ئېلىپ تالقانلاپ، بۇلارنى 10 سەر قوغۇن بۇيىسىنىڭ يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە بىر قېتىم تېرىنىڭ ئاق كېسەل بار جايىغا سىرتىدىن چېپىشنى داۋام قىلسا، ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

    2) ئىككى ھەسسە قارا ئۈجمىنىڭ سىقىلغان سۈيى، بىر ھەسسە ئاقتىكەن مېۋىسىنى قازانغا قۇيۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات سېلىپ، يەڭگىل ئوتتا قاينىتىپ سۈزۈپ، شېشىگە ئېلىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر يېرىم قوشۇقتىن ئىككى قوشۇققىچە ئىچىشنى داۋام قىلسا، بەدەندىكى ئاق چۈشكەن جايلارغا قىزىل چېكىت پەيدا بولۇپ، بۇ كېسەللىكنىڭ ياخشىلىنىشىدا ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ . 

    3) كىلەنى ئۆلتۈرۈپ قېنىنى ۋە ئۆتىنى ئاق بار جايغا سىرتتىن چېپىشنى داۋام قىلسا، ئاق چۈشكەن جاينى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

    4) ئەنجۈرنىڭ سۈتكە ئوخشاش سۈيىنى سىرتىدىن چېپىشنى داۋام قىلسا، تېرىنىڭ ئاق چۈشكەن جايىغا قان پەيدا قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

    5) قارا غازنىڭ بالىسىنى ئۆلتۈرۈپ، قېنىنى تېرىنىڭ ئاق چۈشكەن جايىغا چېپىشنى داۋام قىلسا، تېرىنىڭ رەڭگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۈنۈم بېرىدۇ .

    6) يىلاننىڭ قېنىنى تېرىنىڭ ئاق چۈشكەن جايىغا سۈركەشنى داۋام قىلسا، ئۇنى ئۆزگەرتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۈنۈم بېرىدۇ . 

   7) ئارپىبەدىياننىڭ ھۆل ئۆسۈملۈكىنى سوقۇپ سۈيىنى چىقىرىپ، تىرىپىنى ئاق چۈشكەن جايغا سىرتتىن چېپىشنى داۋام قىلسا، مەنپەئەت قىلىدۇ . 

    8) نۆشىدىلدىن ئۈچ يېرىم سەرنى سوقۇپ تالقان قىلىپ، 11 سەر ھەسەلنى ئېرىتىپ كۆپۈكىنى ئېلىپ سوۋۇتۇپ. نۆشىدىلنى ھەسەلگە سېلىپ ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ، تېرىنىڭ ئاق كېسەل چۈشكەن جايىغا كۈندە بىر قېتىم چېپىپ ئاپتاپقا قاقلىنىشنى داۋام قىلسا، ئاق چۈشكەن جايدا سۇ يىغىلىپ قاپارتقۇ پەيدا بولۇپ، سۈيى چىقىپ جاراھەتلىنىش ئارقىلىق چىگىتتەك قىزىل داغلار پەيدا بولۇپ، تېرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ . 

    9) ئالتە يېرىم مىسقال قارا زىرە، بەش مىسقال سىيادان، بەش مىسقال قەلەمپۇر، تۆت مىسقال قارا ھېلىلە، ئۈچ يېرىم مىسقال ئوسما ئۇرۇقى، ئۈچ مىسقال قىزىلگۈل (قۇرۇتقىنى ) ، بىر سەر يەتتە يېرىم مىسقال قارا شېكەرنى سوقۇپ تالقانلاپ كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت بارماقتا بىر چىمدىمدىن تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا، تېرىگە رەڭ پەيدا قىلىشتا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

    10) زىرە ئالتە مىسقال، قارىمۇچ ئۈچ يېرىم مىسقال، قەلەمپۇر بىر يېرىم مىسقال، قارا ھېلىلە تۆت مىسقال، سىيادان، ئوسما ئۇرۇقلىرى بەش مىسقالدىن، لاچىندانە ئالتە يېرىم مىسقال تەييارلىنىدۇ. ئۇلارنى سوقۇپ تالقانلاپ، يىرىك قىسمىنى چاي ئورنىدا ھەر قېتىمدا بەش بارماقتا بىر چىمدىمدىن دەملەپ ئىچىپ، مەزكۇر دورىنىڭ چېيىغا لۆڭگىنى سېلىپ نەمدەپ تېرىنىڭ ئاق چۈشكەن جايىغا سىرتتىن سۈركەپ، بۇ دورىنىڭ يۇمشاق قىسمىنى تاماققا ھەر قېتىمدا ئىككى-ئۈچ بارماقتا بىر چىمدىمدىن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشنى داۋام قىلسا، بۇ خىل كېسەللىكنى ياخشىلاشتا مەلۇم ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

    11) قۇلىيلىندىن ئىككىنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ قېنىنى ئېلىپ، يېغىنى ئېرىتىپ، قېنى بىلەن يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاق چۈشكەن جاينى كۈندە بىر قېتىم لۆڭگە ياكى خام بىلەن قىزارغۇچە سۈرتۈپ، ئاندىن تەييارلىغان دورىنى چېپىشنى داۋام قىلسا، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .  

    12) كىلەنى تۇتۇپ، بېشىنى شېشىگە تىقىپ قۇيرۇقىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ھالدا ئاپتاپقا ئېسىپ قويسا، كىلەنىڭ يېغى ئېرىپ شېشىگە يىغىلىدۇ. ئاق چۈشكەن جاينى لۆڭگە بىلەن قىزارغۇچە سۈرتۈپ، مەزكۇر ياغدا ھەر كۈنى بىر قېتىم ياغلاشنى داۋام قىلسا، ئاق كېسەلنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ .

    13) ھۆل ئەمەننى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، ئۇنى ئاق داغ ئۈستىگە سۈركەپ كۈن نۇرىغا قاقلىنىشنى داۋام قىلسا، قاپارتقۇلۇق جاراھەت پەيدا بولۇپ قىزىرىپ، تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ .

    14) ھەشقىپىچەك ئۇرۇقىنى سىركىگە چىلاپ ئۈچ كېچە-كۈندۈز تۇرغۇزۇپ سۈزۈپ، ئاق داكىنى سىركىگە چىلاپ ھۆل قىلىپ چاپسا، قاپارتقۇلۇق جاراھەت بولغان تېرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

    15) گۈڭگۈرت تالقىنىدىن بىر ھەسسە، ياڭاق مېغىزى، قوي يېغىدىن ئىككى ھەسسىدىن ئېلىپ، بۇلاردىن سوقىدىغان دورىلارنى سوقۇپ ياغقا ئارىلاشتۇرۇپ، داغ چۈشكەن ئورۇننى سىرتتىن ياغلاشنى داۋام قىلسا، ئاق داغنى ئۆزگەرتىپ، تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۈنۈم بېرىدۇ .

    16) قارا پارپىنى تۈكۈرۈك بىلەن تاشقا سۈرۈپ، ھەر كۈنى ئاق داغ ئۈستىگە چاپسا، ئاق داغنى يوقىتىشتا ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ. [1]

ئاق كېسەلخىلىتلاردا تەڭپۇڭسىز لىق يۈز بېرىپ .ساپ بەلغەمگە كۆيگەن سەۋدانىڭ ئارىلاشقاندىن كىيىن بەلغىمى شور ھاسىل بولىدۇ يەنى بەلغىمى شور ئارتىپ كەتكەندىن كىيىن رەڭ پىگمىتلىرىدا قالايمىقانلىق يۈز بېرىپ بەدەندىكى تىرە قاتلام لىرىغا تەسىر كۆر سېتىپ ئاق كېسەلنى شەكىللەندۈرىدۇ(بەزى كىشىلەردە قارا داغنى پەيدا قىلىدۇ)

ئاق كېسەل ئادەتتە مىراس قېلىشىمۇ مۇمكىن .ئەگەر ئىرسىيەتتىن پەيدا بولغان ئاق كېسەل بولسا ،ساقايمىقى سەل تەسكە توختايدۇ. بۇ سەۋەبتىن بولغىنى سەل جايىلراق بولىدۇ 

سىز ئاۋۋال سىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز ( ئاتا ئانىڭىز ،ئاتا ئانىڭزنىڭ ئاتا ئانىسىدا يۇقىرىقى ئالامەتلەر بولغانمۇ يوق سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ)

بەدەندە مىس ماددىسىنىڭ كەملەپ كېتىشى سەۋەبتىن ئاق كېسەل پەيدا بولىدۇ، مىس ئادەم بەدىنىدە رەڭ تۈزگۈچى ماددا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ

بەدەندە ۋىتامىن B كەملەپ كېتىشىدىن ئاق كېسەل پەيدا بولىدۇ

بىرمەزگىل سوغۇق مۇھىتلاردا خىزمەت قىلغان . سوغۇقلۇق يېمەكلىكلەرنى جىق يېگەن.سۈت،تۇخۇم ئېقى ،بېلىق دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى بىرلا قېتىمدا بىر نەچچە قېتىم ئىستېمال قىلىش

باشقا تېرە كېسەللىرى ۋە تېرىدىكى ماددا ئالمىشىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك ئاق كېسەل بولۇشى مۇمكىن

ۋىتامىن D يېتىشمىسە ئاق كېسەل پەيدا بولىدۇ، ( ئەگەر مۇشۇ سەۋەبتىن بولغان بولسا داۋالاش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي، جىم يېتىپ ئاپتاپقا قاقلانسىڭىزلا ساقىيىدۇ)

باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر

بەدەندە كېسەل پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن يېمەكلىك ئارقىلىق تەڭشەپ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئەمما كېسەل كېلىپ چىققاندىن كېيىن يېمەكلىك ئارقىلىق ساقىيىمەن دېيىش سەل تەسكەتوختايدۇ( ئاساسەن تاماق ئارقىلىق كېسەل داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ) ،لېكىن دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك

بەكرەك تەسىر كۆرسىتىدىغان يېمەكلىكلەر مەسىلەن سۈت،قېتىق، تاۋۇز ، بېلىق تۇخۇم لەڭپۇڭ،راڭپىزا،ياڭيۇ ،دوغ ،سوغۇق ئىچىملىك دېگەنگە ئوخشاش تەبىئىتى ھۆل سوغۇق .قاننى سوۋۇتىدىغان مۇزلىتىدىغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك(ئىسسىققا مايىل يېيىشىڭىز كېرەك بەك ئوت ئىسسىق يېسىڭىز جىگىرىڭىزنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن )

قاننى جانلاندۇرغۇچى قاننى قىزىتقۇچى پىگمىت كۈچەيتكۈچى يېمەكلىكلەرنى جىقراق يەپ بىرىڭ

مەسىلەن خوتەننىڭ قىزىل ئۈزۈمى( قۇرۇتۇلغان قىزىل يىمىش )كەكلىك باچكا قوي جىگىرىگە ئوخشاش يېمەكلىكلەرنى جىقراق يەپ بىرىڭ

يېتەرلىك مىقداردا ئاپتاپ بولۇشى كېرەك ، ئاق كېسەل بولغان قولىڭىزلا ئەمەس ،بەدەننىڭ كۆپ قىسمى ئاپتاپ كۆرۈشى كېرەك ،قۇملۇقتا داۋالىنىش بىر قەدەر مۇۋاپىق

ئاق كېسەلنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 15تىن10 ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولىدۇ

ئەسكەرتىش :ئاق كېسەل قورقۇنۇچلۇق كېسەل ئەمەس يېنىدا تۇرغانلارغا ياكى شۇ ئاق كېسەل بولغۇچىنىڭ قاچىسىدا تاماق يېسىمۇ يۇقمايدۇ...ئەگەردە داۋالىنىشنى ئويلىسىڭىز باشقا رەڭدە تۇرۇپ قالمىسۇن دېسىڭىز داۋالىنىشنى ئويلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.[2]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى 

http://www.tibbiyjawhar.com/html/2014/tetqiqat_0318/869.html

1.

شوخ ناۋا تورىدىن ئېلىندى 

http://www.xohnawa.com/Showsalamat.asp?ID=MTYz

2.

ئۇيقۇ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى 

http://www.uyqu.com/forum.php?mod=viewthread&tid=681

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى

http://www.tibbiyjawhar.com/html/2014/tetqiqat_0318/869.html

2.

شوخ ناۋا تورىدىن ئېلىندى

http://www.xohnawa.com/Showsalamat.asp?ID=MTYz

3.

ئۇيقۇ ساغلاملىق تورىدىن ئېلىندى

http://www.uyqu.com/forum.php?mod=viewthread&tid=681

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#