بىل گايتىس

بىل گايتىس

بىل گايتىس 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سېئاتىل شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدە باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئامراق ھەم ناھايىتى ئەقىللىق بالا ئىدى، گەيتىسنىڭ دادىسى ئادۋوكات، ئاپىسى بولسا ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئون نەچچە ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئۆزىنىڭ ئىلىمخۇمارلىقىنى بىلىندۈرۈپ، نەچچە توملىغان ‹ دۇنيا نەشرىياتى قامۇسى› نى ئوقۇپ چىققانىدى.

ئۇيغۇرچە ئىسىمى بىل گايتىس
خەنزۇچە ئىسمى 比尔·盖茨
تۇغۇلغان ۋاقتى 1955-يىلى10-ئاينىڭ 25-كۈنى
دۆلەت تەۋەلىكى ئامرىكا
ۋەكىللىك ئەسىرى ۋىندوۋس كۆزنەك سېستىمىسى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Bill Gates
باشقا نامى 威廉·亨利·盖茨三世
پۈتتۈرگەن مەكتىپى خارۋارد ئونۋېرسىتى
مۇھىم نەتىجىسى مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىل گايتىسبىل گايتىس 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سېئاتىل شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدە باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئامراق ھەم ناھايىتى ئەقىللىق بالا ئىدى، گايتىسنىڭ دادىسى ئادۋوكات، ئاپىسى بولسا 

ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئون نەچچە ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئۆزىنىڭ ئىلىمخۇمارلىقىنى بىلىندۈرۈپ، نەچچە توملىغان ‹ دۇنيا نەشرىياتى قامۇسى› نى ئوقۇپ چىققانىدى.

بىل گايتىسنىڭ دادىسى ئۇنى كۆل بويى ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەرگەن بولۇپ،بۇ مەكتەپ بولسا سېئاتىل شەھىرى بويىچە باشقۇرۇشى ئەڭ قاتتىق بولغان شەخسىي مەكتەپ ئىدى، گەيتىسنىڭ كېيىنكى چاغلاردىكى 

ھەمكارلاشقۇچىسى-پائۇل ئاللېنمۇ دەل مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغانىدى، بىل گايتىس دەل مۇشۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا كومپىيوتېرنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغانىدى. ئۇ 2005-

يىلى سۆزلىگەن بىر قېتىملىق نۇتۇقىدا مۇنداق دېگەنىدى:‹ مېنىڭ بىلەن ئاللېن ئىككىمىزنىڭ كۆل بويى ئوتتۇرا مەكتىپىدە باشتىن كەچۈرگەنلىرىمىز ۋە كۆرگەن بىلگەنلىرىمىز دەل بىزنىڭ شىركەت قۇرۇپ چىقىشىمىزغا ئىلھام 

بولغان بولۇپ، بىزنىڭ كومپىيوتېر ئۆزەكچىسىنىڭ كەلگۈسىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىغانلىقى، كومپىيوتېر ۋە كومپىيوتېر يۇمشاق دېتالىنىڭ كەلگۈسىدە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىدىكى مۇھىم قورالغا ئايلىنىدىغانلىقى، 

كومپىيوتېرنىڭ كەلگۈسىدە ھەممە ئائىلىلەردە پەيدا بولىدىغانلىقىدەك كۆز قاراشلىرىمىز باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بىزدە شىركەت قۇرۇش ئىشەنچى ئاتا قىلغانىدى›.

بىل گايتىس خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا سىتىۋ بالمېر بىلەن تونۇشۇپ قالغان بولۇپ، كېيىن سىتىۋ بالمېر مىكروسوفت شىركىتىگە كىرگەن ھەم ئەڭ ئاخىرىدا بۇ شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىغا 

ئايلانغانىدى. گەرچە بىل گايتىس بىلەن سىتىۋ بالمېر ئىككىلىسى خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدا تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىككىسى ئاسپىرانتلارغا ئېچىلغان ئىقتىسادشۇناسلىق دەرسىدە 

ئۇچرىشىپ تونۇشۇپ قالغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئىككىلىسى يەنىلا ناھايىتى ياخشى

دوستلاردىن بولۇپ كەلمەكتە.

بىل گايتىس ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا دۇنيادىكى تۇنجى شەخىسلەر كومپىيوتېرى-MITS Altair ئۈچۈن يۇمشاق دېتال ئېچىپ چىققان. 1977-يىلى بىل گايتىس ئاللېن بىلەن بىللە يېڭى مېكسىكا شىتاتىغا 

كۆچۈپ بېرىپ شۇ يەردە MITS Altair كومپىيوتېرى ئاساسىدا مىكروسوفت شىركىتىنى قۇرۇپ چىققانىدى، يۇقارقى رەسىمدىكىسى بولسا شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىكى 11 نەپەر شىركەت خادىمى ئىدى.

مىكروسوفت شىركىتى 1985-يىلى Windows مەشغۇلات سېستىمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ چىققان بولۇپ، 1986-يىلى ئۆزىنىڭ پايچېكىنى تارقاتقانىدى، 1987-يىلىغا كەلگەندە ئارانلا 31 ياشقا كىرگەن بىل گايتىس ئاللىقاچان مىليونىرغا ئايلانغانىدى.

1995-يىلىغا كەلگەندە بىل گايتىس دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا بايغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۈلكى 10 مىليارد 290 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ بىل گايتىس ئىزچىل ھالدا دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا 

بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەنىدى.

ۋىندوۋس مەشغۇلات سېستىمىسنى تەتقىق قىلىپ ئاچقان .

1985-يىلى Windows مەشغۇلات سېستىمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ چىققان بولۇپ، 1986-يىلى ئۆزىنىڭ پايچېكىنى تارقاتقانىدى، 1987-يىلىغا كەلگەندە ئارانلا 31 ياشقا كىرگەن بىل گايتىس ئاللىقاچان مىليونىرغا ئايلانغانىدى.

بىل گايتىس يەنە ئوغلى بىلەن بىللە مائارىپ سەيلىسى قىلىشقا ئامراق بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى بىرلىكتە مېتال كانى، توك تارقىتىش ئىستانسىسى، باشقۇرۇلۇدىغان بومبا قويۇپ بېرىش قۇدۇقى قاتارلىق جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغانىدى. گەيتىس:‹ ئوغلۇم مېنىڭ بىلەن بىللە بىلىم ئېلىشقا ئامراق› دېگەنىدى.

60  ياشقا كىرگەن بىل گايتىس 1 تىرىليون 200 مىليارد بايلىقى بىلەن ئۇدا بىرىنچى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. گايتىس ھاياتىدا 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى بايلىق ياراتقان تۇنجى كارخانىچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %20 بايلىقىنى ئاللىبۇرۇن ئىئانە قىلىۋەتكەن.

2016-يىلى 1-ئايدا، ئۇ سېئاتلىدا كۆلىمى 6000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يېڭى ئۆي سېتىۋالغان بولۇپ، مۆلچەر قىممىتى بىر مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ.

  بىل گايتىس يەنە 8 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا فىلورىدا شىتاتى ۋىللىنگتوندىن ئوتتۇرا دېڭىز ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بىر ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ قىزى جەننىفېر ئات مىنىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مۇشۇ ئۆينى ئىجارە ئېلىپ تۇرغانىدى. بۇ يەردە ئات بېقىشقا ماس كېلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئىلغار ئۈسكۈنىلەر بار ئىدى.

بىل گايتىس ۋە ئايالى مېلىندا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۈچ پەرزەنتى ۋاشىنگىتوندىكى بۇ يۇقىرى پەن تېخنىكا ئائىلىسىدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى كەلگۈسى يۇقىرى 

پەن تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەنىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىدا 24 سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 23 ماشىنا پاتقۇدەك چوڭ ماشىنا ئىسكىلاتىمۇ بار ئىدى، بۇ تۇرالغۇنىڭ قىممىتى 121 مىليون 

ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ.

60  ياشقا كىرگەن بىل گايتىس 1 تىرىليون 200 مىليارد بايلىقى بىلەن ئۇدا بىرىنچى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. گايتىس ھاياتىدا 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى بايلىق ياراتقان تۇنجى كارخانىچى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە %20 

بايلىقىنى ئاللىبۇرۇن ئىئانە قىلىۋەتكەن. 2016-يىلى 1-ئايدا، ئۇ سېئاتلىدا كۆلىمى 6000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان يېڭى ئۆي سېتىۋالغان بولۇپ، مۆلچەر قىممىتى بىر مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ. 

تۇرمۇش ئادالەتسىز بولىدۇ، سىز ئۇنىڭغا ماسلىشىشڭىز كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (8 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    62.5%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    37.5%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#