لەقۋا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۈز نېرىپلىرىنىڭ سېزىمىنى يوقىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: يۈزنىڭ شەكلى ئۆزگىرىش، باش ئاغرىش، كۆز، قاش، كالپۇك ۋە پېشانە تېرىسى بىر تەرەپكە مايماقلىشىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: سۆئلەپ چىنى، ئاقىرقەرھا، ئۇدسەلىب، ئۇد ھىندى 15 گىرامدىن، ئۆشنە، ئوغرى تىكەن، قۇندۇز قەھرى، دۇرنەج ئەقرەبى 13 گىرامدىن، ئۈستقۇددۇس 25 گىرام، گاۋزىبان ھىندى 23 گىرام، ئەۋرىشىمدىن 11 گىرام، چىلىغوزىدىن 35 گىرام، ئالتۇن ۋاراق، كۈمۈش ۋاراق 15 تالدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالتۇن ۋاراق، كۈمۈش ۋاراق، قۇندۇز قەھرى، ئەۋرىشىمدىن باشقىلىرىنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن قالغان دورىلارنى ئۈستىگە سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 8 ~ 12 گىرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: تۇربۇت توققۇز گىرام، ئايارەج پەيقىرا، سېرىق ئوت ئىككى گىرامدىن، سۆرۈنجان بەش گىرام، ماھى زەھرەج، زەنجىۋىل ئۈچ گىرامدىن، سوقمۇنىيا، مۇقەل ئىككى گىرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇدا يۇغۇرۇپ پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: يۇقىرىدىكى ئۆلچەم بويىچە تەييارلانغان دورىنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئىككى كۈن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: زەنجىۋىل، قەلەمپۇر، دارچىن، جويۇز، لاچىندانە، قارىمۇچ، پىلپىل، سىيادان، ئارپىبەدىيان، خولىنجان بىر ھەسسىدىن، مۇدەببەر قىلىنغان كۇچۇلا ھەممە دورا مىقدارى بىلەن تەڭ. ھەسەل ھەممە دورا مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىچىلىك.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 1 ~ 2 گىرامدىن ئىچىلىدۇ (10 ياشتىن تۆۋەنلەرگە بېرىلمەيدۇ)
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.