ئاكسىيە بازىرى

ئاكسىيە بازىرى ئاكسىيە بازىرى  بازار ئىگىلىكى تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى ،كۆپ خىل ئىگىلىك  ھوقۇق ئىسپاتى بىر تۇتاش ئاتىلىشى بۇلۇپ ،شىركەت زايومى، ھۆكۈمەت زايومى ۋە پاي چېكى قاتارلىق قىممەتكە ئىگە ئاكسىيىلەرنى ئېلىپ ساتىدىغان بازارنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئاكسىيە بازىرى
مەقسىتى كاپىتال تەمىنات-ئېھتىياجى ۋە ئېقىشچانلىقىنى ھەل قىلىش
خەنزۇچە نامى 证券市场

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاكسىيە بازىرىئاكسىيە بازىرى ئاكسىيە بازىرى  بازار ئىگىلىكى تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى ،كۆپ خىل ئىگىلىك  ھوقۇق ئىسپاتى بىر تۇتاش ئاتىلىشى بۇلۇپ ،شىركەت زايومى، ھۆكۈمەت زايومى ۋە پاي چېكى قاتارلىق قىممەتكە ئىگە ئاكسىيىلەرنى ئېلىپ ساتىدىغان بازارنى كۆرسىتىدۇ. دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئاكسىيە بازىرىنىڭ سودا ئوبيېكتى ئاساسلىقى ھۆكۈمەت زايومى ئىدى. كېيىن، پاي شىركەتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، پاي چېكى ۋە شىركەت زايومىمۇ ئاكسىيە بازىرىنىڭ ئاساسلىق سودا ئوبيېكتىغا ئايلاندى. 

ئاكسىيە بازىرىئاكسىيە بازىرىنىڭ تىجارىتى ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ: بىر خىلى، نەق مال سودىسى، يەنى نەق پۇلغا ئاكسىيە ئېلىپ-سېتىش؛ يەنە بىر خىلى، زاكاز مال سودىسى، يەنى سودىدا پۈتۈشكەندىن كېيىنكى مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە ئاندىن ھېسابات قىلىش، بىراق ھېسابات قىلغان چاغدا ئاساسلىنىدىغىنى يەنىلا پۈتۈشكەن ۋاقىتتىكى ئاكسىيە باھاسىدۇر. زاكاز مال سودىسىدا، ئالغۇچى ۋە ساتقۇچى ئاكسىيىلەرنى ھەقىقىي سېتىۋالمايدۇ ياكى سېتىپ چىقارمايدۇ، بەلكى ئاكسىيە باھاسىنىڭ ئۆسۈش-چۈشۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھېسابات قىلغاندا، پۈتۈشكەن ۋاقىتتىكى ۋە ھېسابات قىلغان ۋاقىتتىكى باھا پەرقىنى تۆلەيدۇ. بۇنداقتا، ئاكسىيە بازىرى ئاكسىيە ھايانكەشلىكى سورۇنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. نورمال ئاكسىيە سودىسى پۇل مەبلىغىنى ئىستىخىيىلىك تەقسىملەش رولىنى ئويناپ، جەمئىيەتتىكى بىكار تۇرغان پۇلنى ئاكسىيە سودىسى ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىغا ئۇزاق مەزگىللىك سېلىنما سۈپىتىدە تەقسىملەيدۇ. بىراق، ئاكسىيە ھايانكەشلىكىمۇ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىدا يالغان كۆرۈنۈش پەيدا قىلىدۇ. 

نۆۋەتتە نيۇ يورك، لوندون، پارىژ، فرانكىفورت، سيورىخ، توكيو، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا خەلقئارا ئاكسىيە بازىرى تەسىس قىلىنغان. جۇڭگو شاڭخەي ۋە شېنجېن قاتارلىق جايلاردا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاكسىيە بازىرى تەسىس قىلدى. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#