- كەرەپشە (خام دورا)
- كەرەپشە ()
كەرەپشە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
توسالغۇلارنى ئېچىش، يەل تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغان بالىلارغا 3 ~ 6 گرام، 5 ~ 10 ياشقىچە بولغان بالىلارغا 7 ~ 10 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 10 ~ 15 گرام ياكى 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا پۈتۈن چۆپى، ئۇرۇقى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
كەرەپشە ئۇرۇقىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، دەم سىقىلىش، بېقىن ئاغرىقى، ئىچكى ئەزانىڭ سوغۇقلۇقى، قۇسۇش، ئۈچەينىڭ ئېچىشىشى، قورساق ئاغرىقى، ئىشتىھاسىزلىق ۋە بەدەن ئاجىزلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەرەپشىنى قاينىتىپ، ئانار سۈيى ۋە شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زەھەر ئىچىشتىن كېلىپ چىققان زەھەرلىنىشلەرنى قايتۇرىدۇ.
كەرەپشىنىڭ يوپۇرماق ۋە يىلتىزىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زەھەر قايتۇرىدۇ. كەرەپشىنى ئەدەس بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زەھەر تەسىرىنى يوقىتىدۇ.
كەرەپشىنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل تېرە كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كەرەپشىنى گۈڭگۈرت پوقى، قارا توغرىغۇ، نۆشۈدۈر بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۆگەلنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىدا قالغان داغنى چۈشۈرىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.