ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى

ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى

ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى 1999-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ 39-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان. 1999-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرچەنامى ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1999-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
ھۆججەت جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ 39-نومۇرلۇق پەرمانى
خەنزۇچە نامى 公共娱乐场所消防安全管理规定
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1999-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-ماددا بۇ بەلگىلىمە ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىپ، جامائەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوت مۇداپىئەت قانۇنى» غا ئاساسەن چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ بەلگىلىمىدە ئېيتىلغان ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى جامائەتكە ئېچىۋېتىلگەن تۆۋەندىكى ئۈستى يېپىق سورۇنلارنى كۆرسىتىدۇ:

(1) كىنو-تىياتىرخانا، سىن قويۇش زالى، زال قاتارلىق ئويۇن قويۇش، كىنۇ قويۇش سورۇنى؛

(2) تانسىخانا، كارا OK خانا قاتارلىق ناخشا- ئۇسۇل، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى؛

(3) كۆڭۈل ئېچىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىشرەتخانا، مۇزىكىلىق چايخانا ۋە يېمەك-ئىچمەك سورۇنى؛

(4) مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، ئويۇن-تاماشا سورۇنى؛

(5) بولىن توپ مەيدانى، غالتەكلىك كانكى مەيدانى، ساڭنا مۇنچىسى قاتارلىق تىجارەتلىك بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئىستىراھەت سورۇنلىرى.

3-ماددا ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىل ياكى ئاساسلىق مەسئۇلىدىن بىرىنى ئۆز ئورنىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى جاۋابكارلىقى قىلىپ بېكىتىشى كېرەك. ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى جاۋابكارىنى بېكىتكەن ياكى ئالماشتۇرغاندا، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى جاۋابكارى« ئوت مۇداپىئە قانۇنى» نىڭ 14-ۋە 16-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئۆز ئورنىنىڭ ئوتتىن مۇدپىئەلىنىش تەدبىرى، ئوت ئۆچۈرۈش لايىھىسىنى تۈزۈش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش مانىۋېرىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكشۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولىشى، شۇنىڭدەك ئىمارەتنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش يوللىرى، توك ۋە ئوت مەنبەسى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇشى كېرەك.

ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنىڭ ئۆي-جاي ئىگىدارى باشقا ئورۇن، شەخس بىلەن ئىجارە بېرىش، ھۆددە بېرىش مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن، ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە تىجارەتچى مەسئۇل بولىدۇ.

4-ماددا ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش ياكى ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنىڭ ئىچكى قىسىمىنى قايتا بېزەش-زىننەتلەشتە ئوت مۇداپىئە لايىھەسى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئوت مۇداپىئە تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

5-ماددا ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش ياكى ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنىڭ ئىچكى قىسىمىنى بېزەش-زىننەتلەشتە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ياكى باشقۇرغۇچى ئورۇن ئوت مۇداپىئە لايىھىسىنىڭ چېرتيوژىنى شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈتىشى كېرەك، ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش قىلىشقا بولىدۇ؛ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتى ئوت مۇداپىئە تەلىپى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى شەرت، تەكشۈرۈلمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرىنى ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

6-ماددا ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى ئىشلىتىش ياكى تىجارەتكە كىرىشتۈرۈشتىن ئىلگىرى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك شەرتىنى ھازىرلىغان بولۇشى، قانۇن بويىچە شۇ جايدىكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئوت مۇداپىئە ئاپپاراتىغا تەكشۈرتىشى شەرت. ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ «ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش پىكىرنامىسى» ئالغاندىن كېيىن، ئىشلىتىشكە ياكى تىجارەت قىلىشقا بولىدۇ.

7-ماددا ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى ئوتقا چىداملىقلىقى 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بولغان ئىمارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش مۇۋاپىق؛ ئوتقا چىداملىقلىقى 3-دەرىجىدىكى ئىمارەتتە ئورۇنلاشتۇرۇش تەستىقلانغان ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى مۇئەييەن ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك تەلىپىگە يېتىشى كېرەك.

ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنى مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولغان قەدىمكى ئىمارەت ۋە مۇزېي، كۈتۈپخانا ئىچىگە قۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ. مۇھىم ئىسكىلات ياكى خەتەرلىك بۇيۇملار ساقلانغان ئىسكىلات يېنىغا قۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ؛ ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسى ئىچىدە ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى باشقا ئىمارەت يېنىغا سېلىنغان ياكى قۇشۇمچە ئەسلىھەرلىرى باشقا ئىمارەت ئىچىدە بولسا، مۇستەقىل ئوت مۇداپىئە رايونى بويىچە ئايرىلىشى كېرەك؛ سودا- ئولتۇراق بىناسىدىكى ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنىڭ بىخەتەر چىقىش ئېغىزى بىلەن ئاھالىلەر ئولتۇراق ئۆيىنىڭ بىخەتەر چىقىش ئېغىزى ئايرىم بولۇشى كېرەك.

8-ماددا ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنىڭ ئىچكى قىسىمىنى «ئىمارەتنىڭ ئىچىنى بېزەش-زىننەتلەش، لايىھىلەش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش قائىدىسى» ۋە ئىمارەت ئىچىنى بېزەش-زىننەتلەش ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بېزەش-زىننەتلەش ۋە ئىش باشلاش كېرەك.

9-ماددا ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىكى بىخەتەر قېچىش ئېغىزىنىڭ سانى، تارقاقلاشتۇرۇش يولىنىڭ كەڭلىكى ۋە ئارىلىقى دۆلەتنىڭ ئىمارەت لايىھىلەش ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش قائىدىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

بىخەتەر چىقىش ئېغىزىدا بوسۇغا، پەلەمپەي بولسا بولمايدۇ، تارقاقلاشتۇرۇش ئىشىكى سىرتقا ئېچىلىشى كېرەك، يۆگىمە ئىشىك، ئايلانما ئىشىك، ئاسما ئىشىك ۋە يانغا ئېچىلىدىغان ئىشىك ئورنىتىشقا بولمايدۇ.

پەردە، چىمىلدىق قاتارلىق تارقاقلاشتۇرۇشقا تەسىر يېتىدىغان نەرسىلەرنى ئېسىشقا بولمايدۇ.

ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى تىجارەت باشلىغاندا بىخەتەر چىقىش ئېغىزى ۋە تارقاقلاشتۇرۇش يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرت. بىخەتەر چىقىش ئېغىزىنى قۇلۇپلاش، توسۇپ قويۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

10-ماددا بىخەتەر چىقىش ئېغىزى، تارقاقلاشتۇرۇش يولى ۋە پەلەمپەي ئېغىزلىرىدا ئۆلچەمگە توشىدىغان چىراغلىق تارقاقلاشتۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىلىشى كېرەك. كۆرسىتىش بەلگىسى ئىشىكنىڭ ئۈستىگە، تارقاقلاشتۇرۇش يولى ۋە ئايلانمىنىڭ يەر يۈزىدىن بىر مېتىر ئىگىزلىكىتىكى تامغا ئورنىتىلىشى كېرەك، يان يولدىكى كۆرسىتىش بەلگىلىرىنىڭ ئارىلىقى 20 مېتىردىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

11-ماددا ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئوت ئاپىتى بويىچە جىددىي يورۇتۇش چىرىقى ئورنىتىلىشى كېرەك، يورۇتۇش ۋاقتى 20 مىنۇتتىن كەم بولسا بولمايدۇ.

12-ماددا ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ئېلېكترىك ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوت ئاپىتى خەۋىپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىشى شەرت. بېسىمدىن ئاشۇرۇپ توك ئىشلىتىشكە، ئۆز ئالدىغا توك تارتىش، ئۇلاشقا يول قويۇلمايدۇ.

13-ماددا ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىنى يەر ئاستىغا قۇرۇشقا توغرا كەلگەندە، بۇ بەلگىلىمىدىكى باشقا ماددىلارنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىگەندىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەرگىمۇ ئۇيغۇن كېلىش كېرەك:

(1) يەر ئاستى 1-قەۋىتىگىلا قۇرۇشقا بولىدۇ؛

(2) يەر يۈزىگە تۇتىشىدىغان بىخەتەر چىقىش ئېغىزى ئىككىدىن ئاز بولماسلىقى، بىخەتەر چىقىش ئېغىزى، پەلەمپەي ۋە يان يولنىڭ كەڭلىكى، ئىمارەت لايىھىلەش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك؛

(3) مېخانىكىلىق ئىستىن ساقلىنىش، ئىس تازىلاش ئەسلىھەسى ئورنىتىلىشى كېرەك.

(4) ئوت ئاپىتىدىن ئاپتوماتىك سىگنال بېرىش سىستېمىسى ۋە ئاپتوماتىك سۇ پۈركەپ ئوت ئۆچۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىلىشى كېرەك؛

(5) سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

14-ماددا ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتىلايدىغان بۇيۇملارنى ئېلىپ كىرىش ۋە ساقلاش مەنئى قىلىنىدۇ.

15-ماددا ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى تىجارەت قىلغاندا، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش، توك، گاز بىلەن كەپشەرلەش، سىرلاش-ئاقلاش ۋە رېمونتچىلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

16-ماددا ئويۇن، كىنو قويۇش سورۇنلىرىنىڭ تاماشىبىنلار زالىدا تاماكا چېكىش ۋە ئوت يېقىش مەنئى قىلىنىدۇ.

17-ماددا ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى تىجارەت قىلغاندا، ئادەم سانى بەلگىلەنگەندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

18-ماددا كاراOK زالى ۋە ئۇنىڭ ئايرىمخانىلىرىدا ئۈن-سىن ئارقىلىق سىگنال بېرىش ئۈسكىنىسى ئورنىتىلىشى، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە كاراOK ئۆيىدىكى ئۈن- سىننىڭ ئورنىغا ئوت ئاپىتىدىن سىگنال بېرىپ، كىشىلەرنىڭ بىخەتەر تارقىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

19-ماددا ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى ئوت مۇداپىئە بىخەتەر باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش لايىھىسى تۈزۈشى كېرەك. تىجارەت ۋاقتىدا ۋە تىجارەت ئاخىرلاشقاندا بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈشكە مەخسۇس ئادەم بەلگىلەش كېرەك.

20-ماددا ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى بارلىق خادىملارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە جاۋابكار بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك. بارلىق خادىملار ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە ئائىت بىلىملەرنى پىششىق بىلىشى، ئوت ئاپىتىدىن سىگنال بېرەلەيدىغان، ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنە-سايمانلىرىنى ئىشلىتەلەيدىغان، كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرالايدىغان بولىشى كېرەك. يېڭى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە خىزمەت ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىك تەربىيىسى بېرىش شەرت.

21-ماددا ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى «ئىمارەت ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنلىرىنى ئورنىتىش، لاھىيلەش قائىدىسى» بويىچە ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنلىرى ۋە سىگنال بېرىش تېلىفونى ئورنىتىپ، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنلىرىنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

22-ماددا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوت مۇداپىئە قانۇنى» ۋە يەرلىك ئوت مۇداپىئە نىزامى، قائىدىسى بويىچە جازا بېرىلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

23-ماددا بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1995-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» بىكار قىلىندۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئەركزات مۇنبىرى  

http://arkzat.com/archiver/?tid-61.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#