ئارپىبەدىيان دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئارپىبەدىيان (ئۆسۈملۈك)
  2. ئارپىبەدىيان (دورا )
ئۆسۈملۈك

ئارپىبەدىيان

ئارپبەدىيان

ئارپبەدىياننىڭ ئاق ۋە قىزغۇچ چېچەكلىرى ماي ئېيى بىلەن ئىيۇن ئايلىرى ئارىسىدا ئېچىلىدۇ. قېنىق سېرىق رەڭلىك، قىرلىق ۋە سوقىچاق، ئۇزۇنلۇقى 5–4 مىللىمېتىر كېلىدىغان مېۋىسى ئىيۇل ئېيىدا پىشىدۇ. ئارپبەدىيان ئۆسۈملۈكى كۈن نۇرى چۈشىدىغان ۋە ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايلاردا ياخشى ئۆسىدۇ. باھارنىڭ ئاخىرلىرىدا تېرىلغان ئۇرۇقلىرى بىلەن كۆپىيىدۇ. يۇمغاقسۈت بىلەن بىر ئائىلىگە مەنسۇپ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئارپىبەدىيان
ئىنگلىزچە نامى Fennel
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 茴香
تارقالغان رايونلار ياۋرۇپا، ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقى، جۇڭگونىڭ ھەممىلا يېرى
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى ئارپىبەدىيان ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئارپبەدىيانئارپبەدىيان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئېگىزلىكى 40-200 سانتىمېتىردىن يۇقىرى، پۈتۈن تۈپى يۈزى تۈكسىز، تاقىر، كۈچلۈك خۇش پۇراق. غۇلى تىك، سىلىق ھەم پارقىراق، رەڭگى كۈل رەڭ يېشىل ياكى بوز رەڭلىك، تارماق شاخلىرى بار. 

ئۈچ-تۆت قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماقلىرى بار، ئەڭ ئاخىرىقى كىچىك يوپۇرمىقى يىپسىمان، ئۇزۇنلۇقى 4-40 مىللىمېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 0.5 مىللىمېتىر؛ يۇپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 14 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا يېيىلىدۇ، تۈۋى قىسمى غىلاپسىمان ئورالما غوللۇق. مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، ئۇمۇمى گۈل سېپى ئۇزۇنلىقى 4-25 سانتىمېتىر؛ گۈلى كىچىك، سېرىق رەڭلىك، گۈل سىرتقى يۇپۇرمىقى چىشلىق؛ 45 گۈل بەرگى بار بۇلۇپ، كەڭرى تۇخۇم شەكىللىك، ئۈستۈنكى قىسمىدىكى ئىچىگە قايرىلغان سەل ئويمان. ئاتىلىقى بەش تال، ئۇزۇن گۈل بەرگى ئاتىلىقى ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاسما مېۋىسى ئۇزۇن يۇمىلاق شەكىللىك، بەش تال قاپىرىپ چىققان قىرلىق، 6-7-ئايلاردا چېچەكلەش مەزگىلى، 9-10- ئايلاردا مېۋىلەش مەزگىلى. 

كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى دىئامىتىرى 1 ~ 2 سانتىمىتىر، كۆك، ئاق رەڭلىك 5 ~ 7 تال يالغۇز گۈل بار، قوش ئاسما مېۋىسىنىڭ شەكلى سوقىچاق تۇخۇمسىمان ھالەتتە، ئۇزۇنلىقى 5 ~ 8 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 2 ~ 3 مىللىمېتىر، ئىچىدە ئىككى دانە سەل سېرىق رەڭلىك ئۇرۇقى بار.[1]

ئارپبەدىيان ئارپبەدىيان ئۆسۈملۈكى پىشىپ توپلانغاندىن كېيىن، ئۇۋۇلۇپ دورا–دەرمەك ياسىلىدۇ. تەمىنى ناھايىتى ئۆتكۈر، ئاچچىق ۋە بىر ئاز قاتتىق دېيىشكە بولىدۇ.

ئارپبەدىيان پۇرىقى ۋە تەمى بىلەن گۆشلۈك يېمەكلىكلەرگە بەك ماس كېلىدۇ. ھەتتا، ئانادولۇ كىشىلىرى ئۈچۈن ئارپبەدىيان سېلىنمىغان كۆفتە، كۆفتە ھېسابلانمايدۇ. بەزى ئىچىملىكلەر ۋە خېمىر يېمەكلىكلىرىگە تېتقۇ قېتىش ئۈچۈن ئارپبەدىيان قوشۇلىدۇ. شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، جۇڭگونىڭ غەربىي، ھىندىستان ۋە مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە يېمەكلىكلەرگە كۆپ سېلىنىدۇ.

ئارپبەدىياندىن ئارپبەدىيان يېغى چىقىرىلىدۇ، كىشىلەر بۇ ياغنىڭ مۇسكۇل ۋە رېماتىزم ئاغرىقلىرىغا پايدا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئارپبەدىيان يېغىنى يېمەكلىك ۋە ئۇماچلارغا 3–2 تېمىم قۇيۇشقا بولىدۇ. سەپرالىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، پەي تارتىشىشقا پايدا قىلىدىغان، ئىششىقنى يوقىتىدىغان ۋە ئىشتىھانى ئاچىدىغان ئارپبەدىيان يېغىدىن 3–2 تېمىم قەنگە ياكى بىر پارچە نانغا تېمىتىپ يىيىشىكىمۇ بولىدۇ. ئارپبەدىيان يېغىنى ھامىلە ئاياللارنىڭ ئىستېمال قىلىشى ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. ئارپبەدىيان يېغىنى بەدىنىمىزگە سۈركىگەندە، ياغ سۈركەلگەن جاينى ئاپتاپتىن ساقلاش كېرەك. خەلق تېبابىتىدە دورىنىڭ ئورنىدا قوللىنىلغاندا، ئارپبەدىيان ئۇۋۇلىدۇ ياكى سۇدا قاينىتىلىدۇ. ئارپبەدىياننى سىركە ۋە سۇ بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرگەندە، نەپەس يولى تارىيىشقا پايدا قىلىدىغانلىقى بايقالغان.

ئارپبەدىياننىڭ تەركىبىدە مول تۆمۈر ماددىسى بار. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئارپبەدىيان ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىمنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، قورساقنى قۇۋۋەتلەپ، سۈيدۈك ۋە يەلنى ھەيدەيدۇ. ئانا سۈتىنى كۆپەيتىدۇ، نېرۋىنى راھەتلىتىدۇ، يۇقىرى قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ. بەدەننى تەرلىتىپ، زىيانلىق ماددىلارنىڭ بەدەندىن چىقىپ كېتىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. ئارپبەدىيان يۈز يىلاردىن بۇيان جۇڭگو تېبابىتىدە قورساق ئىششىقى ۋە يەل راۋان بولماسلىق كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلگەن. ئارپبەدىيان توغرىسىدىكى يېڭى تەتقىقاتلاردا، ئارپبەدىياننىڭ قاندىكى شېكەر مىقدارىنى ئازايتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا. پەرھىز مۇتەخەسسىسلىرى، ئارپبەدىياننىڭ گۈرۈچلۈك يېمەكلىكلەر قورساق ۋە ئۈچەيلەردە پەيدا قىلغان يەل، ئىششىقلارنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرىدىغان رولىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ھامىلە ئاياللارنىڭمۇ قورساق ئاغرىقلىرى ۋە يەلنى ھەيدەش ئۈچۈن خاتىرجەم ھالدا ئارپبەدىيان ئىستېمال قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئارپبەدىيان بوۋاق ۋە بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ھەزىم ياخشى بولماسلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار ئارپبەدىيان ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق يەل پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ سۈتىگە تەسىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. بۇ يەل پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بوۋاقتا راھەتسىزلىك پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى، دېگەنلىك بولىدۇ. ئارپبەدىيان قورساق قىسمى ناھايىتى سەزگۈر كىشىلەرگە تەسىر قىلغانلىقتىن، ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. كاللەك يېسىۋىلەك، قاتلىما ۋە جىگەر قورومىلىرى قاتارلىق يەل پەيدا قىلىدىغان ھەمدە ھەزىم قىلىش تەس بولغان يېمەكلىكلەرگە ئارپبەدىيان سېلىش ئەقىلغە ئۇيغۇن بولۇپ، ئانادولۇدا يۈز يىللاردىن بۇيان يېمەكلىكلەرگە سېلىنىپ كەلمەكتە.

ئارپبەدىيان پۇرىقى سەۋەبلىك ئەڭ كۆپ دورا–دەرمەكلەردە قوللىنىلغاندىن سىرت، دورا ياساش سانائەتلىرىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ئارپبەدىيان ئېكىسپورت قىلىدۇ. تۈركىيەدە ئوتتۇرا ئانادولۇدا ئارپبەدىيان ئۆستۈرۈش ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئافيون، ئەنقەرە، ئەسكىشەھىر، كونيا ۋە بۇ ۋىلايەتلەرنىڭ ئەتراپلىرىدا ئۆستۈرۈلۈپ، زور ئىقتىسادىي مەنپەئەت قولغا كەلتۈرۈلمەكتە. ئانادولۇدا ئارپبەدىيان ئاۋجار، ئاجەم كىميونۇ، كەمنون، زىرە قاتارلىق ئوخشىمىغان ئىسىملار بىلەن ئاتىلىدۇ. بولۇپمۇ، ناھايىتى كۆپ ئۆستۈرۈلىدىغان ئەسكىشەھىردە كىشىلەر ئارپبەدىياننى «زىرە» دەپ بىلىدۇ. ئارپبەدىياننى چاي قىلىپ ئىچىشكە بولىدۇ. ئەمما، ئارپبەدىيان چېيى قاينىتىشتىن بۇرۇن، ئارپبەدىياننىڭ ئۇۋۇلغان ياكى ئۇۋۇلمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئارپبەدىيان ئۇۋۇلغاندىن كېيىن، 24 سائەت ئىچىدە ئىشلىتىلمىسە ، تەركىبىدىكى ياغ بۇزۇلۇپ، پۇرىقى ئۆزگىرىپ قالىدۇ. ئارپبەدىيان چېيى تەييارلىغاندا، بىر قەھۋە قوشۇقى يېڭى ئۇۋۇلغان ياكى يەڭگىل ئىزىلگەن ئارپبەدىياننى قايناق سۇغا سېلىپ، 10–5 مىنۇت دەملىگەندىن كېيىن، سۈزۈپ ئىچسەك بولىدۇ.

ئارپبەدىيانئىران، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركىيە، ئالجىرىيە، مىسىر، ھىندىستان، سۈرىيە، مېكسىكا ۋە چىلى قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپ يېتىشىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئەگە ۋە قارا دېڭىز رايونىدا يېتىشتۈرۈلىدۇ.

ئارپبەدىيانئارپبەدىيان قەدىمقى ۋاقىتلاردىن تارتىپلا بىلىنىپ كەلگەن ۋە قوللىنىپ كەلگەن ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. قەدىمقى رىملىق مەشھۇر تەبىئەت ئالىمىنىڭ پىكرى بويىچە ئېيتقاندا، ئارپبەدىيان ئەڭ ياخشى تەم پەيدا قىلغۇچىدۇر. تارىخچىلار رىملىقلارنىڭ مۇچنىڭ ئورنىغا ئارپبەدىيان ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە ئارپبەدىيان قىيامىنى بولكىنىڭ ئۈستىگە سۈركەپ يىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئارخېئولوگلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 14–ئەسىردىن كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن مىكەن تابلىتلىرىدىكى بىر تىزىملىكتە ئارپبەدىياننى تاپقان ۋە ئارپبەدىياننىڭ ئەينى ۋاقىتلاردا ئوردا ئىسكىلاتلىرىدا مۇھىم مال ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان. مېسسىپوتامىيەدىكى ئاكاد چېۋىق يېزىقى تابلىتلىرىدا ئارپبەدىيان زىكرى قىلىنغان. قەدىمقى مىسىر، گىرېتسىيە ۋە رىم مەدەنىيەتلىرىدە ئارپبەدىيان تونۇلغان. رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە ئائىت بىر يېمەكلىك كىتابىدا، پوستى بار دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن قىيام تەييارلىغاندا، ئارپبەدىيان قېتىش تەۋسىيە قىلىنغان. مەشھۇر تىۋىپ ئىبىن سىنامۇ ئارپبەدىيان ھەققىدە توختالغان. ئۇ ئارپبەدىياننى قەدىمقى ۋاقىتلاردىن بۇيان بىلىنىپ كەلگەن شىپالىق رولىدىن پايدىلانغاندىن باشقا، كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتىمۇ ئىشلەتكەن.

ئارپبەدىيان ياۋروپادا ناھايىتى ياخشى كۆرۈلىدىغان دورا–دەرمەك ھېسابلىنىدۇ. ئىتالىيەلىكلەر تاماقتىن بۇرۇن يەيدىغان بەزى تۇزلۇق پېچىنىلەرنىڭ خېمىرىغا ئارپبەدىيان قوشىدۇ. گوللاندىيەلىكلەر ئۆزلىرىگە خاس ئېرىمچىكنى ئارپبەدىيان بىلەن تەييارلايدۇ. ياۋروپادا ئارپبەدىيان قوشۇلغان قىياملار ناھايىتى داڭلىق. گېرمانىيەنىڭ بەزى رايونلىرىدا ئارپبەدىيان سېلىپ پىشۇرۇلىدىغان بولكىلار دۇنياغا داڭلىق. فىرەنك ئارپبەدىيانى ئوتتۇرا ياۋروپادا ئارپبەدىيان بىلەن ئوخشاش داڭلىقتۇر. فىرەنك ئارپبەدىيانى ۋە ئارپبەدىيان بىر–بىرگە بەكمۇ ئوخشايدىغان ئۆسۈملۈكلەر بولسىمۇ، ئۇرۇقلىرىنىڭ تەمى ئوخشىمايدۇ. ئەنگلىيەدە يېمەكلىكلەرگە سېلىنىدىغان چۆل رەيھىنىنىڭ ئۇرۇقلىرى فىرەنك ئارپبەدىيانىغا مەنسۇپ. سالامەتلىكىمىزگە بولغان پايدىلىق تەرەپلىرىنى ئويلىغىنىمىزدا، يېمەكلىكلىرىمىزدە ئارپبەدىياننىڭ كەم بولماسلىقى سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ھېسابلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-5889

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#