خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو ئېچىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى

دېلو ئېچىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو ئېچىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى ھەقىقىي قوغداش، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو ئېچىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى، مەمۇرىي دەۋا قانۇنى قاتارلىق ئالاقىدار قانۇنلارغا ئاساسەن، سوت ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو ئېچىش خىزمىتى توغرىسىدا چىقىرىلغان بەلگىلىمە. 

ئۇيغۇرچە نامى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو ئېچىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1997-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى
خەنزۇچە نامى 最高人民法院关于人民法院立案工作的暂行规定

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو ئېچىش خىزمىتى خەلق ئاممىسىنىڭ دەۋا ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىش، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سوت خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ.

2-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو ئېچىش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرى خلەق سوتلىرىنىڭ دېلو ئېچىش خىزمىتىنى تەكشۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

3-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو ئېچىش خىزمىتى ۋەزىپىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلونى توغرا، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

4-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋاسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىدا ۋاقتىدا دېلو ئاچىدۇ.

5-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلو ئېچىش بىلەن سوت قىلىشنى ئايرىۋېتىش پرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ.

6-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو ئېچىش خىزمىتىگە مەخسۇس ئاپپارات مەسئۇل بولىدۇ، ئۇ ئەرز-دەۋا سوت كوللېگىيىسىدە تەسىس قىلىنسا بولىدۇ؛ ئەرز-دەۋا سوت كوللېگىيىسى قۇرۇلمىغان بولسا، ئايرىم تەسىس قىلىنسا بولىدۇ.

7-ماددا دېلو ئېچىش خىزمىتىنىڭ دائىرىسى:

1) دەۋا قىلىنغان ھەق تەلەپ ماجىرالىرى، ئىقتىسادىي ماجىرالار، مەمۇرىي دېلولارنى تەكشۈرۈپ، دېلو ئېچىشنى قارار قىلىدۇ ياكى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقىرىدۇ؛ جىنايى ئىشلار بىۋاسىتە دەۋا دېلوسىغا دائىر دەۋالارنى تەكشۈرۈپ، دېلو ئېچىشنى قارار قىلىدۇ ياكى كېسىم ئارقىلىق رەت قىلىدۇ؛ ئەيىبلەنگەن جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى تىزىملاپ دېلو ئاچىدۇ.

2) تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى يوللىغان جىنايى ئىشلار، ھەق تەلەپ دەۋا ماجىرالىرى، ئىقتىسادىي ماجىرالار، مەمۇرىي ئىشلار بويىچە نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن دېلولار ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىرىنچى سوتنىڭ جىنايى ئىشلار ھۆكۈم-كېسىملىرىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن دېلولارنى تىزىملاپ دېلو ئاچىدۇ.

3) ئۆز مەھكىمىسى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشنى قارار قىلغان، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشقا بۇيرىغان ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوت نازارەتچىلىكى تەرتىپى بويىچە ئېتىراز بىلدۈرگەن دېلولارنى تىزىملاپ دېلو ئاچىدۇ.

4) خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك باشقا دېلولارغا ئائىت دېلو ئېچىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

5) دەۋاگەر ۋە نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچى ئالدىن تاپشۇرىدىغان دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى ھېسابلايدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

8-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋاسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇ قانۇن ۋە ئەدلىيىلىك ئىزاھاتلاردا بەلگىلەنگەن دېلو قوبۇل قىلىش شەرتىگە بىنائەن تەكشۈرۈشى كېرەك:

1) دەۋا قىلغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن سوبيېكتلىق سالاھىيەتنى ھازىرلىغان بولۇشى؛

2) جاۋابكار ئېنىق بولۇشى؛

3) كونكرېت دەۋا تەلىپى ۋە پاكىت ئاساسى بولۇشى؛

4)خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو قوبۇل قىلىش دائىرىسىدە ۋە دەۋانى قوبۇل قىلغۇچى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولۇشى كېرەك.

جىنايى ئىشلار بويىچە قىلىنغان بىۋاسىتە دەۋا ۋە جىنايى ئىشلار قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋالىرى يەنە «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›نى ئىجرا قىلىشتىكى بىرنەچچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (سىناق نۇسخىسى)»دىكى دېلو قوبۇل قىلىش شەرتى ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.

9-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ دېلو ئېچىش داۋامىدا دەۋاگەر ياكى بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچىنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئىسپاتلايدىغان ئاساسلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى ھازىرلىمىغانلىقىنى سەزسە، ئۇلارغا دەلىل-ئىسپات تولۇقلاش ھەققىدە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. دەۋا خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىت دەۋالاشقۇچىلار ئالاقىدار دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تولۇقلاپ تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

10-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى تاپشۇرۇۋالغان دەۋا خېتى ۋە ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى تىزىملىشى ھەمدە دەۋاگەر ياكى بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچىغا شۇ ھەقتە ھۆججەت بېرىشى كېرەك. ھۆججەتكە دەلىل-ئىسپاتنىڭ نامى، ئەسلىي نۇسخىسى ياكى تەقلىدىي نۇسخىسى، تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىت، نۇسخا ۋە بەت سانىنى ئېنىق خاتىرىلەپ، دەۋانى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل سوتچى خادىم ۋە دەۋاگەر، بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى لازىم. خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو ئاچمايدىغان ياكى دەۋاگەر، بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى دېلو ئېچىشتىن ئىلگىرى دەۋادىن كەچكەن بولسا، دەۋا ماتېرىياللىرىنى دەۋا قىلغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىشى ھەمدە دەۋالاشقۇچىلار ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇۋېلىشى كېرەك.

11-ماددا تەكشۈرۈش ئارقىلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن قوبۇل قىلىش شەرتىەە ئۇيغۇن كەلەميدىغانلىرىدىن دەۋاگەر دەۋا قىلىپ تۇرۇۋالغانلىرىدا قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقىرىش كېرەك؛ بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچى دەۋا قىلىپ تۇرۇۋالسا، ئۇنىڭ دەۋاسىنى كېسىم ئارقىلىق رەت قىلىشى كېرەك.

12-ماددا دەۋانى قوبۇل قىلماسلىق ۋە رەت قىلىش ھەققىدىكى كېسىمنامىنى دەۋانى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل سوتچى تەييارلاپ، كوللېگىيە باشلىقى ياكى مەھكىمە باشلىقىغا تەستىقلىتىدۇ. كېسىمنامىگە دەۋانى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل سوتچى، پۈتۈكچى ئىمزا قويىدۇ ۋە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ.

13-ماددا تەكشۈرۈش ئارقىلىق قوبۇل قىلىش شەرتىەە ئۇيغۇن دەپ قارالغان دەۋالاردا ئوخشاش بولغان ئەھۋالغا ئاساسەن دەۋانى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل سوتچى دېلو ئېچىشنى قارار قىلىدۇ ياكى كوللېگىيە باشلىقىغا تەستىقلىتىدۇ. چوڭ، چىگىش دېلولاردا مەھكىمە باشلىقى تەستىقلايدۇ ياكى سوت ھەيئىتى مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىدۇ.

14-ماددا دەۋانى تەكشۈرۈپ دېلو ئېچىش قارار قىلىنغاندىن كېيىن، نومۇر قويۇپ، تىزىملاش جەدىۋىلىنى تولدۇرۇپ، دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى ھېسابلاپ، دەۋاگەرگە ياكى بىۋاسىتە دەۋا قىلغۇچىغا دېلونى قوبۇل قىلغانلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىش ھەمدە دەۋاگەرگە دېلو قوبۇل قىلىش ھەققىنى ئالدىن تاپشۇرۇش ھەققىدە يازما ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

15-ماددا دېلو ئېچىش ئاپپاراتى دېلو ئېچىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئىككى كۈن ئىچىدە دېلونى ئالاقىدار سوت كوللېگىيىسىنىڭ سوت قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتى بېجىرىپ، ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ۋاقىتنى ئېنىق يېزىپ قويۇشى كېرەك. تەكشۈرۈپ قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان ياكى دېلو ئېچىشنى تىزىملىغان كۈن دېلو ئاچقان كۈن بولىدۇ.

16-ماددا جىنايى ئىشلار بىۋاسىتە دەۋا دېلولىرىدا دەۋا خېتى، ئاغزاكى ئەرزنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئەتىسىدىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە دېلو ئېچىشنى قارار قىلىش ياكى كېسىم ئارقىلىق دەۋانى رەت قىلىش كېرەك؛ ھەق تەلەپ، ئىقتىسادىي ماجىرا دېلولىرىدا دەۋا خېتى، ئاغزاكى ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە دېلو ئېچىشنى قارار قىلىش ياكى دەۋانى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقىرىش كېرەك؛ مەمۇرىي دېلولاردا دەۋا خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە دېلو ئېچىشنى قارار قىلىش ياكى دەۋانى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە كېسىم چىقىرىش كېرەك.

17-ماددا سوت كوللېگىيىسى دېلو ئېچىش ئاپپاراتى يوللاپ بەرگەن دېلونى كوللېگىيىمىزنىڭ خىزمەت دائىرىسىدە ئەمەس دەپ قارىسا، ۋاقتىدا پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەھكىمە باشلىقىنىڭ قارار قىلىشىغا سۇنۇشى كېرەك.

18-ماددا خەلق سوتى تەكشۈرۈپ دەۋانى قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن دەپ قارىسا، كوللېگىيە باشلىقىغا تەستىقلىتىپ دېلو ئېچىش؛ دەۋالاشقۇچىلار ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلغان بولسا، ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋانى تەكشۈرۈپ قوبۇل قىلىشى كېرەك.

خەلق سوتى دېلو ئېچىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، خىزمەت ئورنى، دېلونىڭ مەزمۇنى ۋە قىسقىچە ئەھۋالىنى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر تۇتاش نومۇر قويۇشىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن دەۋالاردىن خەلق سوتى دېلو ئاچمىغانلىرىدا ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو ئېچىشنى قارار قىلىپ، خەلق سوتىنىڭ سوت قىلىشغا تاپشۇرۇشى كېرەك.

19-ماددا دەۋالاشقۇچىلار بىرىنچى سوتنىڭ ھۆكۈم-كېسىمىگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى بەرگەن دېلولاردا بىرىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزىنىڭ كۆچۈرمىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىشتەك ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ۋاقتىدا بېجىرىپ، دېلو ماتېرىيالىنى ئىككىنچى سوت دېلوسى دەۋا ھەققى تاپشۇرۇش دوكومېنتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

20-ماددا ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو ئېچىش ئاپپاراتى بىرىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن نارازىلىق ئەرزىنىڭ ماتېرىيالى ۋە بىرىنچى سوت دېلو ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈشى كېرەك:

1) نارازىلىق ئەرز خېتى، بىرىنچى سوت ھۆكۈم-كېسىم ھۆججەتلىرى تولۇق بولۇش؛ بىرىنچى سوت دېلو سانى دېلونى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئالاقىسىدە كۆرسىتىلگەن سانغا ماس كېلىشى؛

2) نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچىنىڭ نارازىلىق ئەرز خېتىنى تاپشۇرغان ۋاقتى قانۇندا بەلگىلەنگەن نارازىلىق ئەرزى بېرىش مۆھلىتى ئىچىدە بولۇشى؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن نارازىلىق ئەرزى بېرىش مۆھلىتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەن ياكى باشقا ئورۇنلۇق ئاساسى بولغاچقا، نارازىلىق ئەرزى بېرىش مۆھلىتىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان يازما ماتېرىيال تاپشۇرغان بولۇش؛

3) نارازىلىق ئەرز دېلوسىنى قوبۇل قىلىش ھەققى تالونى ياكى نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچىنىڭ نارازىلىق ئەرزى بېرىش ھەققىنى كېچىكىپ تاپشۇرۇش، كېمەيتىپ تاپشۇرۇش، كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماسى قوشۇمچە قىلىنغان بولۇش.

دېلو ماتېرىيالى تولۇق بولمىسا، بىرىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تولۇقلىشى ھەققىدە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

21-ماددا ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو ئېچىش ئاپپاراتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئالاقىدار ماتېرىياللاردىن خاتالىق بولمىغانلىرىدا دېلو ئېچىشنى تىزىملاش جەدىۋىلىنى تولدۇرۇپ، نومۇر قويۇپ، دەۋالاشقۇچىلارغا دېلونى قوبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى ۋە نارازىلىق ئەرز دېلوسىدا دەۋاغا جاۋاب بېرىش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتىشى ھەمدە دېلو ماتېرىيالىنى دېلو ئاچقان كۈننىڭ ئەتىسى ئالاقىدار سوت كوللېگىيىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

22-ماددا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئەرزى ياكى يېڭىۋاشتىن سوت قىلشى ئىلتىماسلىرىدىن قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ دەپ قارىغانلىرىدا تىزىملىغاندىن كېيىن دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈش كېرەك.

23-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بولغان يېڭىۋاشتىن سوت قىلىنىدىغان دېلولارنى ئالاقىدار سوت كوللېگىيىسىنىڭ سوت قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك:

1) ئەرز ياكى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش ئىلتىماسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ دەپ قارالغان ھەمدە مەھكىمە باشلىقى دېلونى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشنى تەستىقلىغان بولسا؛

2) شۇ مەھكىمىنىڭ باشلىقى دېلونى سوت ھەيئىتىنىڭ مۇزاكىرە قىپ يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشنى قارار قىلىشىغا تاپشۇرغان بولسا؛

3) يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا؛

4) خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم-كېسىمىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن بولسا.

ئىجرا دېلوسى دېلو ئېچىش خىزمىتىدە مۇشۇ بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىلسا بولىدۇ.

يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى، ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي سوت مەھكىمىلىرى مۇشۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن يولغا قويۇش تەپسىلىي پرىنسىپىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

ئىلگىرىكى دېلو ئېچىش خىزمىتىگە ئائىت بەلگىلىمىلەردىن بۇ بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىغانلىرىدا مۇشۇ بەلگىلىمە ئۆلچەم قىلىنىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئەركزات مۇنبىرى 

http://arkzat.com/archiver/?tid-61.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#