گازىر

گازىر _ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاپتاپپەرەسنىڭ ئۇرۇقى.

ئۇيغۇرچە نامى گازىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 瓜子

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گازىر _ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاپتاپپەرەسنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى 2 ~ 15 مېتىرغىچە كېلىدۇ. يوپۇرمىقى كەڭ ھەم يوغان، تۈكلۈك بولۇپ، ئۈستىگە چاڭ ئولتۇرشۇپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. گۈللىرى ئالتۇن رەڭدە، ياپىلاق تەخسىسىمان بولىدۇ. ئۇرۇقىنىڭ تۈۋى تەرىپى تومراق، يۇقىرى تەرىپى ئىنچىكىرەك بولۇپ، سۇس سارغۇچ رەڭدە كېلىدۇ. بۇ ئۇرۇق ‹‹گازىر›› نامىدا مەشھۇردۇر.

گازىرنىڭ ھەر 100 گرامىدا 24.6 گرام ئاقسىل، 54.4 گرام ياغ، 10 گرام قەنت، 44 مىللىگرام كالتسىي، 341 مىللىگرام فوسفور، 4.2 مىللىگرام تۆمۈر، 0.10 مىللىگرام كاروتىن، 0.88 مىللىگرام ۋىتامىن B1، ا 0.20 مىللىگرام ۋىتامىن B2، ا 5.1 مىللىگرام ۋىتامىن pp بار.

ھەر 100 گرام گازىردىن 628 كىلوكالورىيە قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ.

قۇرۇق سوغۇق.

ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاپ، قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ، قان بېسىمىنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلايدۇ ۋە قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. سۈيدۈك ھەيدەپ، ياللۇغ ۋە ئىششىق قايتۇرىدۇ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، تېرىنى سىلىقلايدۇ، سۈت كۆپەيتىدۇ.

1. گازىرنى پارچە - پۇرات يېمەكلىك قاتارىدا ئىستېمال قىلىشقىمۇ، تورت، پېچىنە - پىرەنىكلەرنىڭ خام ئەشياسى قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

2. گازىر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ياغ بولغاچقا، ياغ چىقىرىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

3. گازىرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قاندا ماي يۇقىرىلاش، يۇقىرى قان بېسىم، قان تومۇرلار قېتىۋېلىش ۋە تاجسىمان ئارتېرىيە قېتىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ.

4. گازىر مېغىزى، كەرەپشە مېغىزى، تاۋۇز مېغىزى، تەرخەمەك مېغىزلىرىنىڭ ھەر قايسىسىدىن بەش گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ، سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە مەزى بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

5. ئاپتاپپەرەس يوپۇرمىقى، زاراڭزا چېچىكىدىن بەش گرام، خىيارشەنبەردىن 15 گرام ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

6. ئاپتاپپەرەس گۈلى، زاراڭزا گۈلى، چىلان، ئاق سەندەل قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ، يەتتە گرام بىنەپشە بىلەن مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا 10 ~ 20 مىنۇت دەملەپ ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

1. جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار ئەڭ ياخشىسى گازىر چاقماسلىقى كېرەك. چۈنكى گازىر جىگەرنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، جىگەر قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. گازىر كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، شۆلگەينى كۆپ مىقداردا خورىتىپ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ. باشنى قايدۇرۇپ، كۆڭۈلنى ئىلىشتۈرىدۇ، باشنى ئاغرىتىدۇ، ئىشتىھانى تۇتىدۇ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەسەل ياكى ناۋاتنى قايناق سۇدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، زىيانلىق تەسىرىنى يوقىتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#