داگۇئېر

داگۇئېر

داگۇئېر ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان، قۇتاش نۇرىدىن پايدىلىنىپ سۈرەت تارتىش ئۇسۇلىنىڭ كەشپىياتچىسى. داگۇئېر 1787-يىلى فرانسىيە نىڭ شىمالىدىكى كامېراي شەھىرىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا پارىژ «سۈرەت ساندۇقى» كۆرگەزمىسىنى ئاچقان. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى داگۇئېر
دۆلەت تەۋەلىكى فرانسىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1851-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 达盖尔
تۇغۇلغان ۋاقتى 1787-يىلى
بەدەن ئېغىرلىقى كەشپىياتچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

داگۇئېرداگۇئېر ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان، قۇتاش نۇرىدىن پايدىلىنىپ سۈرەت تارتىش ئۇسۇلىنىڭ كەشپىياتچىسى. 

داگۇئېر 1787-يىلى فرانسىيە نىڭ شىمالىدىكى كامېراي شەھىرىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا پارىژ «سۈرەت ساندۇقى» كۆرگەزمىسىنى ئاچقان. بۇ چىراغ نۇرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھەر خىل تەسىرات مەنبەلىرىنى ھاسىل قىلىدىغان مەنزىرە سۈرەتلىرى كۆرگەزمىسى ئىدى. ئۇ بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان چاغدا چوتكا بىلەن بوياق ئىشلەتمەستىن، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، فوتو ئاپپاراتى ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مەڭگۈلۈك سۈرەتلىرىنى تارتىش تەتقىقاتىغا بېرىلىپ كەتتى. 

داگۇئېرنىڭ فوتو ئاپپارات ياساشتىكى بىرىنچى قېتىملىق ئۇرۇنۇشى مەغلۇپ بولدى. 1827-يىلى ئۇ بۇ جەھەتتە تىرىشىپ ئىزدىنىۋاتقان نىئاپوس بىلەن ئۇچراشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى بىرلىكتە سۈرەتكە تارتىشنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشتى. 1832-يىلى نىئاپۇس ئالەمدىن ئۆتتى. داگۇئېر قىلچىمۇ بوشاشماي تەتقىقاتنى داگۇئېرچە سۈرەت تارتىش ئۇسۇلىنى كەشپ قىلدى. بۇ ئەڭ دەسلەپكى ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان سۈرەتكە تارتىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. 

1839-يىلى، داگۇئېرنىڭ كەشپىياتى ئومۇملىشىپ كىشىلەر تەرىپىدىن كەڭ قوللىنىلدى. لېكىن ئۇ كەشپىيات پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلمىدى. فرانسىيە ھۆكۈمىتى داگۇئېر ۋە ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى شېرىكى نىئاپوسنىڭ ئوغلىغا پېنسىيە پۇلى بەردى. 

داگۇئېرنىڭ كەشپىياتى ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا، ئۇنىڭ نامى ئالەمگە تونۇلۇپ دەۋرنىڭ قەھرىمانى بولۇپ قالدى. ھەر خىل ئالقىش ۋە ماختاش سادالىرى تەرەپ-تەرەپتىن ئاڭلىنىشقا باشلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا داگۇئېرنىڭ سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسىمۇ كەڭ تارىلىشقا باشلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي داگۇئېر دەم ئېلىشقا چىقتى. 1851-يىلى، ئۇ پارىژغا يېقىن بىر جايدىكى ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتتى.

داگۇئېرداگۇئېرنىڭ كەشپىياتىدەك زور پايدا يەتكۈزگەن كەشپىياتلار ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ كەشپىاتى پەن-تەتقىقاتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە كەڭ قوللىنىلدى. چۈنكى، بۇ كەشپىيات سانائەت، ھەربىي ئىشلاردا ئۇمۇميۈزلۈك ئەمەلىي ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە ئىدى. بىر قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن بولسا، بۇ كەشپىيات بىر خىل مۇھىم سەنئەت ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا مىليونلىغان كىشىلەر ئۈچۈن بىر خىل لەززەت ۋە ھەۋەس ئىدى. سۈرەت بىزگە مەدەنىيەت، ئاخبارات جەھەتلەردىن بىلىم بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ يەنە ئەڭ ياخشى خاتىرە قالدۇرۇپ قويىدۇ. كىنو بولسا قۇياش نۇرىدىن پايدىلىنىپ سۈرەتكە تارتىشنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى دەپ قارىلىدۇ.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، پەقەت بىرلا ئادەم تەرىپىدىن تاماملىنىدىغان كەشپىيات كۆپ ئۇچرىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنقى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرى داگۇئېرنىڭ كەشپىياتى ئۈچۈن يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. 1839-يىلى ئەنگىلىيىلىك ئالىم تالبوت بىر خىل يېڭى ئۇسۇل بايقىغانلىقىنى، تۇنجى بولۇپ نېگاتىۋ ياساپ چىققانلىقىنى(بۈگۈنكى كۈندىكى سۈرەتكە تارتىش بىلەن ئوخشاش) ئېلان قىلىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، تالبوت ئەينى ۋاقىتتا باشقا جەھەتتىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن ئالدىراش بولغانلىقتىن سۈرەتكە تارتىش ئۇسۇلىنى داۋاملىق تەتقىق قىلمىغانىدى؛ مۇبادا تالبوت بوشاشمىغان بولسا، ئۇنىڭ فوتو سۈرەت كەشپىياتچىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا داگۇئېردىن بۇرۇن ئېرىشىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىدى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#