چىلان دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. چىلان (مېۋە)
  2. چىلان (خام دورا )
مېۋە
 چىلان

شىنجاڭ چىلاننىڭ قەدىمىي ماكانى بولۇپ، ئۇزۇن يىللىق چىلان ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە. ئۇ قۇرغاق مېۋىلەر ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، رايۇنىمىزنىڭ سىرىتقا ئىمپۇرىت قىلىدىغان موھىم مېۋىلىرىنىڭ بىرى. 

ئۇيغۇرچە نامى چىلان
خەنزۇچە نامى 红枣
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى شىلۋە تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى چىلان ئۇرۇقدىشى
ئىنگلىزچە نامى jujube
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى شىلۋە ئائىلىسى
تۈرى چىلان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چىلاننىڭ ئاپتونۇم رايونىمىزدا شىنجاڭدا قۇمۇل چىلىنى، توققۇزاق چىلان، نەشپۈتسىمان چىلان، قىشلىق چىلان، سېرىق چىلان.... قاتارلىق 12 خىل سورتى بار. 

قۇمۇل چىلىنى 

قۇمۇل چىلىنىقۇمۇل شەھىرى نىڭ قارا دۆۋە، راھەتباغ، شەھەر ئىچى رايۇنلىرىغا تارقالغان، مېۋە دانىسى چوڭ، سوقىچاق، مېۋە يۈزى سىلىق، يالتىراق، ھۆل يەككە مېۋىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 17.6 گرام ،ئەڭ چوڭلىرى 33 -75 گرام كېلىدۇ. ئۇرۇقى كىچىك، مېغىزى تويۇنمىغان، مېغىز چىقىش نىسبىتى بەك تۆۋەن، بىراق مېۋە سۈپىتى ياخشى. 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پىشىدۇ. مېۋىسىنىڭ سۇ تەركىبىي تۆۋەن، قۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، %65 كە يىتىدۇ. ساقلاش توشۇشقا چىداملىق.

توققۇزاق چىلان

توققۇزاق چىلانقەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى نىڭ توققۇزاق يىزىسىغا تارقالغان. مېۋىسى ئۇزۇن، تۇخۇم شەكلىدە ھەم ئۇزۇن دۇگىلەك شەكلىدە، مېۋە ئۈچى سەل ئىچىگە كىرگەن، پوستى بېغىرەڭ، يالتىراق مېۋىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 4 -6 گرام، مېۋىسى چۈرۈك، ئازىراق چۈچۈمەل، ئۇرۇقى تويۇنغان، مېغىز چىقىش نىسبىتى %92 كە يىتىدۇ. 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ياكى ئاخىرلىرى پىشىدۇ.

نەشپۈتسىمان چىلان

نەشپۈتسىمان چىلانبۇ چىلان ئىلى، كورلا رايو نلىرىغا كۆپرەك تارقالغان. مېۋە شەكلى نەشپۈتكە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مېۋە پوستى ئانچە سىلىق ئەمەس، مېۋىسى چۈرۈك، تاتلىق مېۋە بىرىش نىسبىتى تۆۋەن، سۈپىتى ياخشى. بۇ خىل چىلان كۆپىرەك ھۆل ئىستېمال قىلىنىدۇ. 10-ئاينىڭ باشلىرى ئوبدان پىشىدۇ. 

قىشلىق چىلان

قىشلىق چىلانئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنىغا تارقالغان. «ئالمىسىمان چىلان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

تۇرپان، پىچان رايونلىرىدىمۇ مەلۇم كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ. مېۋىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 8.1 گرام ، مېۋە شەكلى كۆركەم، مېۋە رەڭگى بىغىرەڭ، ئېتى ئاق يېشىل، شىرنىسى كۆپ، تاتلىق، سۈپىتى ياخشى، ئۇرۇقى چوڭ بولۇپ، 0.6 گرام كېلىدۇ. مەھسۇلاتى ئوتتۇراھال، 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، 11-ئاينىڭ باشلىرى پىشىدۇ.

سېرىق چىلان

سېرىق چىلانئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەممە يىرىگە تارقالغان، جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنىدا كۆپرەك ئۆستۈرۈلىدۇ. 

بۇ چىلاننىڭ مېۋىسى سەل كىچىك، سوقىچاق، رەڭگى ئوچۇق قىزىل، پارقىراق، چۈرۈك، سۈپىتى ياخشى، ئېتى سېرىق يېشىل، قەنىت مىقدارى %24.7، بۇ سورت ھۆل ۋە سوۋۇتۇپ ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ، ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى، 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى پىشىدۇ.

چىلان دەرىخىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، كېسەللىككە ۋە ناچار موھىتقا قارشى تۇرۇشچانلىقى ياخشى. 

ئۇنىڭ ئىكولوگىيەلىك موھىتنى ياخشىلاش، قۇم-بوراننىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇ، تۇپراق ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ھازىر ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلۈپ كېڭىيۋاتىدۇ. كەلگۇسىدە شىنجاڭ دۇنيانىڭ چىلان بازىسى بولۇپ قالغۇسى. 

 چىلاننى پاكار ئۆستۈرۈشنىڭ ئەۋزەللىكى  

چىلانياۋا ئەنئەنىۋى كۆچەتلەر ئەسلىدىنلا ئېگىز بولىدۇ. كېيىن ئۇلاش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق ئۆسۈش مەزگىلىنى قىسقارتىپ، بالدۇر ئېچىلدۇرۇپ، بالدۇر مېۋىگە كىرگۈزۈلىدۇ، شۇڭا مېۋىلىك دەرەخلەر پاكار بولىدۇ . مېۋىلىك دەرەخلەر چوڭ ھەم ئېگىز بولسا باشقۇرۇش قولايسىز، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىگىلىگەن ئورنىمۇ چوڭ بولىدۇ. بىر تۈپ چوڭ دەرەخنىڭ ئىگىلىگەن ئورنىغا 3 ~ 2 تۈپ دەرەخ كۆچىتى تىككىلى بولىدۇ. 2 ~ 3 تۈپ كۆچەتنىڭ تاجىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى بىر تۈپ چوڭ دەرەخنىڭ ئىگىلىگەن يېرى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا تېخىمۇ كۆپ قۇياش نۇرىنى سۈمۈرەلەيدۇ . ئۆسۈملۈكنىڭ فوتوسېنتىز رولى قانچە كۈچلۈك بولسا، ئۇنىڭ ھاسىل قىلغان ئوزۇقلۇق ماددىسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئوزۇقلۇق ماددا كۆپ بولسا مەھسۇلات يۇقىرى بولىدۇ .

كىچىك دەرەخنىڭ يىلتىز سېستىمىسى چوڭ دەرەخنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ بولۇپ، تارقىلىشىمۇ ناھايىتى تەكشى بولغاچقا ئوغۇتتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ . بۇنداق بولغاندا ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئۆسۈملۈك تېنىدىكى سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددا ئۆسۈملۈكنىڭ ھەرقايسى ئىھتىياجلىق قىسىملىرىغا ئۈزلۈكسىز توختىماستىن توشۇلىدۇ، مەيلى سۇ ياكى ئوزۇقلۇق ماددا بولسۇن ، ھەممىسى ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىدىن غول ۋە يوپۇرماققا توشۇلۇپ كېلىدۇ، بۇلارمۇ ئېنىرگىيەگە موھتاج بولىدۇ. چوڭ دەرەخنىڭ غولى ئېگىز توم بولغاچقا، توشۇلىدىغان ماددا تېخىمۇ كۆپ ئېنىرگىيە ۋە تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىتقا مۇھتاج بولۇپ ئۈنۈمى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ . چوڭ مېۋىلىك دەرەخلەر شامالنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ . شامال كۈچى زور بولغاندا، چوڭ مېۋىلىك دەرەخ يىلتىزى بىلەن قوشۇپ تىترەيدۇ. دەرەخ سۇنمىغان تەقدىردىمۇ غول ۋە يوپۇرماق توقۇلمىلىرى، مەسلەن شېخى سۇنىدۇ، يوپۇرمىقى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.

كىچىك مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ گۈلى بالدۇر ئېچىلىپ، بالدۇر مېۋىگە كىرىدۇ. چوڭ مېۋلىك دەرەخلەر مېۋىگە كىرگەندە ، كىچىك مېۋىلىك دەرەخلەر بىر نەچچە يىل ھوسۇل بېرىپ بولغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، چوڭ دەرەخلەرنى باشقۇرۇش ئەپسىز بولۇپ ، ئاسان ھاشارات ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ، مېۋىسىنى ئۈزۈشمۇ تەس، ۋاقىت ۋە ئەمگەك كۈچى ئىسراپ بولىدۇ. بەزىدە مېۋە شېخى سۇنۇپ كېتىپ بىۋاستە زىيان پەيدا قىلىدۇ. 

چىلانچىلاننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىي مول، تالنى قۇۋۋەتلەپ، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش رولى بار. ئىشلىتىلىشى كەڭ بولۇپ، «ياغاچ غوللۇق ئاشلىق» دەيدىغان نامى بار، شۇنداقلا ئۇ ئىستېمالچىلار ياخشى كۆرىدىغان ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى. ئوزۇقلۇق ئانالىزلىرىغا ئاساسلانغاندا ، ھۆل چىلاننىڭ قەنىت مىقدارى %35-25، قۇرۇق چىلاننىڭ قەنىت مىقدارى %75 - 60؛ ھەر 100 گرام ھۆل چىلان تەركىبىدە 23.2 گرام كاربۇنلۇق بىرىكمىلەر، 12 گرام ئاقسىل، 10.2 گرام ماي؛ ھەر 100 گرام چىلاننىڭ تەركىبىدە 50.3 -80.6 گرام كاربۇنلۇق بىرىكمىلەر، 3.3 گرام ئاقسىل. 0.4 گرام ماي، يەنى كالىتسى، فوسفۇر، تۆمۈر قاتارلىق مىنرال ماددىلار بولىدۇ. بولۇپمۇ 100 گرام ھۆل چىلان تەركىبىدە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 600 -380 ۋىتامىن c بولىدىكەن. بۇ ئالمىنىڭ 80 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ.

ئۇ تىبابەتتە 20 خىلدىن ئارتۇق كېسەلنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. بولۇپمۇ قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، قان تولۇقلاش، تالنى كۈچەيتىش، كۆز كېسەللىكلىرى ، ئۆپكە ۋە يۇرەكنى ياشارتىش، نېرۋىنى كۈچەيتىش، ئاشقازان ۋە ئارتېرىيە قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھۆسنىنى گۇزەللەشتۇرۇش، يۆتەل، ماغدۇرسىزلىق، جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا رولى چوڭ. 

ئۇنىڭدىن باشقا، چىلاندىن چىلان مۇرابباسى، چىلان شەربىتى، چىلان ئىچىملىكى، چىلان تورتى ۋە چىلان تالقىنى قاتارلىق يىمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى ياسىغىلى بولىدۇ. 

 ئىستېمال قىلغاندا دىققەت قىلدىغان ئىشلار 

چىلانچىلاننىڭ پوستى سەل قاتتىق بولۇپ، ئاسان ھەزىم بولمايدۇ. سۇغا چىلىغاندا، پايدىلىق تەركىبلەرنىڭ سۇدا ئېرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا چىلاننى چىلىغاندا، ئىككى پارچە قىلىپ چىلاش كېرەك. يېڭى چىلاننى چىلىماي، قاينايماي يېيىش كېرەك، چۈنكى يېڭى چىلاپ تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولۇپ ، چىلىغاندا ياكى قايناتقاندا، تەركىبىدىكى ۋىتامىن C زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇڭا يېڭى پېتى يېيىش كېرەك. 

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، چىلاننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، كۈندە ئىستېمال قىلىدىغان چىلان 15 تالدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا ھەزىم قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خانىم قىزلار ھەيز مەزگىلىدە چىلاننى كۆپ يېگەندە، قاپىقى ھەم پۇت-قوللىرى ئىششىپ قېلىش ھەمدە قان بەك كۆپ كېلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

چىلان (Zizyphus jujuba) شىلۋە ئائىلىسى (Rhamnaceae) چىلان ئۇرۇقدىشى ( Zizyphus Mill ) غا تەۋە مېۋىلىك دەرەخ. ئۇنىڭ دۇنيادا 50 خىلغا يىقىن تۈرى بار، كۆپ قىسمى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئىسسىق بەلباغ ھەم مۆتىدىل بەلباغلىرىدىغا، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىغا، شىنجاڭ رايوننىڭ ھەر قايسى ئۇرۇنلىرىغا تارقالغان .[0] 

چىلان دەرىخىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ، كېسەللىككە ۋە ناچار موھىتقا قارشى تۇرۇشچانلىقى ياخشى . 

ئۇنىڭ ئىكولوگىيەلىك موھىتنى ياخشىلاش ، قۇم - بوراننىڭ ئالدىنى ئېلىش ، سۇ ، تۇپراق ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولى ناھايىتى چوڭ بولۇپ ، ھازىر ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلۈپ كېڭىيۋاتىدۇ. كەلگۇسىدە شىنجاڭ دۇنيانىڭ چىلان بازىسى بولۇپ قالغۇسى . 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    50%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#