دارچىن
دارچىن-كامفورا دەرىخى ئائىلىسى دائىم كۆكۈرۈپ تۇرىدىغان دەرەخ. ئېگىزلىكى 10 مېتىردىن ئاشىدۇ، قوۋزىقى كۈلرەڭ قوڭۇر، قوۋزىقىنىڭ قېلىنلىقى 13 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، ئۆتكۈر پۇراقلىق.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
دارچىن-كامفورا دەرىخى ئائىلىسى دائىم كۆكۈرۈپ تۇرىدىغان دەرەخ. ئېگىزلىكى 10 مېتىردىن ئاشىدۇ، قوۋزىقى كۈلرەڭ قوڭۇر، قوۋزىقىنىڭ قېلىنلىقى 13 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ، ئۆتكۈر پۇراقلىق. يوپۇرمىقى نۆۋەتلەشمە شەكىلدە ياكى بىر-بىرىگە يېقىن ئۆسكەن؛ ئېللپس شەكىلدە ياكى ئېللپس يىڭنە يوپۇرماقلىق شەكىلدە ئۆسكەن، ئۇزۇنلىقى 8 ~ 20 مىللىمېتىر، كەڭلىكى 3 ~ 5.5 مىللىمېتىر؛ چوققا تەرىپى ئۇچلۇق، يوپۇرماقنىڭ تۈۋى مىخ شەكىللىك؛ تولۇق قىرلىق، تۈۋىدىن ئاچال تومۇرلۇق ئايرىلغان. كونۇسسىمان گۈل رېتى ياكى قولتۇق گۈل رېتى بويىچە ئۆسكەن؛ گۈلى كىچىك، دىئامېتىرى 5 مىللىمېتىر، گۈل يېپىنچىسى يېرىق ئېللپس شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى 3 مىللىمېتىر. مېۋىسى ئېللپس شەكىللىك، 10 مىللىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا، دىئامېتىرى 7~8 مىللىمېتىر، پىشقاندا قارا بىنەپشە رەڭدە بولىدۇ.
دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق ئورماندا ئۆسىدۇ، بىراق كۆپۈنچىسى ئادەملەر تەرىپىدىن ئۆستۈرۈلىدۇ، دارچىن نەم، ئىللىق، قۇياش نۇرى تولۇق بولغان مۇھىتنى ياقتۇرىدۇ، كۈنپەرەس ھەم سايىگە چىدايدۇ، ئىسسىق قىراۋسىز، تۇمانلىق جايلارنى خالايدۇ، قۇرغاقچىلىققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، سۇ يىغىلىۋالغان، سوغۇق مۇھىتنى خالىمايدۇ. يۇمشاق، سۇ چىقىرىشى ياخشى، ئورگانىك ماددىلار مول بولغان كىسلاتالىق تۇپراق ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. شۇڭا ئادەم ئۆستۈرگەندە ئىسسىق نەم مۇھىتنى ھازىرلاش كېرەك. قۇم بارخانلىرى ۋە يانتۇ تاغ رايونلىرىدا ئۆستۈرسە بولىدۇ.
ئۆسۈملۈكنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى، مەسىلەن، دەرەخ قوۋزىقى، شېخى، يوپۇرمىقى، مېۋىسى، گۈل سېپى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن پۇراقلىق ماي، دارچىن مېيى قاتارلىقلارنى ئايرىپ ئېلىپ، يېمەكلىك، ئىچىمىلىك، گىرىم بويۇمى، كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇمى قاتارلىقلاردا خۇشپۇراق ماتېرىيال قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. دەرەخ قوۋزىقىنىڭ ماي چىقىش نىسبىتى %2.15، دارچىن شېخىنىڭ ماي چىقىش نىسبىتى %0.35، يوپۇرمىقىنىڭ ماي چىقىش نىسبىتى %0.39، غورىسىنىڭ ماي چىقىش نىسبىتى %2.04 بولىدۇ.
دارچىننىڭ ئەسلى چىقىدىغان جايى جۇڭگو. گۇاڭشى، گۇاڭدوڭ، فۇجيەن، يۈننەن قاتارلىق نەم ئىسسىق رايونلارغا تارقالغان، بولۇپمۇ گۇاڭشىدا ئىنتايىن كۆپ. تەيۋەن، ۋيېتنام، لائۇس، ھىندونېزىيە، سىرىلانكا قاتارلىق جايلارغىمۇ تارقالغان. دارچىن كۆپىنچە ئادەملەر تەرىپىدىن ئۆستۈرۈلىدۇ ھەمدە تىكىپ كۆپەيتىش ئاساس قىلىنىدۇ، بۇنداق قىلغاندا كېيىنكىلىرىدە ئالدىنقىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىپ، كۆپرەك دەرەخ غولىغا ئېرىشىلىپ، دارچىن قوۋزىقىنى سويۇپ ئېلىشقا پايدىلىق بولىدۇ، شۇڭلاشقا جىنىسسىز كۆپىيىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاز ئىشلىتىلىدۇ. كۆپىنچە كۈز پەسلىدە سويۇپ ئېلىنىدۇ. سويۇپ ئېلىنغان قىسمىنىڭ خۇسۇسىيىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەم بويىچە پىشىقلاپ ئىشلىنىدۇ.
ئائىلە ۋە ئىشخانىلاردىكى پۇراقنى يوقىتىشتىكى ناھايىتى ياخشى ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ بولۇپ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە.
دارچىنئاشقازان ۋە تالنى ئىللىتىپ، سوغۇقنى ھەيدەيدۇ، قان تومۇرلارنى ئاچىدۇ. بەدەن زەئىپلىشىش، پۇت-قول سوۋۇپ، قان-تومۇرلار زەئىپلىشىش، ئىسسىقلىقنى يوقىتىشتىن كېلىپ چىققان يۈرەك-قان تومۇرلىرى زەئىپلىشىش، قۇرساق ئاغرىپ ئىچى سۈرۈش، سوغۇقتىن سانجىق تۇرۇپ يەل ئۆرلەش، بەل مۇزلاپ ئاغرىش، ھەيىز كەلمەسلىك، چىقان، ئاقما يارا قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ.
دارچىن قارا شېكەر قىزىل چېيى
دارچىن قوۋزىقى 3 ~ 6 گرام، قارا شېكەر 12 گرام، سۇدا پىشۇرۇلۇپ، ئۇۋاقلىرى ئايرىۋېلىنىدۇ، ئىككىگە بۆلۈپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. تۇغۇتتىن كېيىنكى قۇرساق ئاغرىشنى داۋالايدۇ، ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرى 3 گرام دارچىن قوۋزىقى، 9 گرام دولانا گۆشى، 30 گرام قارا شېكەرنى مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ ئىككىگە بۆلۈپ ئىستېمال قىلغاندا ھەيز كەلگەندىكى قۇرساق ئاغرىشنى داۋالايدۇ.
ماس كېلىدىغان كىشىلەر
ئادەتتە سوغۇقتىن قورقىدىغانلار، پۇت-قولى مۇزلايدىغانلار، ئاشقازىنى سوغۇقتىن ئاغرىيدىغانلار، ئىشتىھاسى ياخشى بولمىغانلار، سۇ ياندۇرىدىغانلار، قۇرساق قىسمى ئاغرىيدىغانلار، قۇرسىقى غۇرۇلداپ ئىچى سۈرىدىغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ؛ ئاياللاردىكى تۇغۇتتىن كېيىنكى قۇرساق ئاغرىيدىغانلار، ھەيز مەزگىلىدە دوۋسۇن ئاغرىيدىغانلار، سوغۇقتىن ھەيز راۋان بولمىغانلار، سوغۇقتىن بەل-پۇتلىرى ئاغرىيدىغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.
پەرھىز تۇتىدىغان كىشىلەر
دارچىن ئىسسىق خۇسۇسىيەتتىكى دورا بولۇپ، ئۇسساش، گال ۋە تىل قۇرغاقلىشىش، كېكىردەك ئىششىپ ئاغرىش، بۇرۇندىن قان چىقىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. قۇرغاقلىشىش يىغىندى كېسەللىكى، قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى، راك، تۇبېركۇليوز، كلىماكتېرىيە دەۋرى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلى، قاناش خاراكتېرىدىكى كېسەللىك، چوڭ تەرەت قۇرغاقلىشىش، گېموروي قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىنىشى چەكلىنىدۇ.
دارچىن1. دارچىن قوۋزىقىنىڭ تەبئىيىتى ئىسسىق بولغانلىقتىن ھاۋا سوغۇق كۈنلىرى ئىستېمال قىلىنىدۇ، ياز كۈنلىرى ئىستېمال قىلىش چەكلىنىدۇ.
2. دارچىن قوۋزىقى قاننى ئىللىتىپ جانلاندۇرغانلىقتىن، ئاسانلا ھامىلىنى زەخىملەندۈرۈپ قويىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.
3. مەنپىي زەئىپلىكتىن ئىسسىقنى ئاشۇرغاچقا، قاندا ئىسسىقلىق ئېشىپ كېتىشتىن قان چىققانلار ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ.
4. ھەيز كۆپ كېلىدىغانلار، داس بوشلۇقى ياللۇغى، گال ئاغرىش قاتارلىق ئىسسىقلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ، قانسىراش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش تارىخى بارلارنىڭ ئىستېمال قىلىشى چەكلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.