شىمپەنزە

شىمپەنزە ئىنسانلاردىن قالسىلا ئەڭ ئەقىللىق ھېسابلىنىدىغان ھايۋانلارنىڭ بىرى. شىمپەنزە توپىغا ئادەتتە بىر يېتىلگەن ئەركەك شىمپەنزە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى شىمپەنزە
ئىنگلىزچە نامى Chimpanzee، Robust Chimpanzee، Common Chimpanzee
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى پرىماتلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى شىمپەنزە ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 黑猩猩
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى ئادەم ئائىلىسى
تۈرى شىمپەنزە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىمپەنزەشىمپەنزە شەكلى بىلەن ئورانگۇتان ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، تۈكلىرى بىر قەدەر يىرىك، بەدەن تۈكلىرى قىسقا بولۇپ، بەدىنى ۋىجىك كۆرىنىدۇ، ئەركەك ھايۋانلار تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 110-140 سانتىمېتىر، ئۆرە تۇرغاندا 1-1.7 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 50-75 كىلوگىرام، چىشى شىمپەنزە ئەركەك شىمپەنزىگە قارىغاندا بىر قەدەركىچىك، لېكىن ئەركەك ھايۋان بىلەن چىشى ھايۋاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئورانگۇتاننىڭ چوڭ پەرقى يوق. 

شىمپەنزەئافرىقىنىڭ ئېكۋاتور ئەتراپىغا تارقالغان، زىرەك، سەكرىگەك، ئىسسىق، نەم ، يەر شەكلى تۆۋەن، ئېگىز ۋە قويۇق ئۆسكەن، يوپۇرماق تاشلايدىغان يامغۇرلۇق ئورمىنى، كۆپىنچە، ئورماننىڭ چەت جايلىرىدا ياشايدۇ.

توپلىشىپ ياشاش 

شىمپەنزەشىمپەنزە توپ ياشايدۇ، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى گەرچە ئورانگۇتاندەك ئۇنداق زىچ بولمىسىمۇ، لېكىن ئورانگۇتان بىر قەدەر كۈچلۈك، چىقىشقاق. توپنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىدە 5 تۇياق، بەزىدە 30-50كىچە توپلىشىپ ياشايدۇ. 

پائالىيىتى 

دەرەخكە يامىشىش ماھارىتى ئورانگۇتانغا قارىغاندا خېلىلا كۈچلۈك بولىدۇ، بىلەكلىرى ئارقىلىق قۇر ئاتلاش ئۇسۇلى بىلەن ئورمان ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، كۆپ يەرگە تۆت پۇتلۇق ھەرىكەت قىلىدۇ، ئەگرى يەرلەرنى تىرەپ تۇرالايدۇ.

يېمەكلىكى  

يېمەكلىك ئاساسلىقى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسى، يوپۇرمىقى، يۇمران بىخى، قىشلاق ئىچىگە ئوغۇرلۇقچە بېرىپ بانان ۋە مېۋە - چېۋىلەرنى يەيدۇ. مېۋە ئەڭ كەمچىل پەسىلدە قۇرت - قوڭغۇز، قۇش ۋە ئاق چۈمۈلىسى، ھەتتا يەنە كوللېكتىپ ئىت باش مايمۇن، بۆكەن، ياۋا توڭگۇز قاتارلىق چوڭراق ھايۋانلارنى قورشاپ ئۆلتۈرۈپ كېيىن، ئوۋنى پارچە يىرتىپ، پۈتكۈل كوللېكتىپ بىلەن بىللە تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. 

شىمپەنزە ئانگولا، بۇرۇندى، كامېرۇن، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، كونگو، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، كوتى دى ئىۋۇئېر، ئېكۋاتور گۋىنىيىسى، گابون ، گانا، گۋىنىيە، گۋىنىيە بىسساۋ، لىبىرىيە، مالى، نىگېرىيە، رۋاندا، سېنېگال، سېررالېئون، جەنۇبىي سۇدان، تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى، ئۇگاندا قاتارلىق رايونلارغا كەڭ تارقالغان.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#