تۇنجى رېئاكتىۋ يولۇچىلار ئايروپىلانى

نامى «كومىتا»
ۋاقتى 1949-يىل
ياسىغۇچى دۆلەت ئەنگلىيە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەنگلىيە 1949-يىل دۇنيا بويىچە تۇنجى رېئاكتېۋ يولۇچىلار ئايروپىلانى— «كومىتا» نى تەتقىق قىلىپ ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى ۋە ئۇ 1952-يىلى رەسمىي ھاۋا قاتنىشىغا سېلىندى، بۇنىڭ بىلەن پورژېنسىمان پىرقىرىغۇچلۇق ترانسپورت ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا قاتنىشى سەھنىسىدە نەچچە 10 يىل ھۆكۈم سۈرگەن تارىخىغا خاتىمە بېرىلىپ، رېئاكتېۋ ترانسپورت ئايروپىلانىنىڭ يېڭى دەۋرى ئېچىلدى. بۇ ئايروپىلاننىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى ئاۋىئاتسىيە تارىخىدا زور ئىش بولدى. 

«كومىتا» ناملىق رېئاكتىۋ ئايروپىلان سۇيۇر شەكىللىك بولۇپ، قانىتى سەل كەينىگە قايرىلغان، قانىتىنىڭ ئۇلىغا تۆت دانە تۇربىنىلىق رېئاكتىۋ ماتور ئورنىتىلغان. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ كۆتۈرۈلۈش ئېغىرلىقى 70 توننىدىن ئاشىدۇ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە قانات يايمىسى 35 مېتىردىن ئاشىدۇ، گەۋدىسىنىڭ ئېگىزلىكى 12 مېتىرغا يېتىدۇ، بۇ ئايروپىلان شۇ چاغدىكى ھەر خىل يولۇچىلار ئايروپىلانلىرى ئىچىدە «گېگانت» ھېسابلانغان. بۇ 80 يولۇچىنى سېلىپ، سائىتىگە 800 كىلومېتىردىن ئارتۇق تېزلىك بىلەن 10 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچالىغان، ئۇچۇش مۇساپىسى بەش مىڭ كىلومېتىردىن ئاشقان.

بىر مەھەل دەۋر سۈرگەن پورژېنسىمان ترانسپورت ئايروپىلانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ تېزلىكى يېرىم ھەسسە، يولۇچى قوبۇل قىلىش مىقدارى بىر ھەسسە ئاشتى، ئۇنىڭدا بېسىمنى ئاشۇرۇپ ھاۋانى تەڭشەيدىغان يولۇچىلار بۆلۈمى بولغاچقا، يولۇچىلار 10 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە تۇرغاندىمۇ خۇددى ئىككى مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە تۇرغاندەك ھېس قىلىپ، بىمالال ئولتۇرۇۋېرىدۇ.

«كومىتا» ناملىق ئايروپىلان ئەينى زاماندا ئەڭ يېڭى تېخنىكا ۋە ئەڭ ياخشى ماتېرىياللار ياسالغان ھاۋا سەركەردىسى ئىدى. ئەمما بۇ خىل ئايروپىلان ئىشقا سېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 1954-يىلى گەۋدە قۇرۇلمىسىنىڭ چارچاپ بۇزۇلغانلىقى سەۋەبى بىلەن ئىككىسى ھاۋادا ئارقىمۇ-ئارقا پارتلىدى. ئۇ رېئاكتىۋ ترانسپورت ئايروپىلانلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا «كومىتا» ناملىق ئايروپىلانلارنىڭ داڭلىق پارتلاش ۋەقەسى بولدى. كىشىەر بۇ ۋەقەدىن تەجرىبە ئېلىپ، ئايروپىلان قۇرۇلمىسىنىڭ چارچاش مەسىلىسى ئۈستىدە تەتقىقاتنى قانات يايدۇردى. بۇنىڭ بىلەن ئاۋىئاتسىيە پېنىدە زور بىر قەدەم ئىلگىرىلەش بولدى. شۇ ۋەقەدىن كېيىن، باشقا چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىدا بۇنداق ۋەقە يۈز بەرمىدى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#