كاللەكبەسەي دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. كاللەكبەسەي ()
  2. كاللەكبەسەي (خام دورا )

كاللەكبەسەي

كاللەكبەسەي

كاللەكبەسەي (Brassica oleracea) كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى كۆك يازلىق يېسىۋىلەك ئۇرۇقدىشى بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئىككى يىللىق سامان غوللۇق (ئۆسۈملۈك) قىراۋسىمان ماددا قاپلاپ تۇرىدۇ.


ئۇيغۇرچە نامى كاللەكبەسەي
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى
تۈرى كاللەكبەسەي
خەنزۇچە ئاتىلىشى 甘蓝
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى كەپە تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى براسسىيە ئوتى ئۇرۇقدىشى
كەنجى سىنىپى دىللېنىيە كەنجى سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كاللەكبەسەيبىر يىللىق سامان غوللۇق پاكار ھەم يوغان، گۆشلۈك، كۆپ شاخلىمايدۇ، رەڭگى يېشىل ياكى كۈلرەڭ يېشىل رەڭدە. تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقى قېلىن، ئىچىدىكى شارسىمان ئىتىنى قاتمۇقات ئوراپ، ياپىلاق شار شەكىللىك، سۈت رەڭ ياكى سۇس يېشىل؛ ئىككى يىللىق سامان غوللۇق تارماق شاخلىرى بار بولۇپ، يوپۇرماقلىرى غولىدىن ئۆسكەن. تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرماق تۆپە تەرپى يۇملاق، تۈۋى تار، يوپۇرماق ساپىقى ئىنتايىن قىسقا، گىرۋىكىدە دولقۇنسىمان، ئەمما ئېنىق ئەمەس؛ ئۈستى قىسمىدىكى غول يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك ياكى سوقىچاق تۇخمسىمان؛ ئەڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى سوقىچاق، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 4.5 سانتىمىتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 1 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئومۇمىي گۈل رېتى ئۇچىدا ۋە قولتۇقتا ئۆسىدۇ؛ ئۇنىڭ گۈلى سۇس سېرىق، دىئامېتىرى 2 - 2.5 سانتىمېتىر؛ گۈل ساپىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7-15 مىللىمېتىر؛ گۈل چىنىسى يوپۇرماقچىسى تىك ئۆسىدۇ، يىپسىمان سوقىچاق بولىدۇ؛ گۈل بەرگى كەڭلىكى ئېللىپىسسىمان تۇخۇم شەكلىدە ياكى يۇمىلاقراق، تۆپە تەرپى سەل كەم بولۇپ، تۈۋى قىسمى تار، ئۇزۇنلۇقى 5-7 مىللىمېتىر. ئۇزۇن مۈڭگۈزسىمان مېۋىسى سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، ئىككى تەرىپى سەل ياپىلاق، ئوتتۇرا تومۇرى كۆرۈنەرلىك، تۇمشۇقى كونۇس شەكىللىك؛ مېۋە ساپىقى توم، تىك ئۆسىدۇ. ئۇرۇقى شارسىمان بولۇپ، قوڭۇر رەڭ. چېچەكلەش مەزگىلى تۆت ئاي، مېۋىلەش مەزگىلى 5-ئايدا.

كاللەكبەسەيكاللەكبەسەي ئىللىق ۋە نەم، يېتەرلىك كۈن نۇرىغا مۇھتاج. سوغۇققا بىر قەدەر چىداملىق، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئىقتىدارى كۈچلۈك. ئۆسۈشىگە ماس كېلىدىغان تېمپېراتۇرا 15-20 سېلسىيە گىرادۇس. گۆشلۈك غولى يوغىناش مەزگىلى ئادەتتە ℃30 دىن يۇقىرى ئىسسىقلىققا مۇھتاج. تۇپرىقى ئانچە قاتتىق بولمىغان، لېكىن چىرىندى ماددىلار مول بولغان يېپىشقاق ئەت تۇپراق ياكى قۇم تۇپراققا تېرىلىدۇ. كاپۇسكا مايسىسى ℃0-10 لۇق باھاردا، ئاندىن كۈن نۇرى ئۇزۇن ياكى مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا ئاستىدا گۈل ئېچىلىپ، مېۋە بېرىدۇ.

ياۋا كاللەكبەسەي

ياۋا كاللەكبەسەيياۋا كاللەكبەسەي (Brassica oleraceaL. var. oleracea) ئىككى يىللىق ياكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئاستى قىسىمىدىكى يوپۇرماقلار غولى چوڭ، چوڭ باشلىق پەيسىمان چوڭقۇر يېرىلغان، رەڭلىك يوپۇرماق سېپى بولىدۇ؛ چوققا يېرىقچىسى چوڭ، تۆپە تەرپى يۇملاق، تۈۋى مايماق يۈرەك شەكىللىك. گۈل ئومۇمىي گۈل رېتى، مېۋە مەزگىلى ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولىدۇ؛ گۈلى سۇس سېرىق رەڭلىك  گۈل چىنىسى يوپۇرماقچىسى سوقىچاق؛ گۈل تاج ياپراقچىلىرى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك. ئۇزۇن مۈڭگۈزسىمان مېۋىسى سىلىندىر شەكلىدە؛ 5-10 مىللمېتىر تۇمشۇقى ئۇزۇن، ئۇرۇقى يوق؛ مېۋە ساپىقى ئۇزۇن، تەخمىنەن ئىككى سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئۇرۇقى شارسىمان بولۇپ، كۈلرەڭ قوڭۇر.

ئەنگلىيە ۋە ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى ياۋا ئۆسۈملۈك، جۇڭگودا ئۆستۈرۈلگىنى يوق. 

گۈل كاپۇستا

گۈل كاپۇستاگۈل كاپۇستا (گۇاڭجۇۋ ئۆسۈملۈك تەزكىرىسى) چېچەكسەي (ئادەتتە) ئىككى يىللىق سامان غوللۇق (ئۆسۈملۈك)، ئېگىزلىكى 60-90 سانتېمىر، قىراۋسىمان ماددا قاپلاپ تۇرىدۇ. غۇلى تىك، توم (بەسلىك)، تارماق شاخلىرى بار. تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقى سوقىچاق ھەم سوقىچاق؛ 2-3 سانتىمېتىر، يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن؛ غولىنىڭ ئوتتۇرا ئۈستۈنكى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى بىرقەدەر كىچىك. ئومۇمىي گۈل رېتى ئۇچىدا ۋە قولتۇقتا ئۆسىدۇ؛ ئۇنىڭ گۈلى سۇس سېرىق، كېيىن ئاق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ئۇرۇقى كەڭ ئېللىپىس شەكىللىك بولۇپ، قوڭۇر رەڭلىك. چېچەكلەش مەزگىلى 4-ئاي، مېۋىلەش مەزگىلى 5-ئايدا.

ھەممە جايلاردا ئۆستۈرۈلىدىغان بولۇپ، باشسىمان جىسىمى كۆكتات ئورنىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ. 

قاتلىق كاللەكبەسەي شورپىلىق كۆكتات

قاتلىق كاللەكبەسەي شورپىلىق كۆكتاتقاتلىق كاللەكبەسەي شورپىلىق كۆكتاتنىڭ غولى توم، تىك تۇرىدۇ. ئېگىزلىكى 0.5-1 مېتىر، بارلىق غولىدا چوڭ يۇمشاق يوپۇرماق بىخلىرى يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، دىئامېتىرى 2-3 سانتىمېتىر.

ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىردە ئاندا-ساندا ئۆستۈرۈلىدۇ. يوپۇرماق بىخى كۆكتات ئورنىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ.  

جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆكتات ۋە يەم -خەشەككە ئىشلىتىلىدۇ. يوپۇرمىقى قويۇق شەربىتى ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

جۇڭگونىڭ مۇھىم كۆكتاتلارنىڭ بىرى. ئەسلىي ماكانى جۇڭگو بولۇپ، كاللەكبەسەينىڭ ئوتتۇرا دېڭىز، بوخەي دېڭىزى بويلىرىدا  ھەرقايسى ئۆزگەرگەن تۈرى بارلىققا كەلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#