شىبە مىللىتى

شىبە مىللىتى

شىبە مىللىتى ئاساسلىقى شەرقىي شىمالدىكى لياۋنىڭ، جىلىن ۋە خېيلۇڭجياڭ ئۈچ ئۆلكىگە تارقالغان، يەنە بىر قىسمى شىنجاڭنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىبە مىللىتى
نوپۇسى 190481 (2010-يىلى)
خەنزۇچە نامى 锡伯族
چەتئەلچە نامى Sibe people

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىبە مىللىتىچىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە، قورال-جابدۇقلىرى تولىمۇ ئاددىي بىر قەۋم پەرمانغا بىنائەن شەرقىي شىمالدىكى شېڭجىڭ(بۈگۈنكى شېنياڭ) دىن يولغا چىقىپ ئۇزۇن يول يۈرۈپ، دالىدا غىزالىنىپ، يەرنى سېلىنچا، ئاسماننى يېپىنچا قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئىلى دەرياسى بويىغا كېلىپ، يېڭى ماكان قۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىنى قوغدايدۇ. بۇ قوۋم شىبە مىللىتى بولۇپ، بۇ قېتىمقى قەھرىمانلارچە سەپەر شىبەلەرنىڭ داستانى «كۆچكۆچ ناخشىسى» دا تەسىرلىك بايان قىلىنغان. 

شىبە مىللىتى ئاساسلىقى شەرقىي شىمالدىكى لياۋنىڭ، جىلىن ۋە خېيلۇڭجياڭ ئۈچ ئۆلكىگە تارقالغان، يەنە بىر قىسمى شىنجاڭنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. 

شىبە مىللىتىھازىر، شەرقىي شىمالدىكى شىبەلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى خەنزۇلارنىڭكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش. شىنجاڭدىكى شىبەلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن ئىجتىمائىي تۇرمۇش جەھەتتە ئۆز ئالاھىدىلىكىنى كۆپرەك ساقلاپ قالغان. پېشقەدەم ئاياللار چىپاۋ ۋە ئايىغى بوغۇق ئىشتان كىيىشكە ئامراق. ئەرلەر ئۇدۇل پەشلىك قىسقا كۆڭلەك كىيىپ، شىمىنى ئارقا تاپان تەرەپتىن بوغىدۇ. قىشتا چوڭ پەشلىك، ئالدى ئېچىلىدىغان ئۇزۇن پەشمەت كىيىدۇ. شىبەلەر گۈرۈچ ۋە بۇغداينى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، ئىت گۆشى يېمەيدۇ. ھەربىر شىبە كەنتىدە قوغدىنىشقا قۇلايلىق قەلئە ياسىلىدۇ. ھەربىر ئائىلىنىڭ پاكار چۆرە تېمى بولىدۇ. ئۆينىڭ ئالدىنى شىمالغا، كەينىنى جەنۇبقا قىلىپ، خام كېسەك بىلەن سالىدۇ. ئۆينىڭ ئالدى-كەينىگە باغ، كۆكتاتلىق ۋە ئېغىللارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇلار ئەجدادلىرىنى ياد ئېتىپ تۇرۇشنى بەكمۇ چوڭ ئىش قاتارىدا كۆرىدۇ، ھەر يىلى ئەجدادلىرىنى يوقلاپ، قەبرىسىنى سۈپۈرىدۇ. دېھقانلار كالېندارى بويىچە، ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى شىبەلەرنىڭ غەربكە كۆچۈپ شىنجاڭغا كەلگەن خاتىرە كۈنى بولۇپ، ھەر يىلى كاتتا تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. شىۋەلەرنىڭ نىكاھ ئىشلىرى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ. ئوخشاش فامىلىدىكىلەر نىكاھلانمايدۇ، ئەمما باشقا مىللەتلەر بىلەن نىكاھلىنىۋېرىدۇ. 

شىبەلەر كۆپ ئىلاھلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاساسلىقى ئۆي-ماكانىنىڭ ئامانلىقىنى ۋە بەخت-تەلىيىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىپ «شىلى ئانا» ۋە چارۋىلىرىنى ئۆز پاناھىغا ئالىدىغان «خېركىن» غا تاۋاپ قىلىدۇ. «شىلى ئانا» دېگىنى كەنتتىكى يېشى ئەڭ چوڭ، نەسەبى ئەڭ يۇقىرى، نەۋرە-چەۋرىلىرى ئەڭ كۆپ پېشقەدەم ياساپ بەرگەن كىچىك نەرسە بولۇپ، ئۆينىڭ غەربىي شىمال تېمىنىڭ بۇرجىكىگە ئېسىپ قويۇلىدۇ. بۇ ھەم پەرزەنتلىرىگە بەخت-ئامەت تىلەيدىغان پۈتۈك، ھەم يېڭىدىن كۆپەيگەن ئائىلە ئەزالىرىنى ۋاقتىدا خاتىرىلەپ، نەسەبلىرىنى ئەسكە ئېلىپ تۇرىدىغان ئائىلە شەجەرىسى ھېسابلىنىدۇ. «خېركىن» تۇرالغۇنىڭ جەنۇبىي تېمىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ، ھەر يىلى ھېيت-ئايەملەردە كۈجە يېقىلىپ، نەزىر تائاملىرى قويۇلىدۇ. 

شىبە مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار، شەرقىي شىمالدىكى شىبەلەر خەنزۇ يېزىقى ۋە موڭغۇل يېزىقىنى قوللىنىدۇ، شىنجاڭدىكى شىبەلەر شىبە تىلىنى قوللىنىدۇ. شىبەلەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مول ۋە رەڭدار بولۇپ، ئېپىك داستان «قەشقەر ناخشىسى» ، «ئۈچ بەگلىك ناخشىسى» جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدا مۇئەييەن ئورۇن تۇتىدۇ.

شىبە مىللىتى شىبە قىز-ئاياللىرى كەشتىچىلىك ۋە قىيما ھۈنەر-سەنئەت ئىشلىرىغا ماھىر بولۇپ، دېرىزىلىرىنى قەغەز قىيمىلار بىلەن تولىمۇ چىرايلىق بېزەيدۇ. شىبەلەر ئات مىنىپ ئوقيا ئېتىشقا بەكمۇ ماھىر بولغاچقا، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە «سەككىز قوشۇن» غا قوشۇۋېلىنغان، ئۇلار ئۇزاق مەزگىل مۇداپىئەدە تۇرۇش ۋە يىغىۋېلىپ ئىشلىتىشنى يولغا قويغان بولۇپ، مۇداپىئەدە تۇرۇشقا يۆتكەلگەچكە ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمال رايونىدا چېگرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#