تىزناپ يېزىسى
تىزناپ يېزىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى نىڭ غەربىي شىمال تەرىپى، تىزناپ دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى دەريا جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5.3 كلومېتر كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تىزناپ يېزىسى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى نىڭ غەربىي شىمال تەرىپى، تىزناپ دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى دەريا جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5.3 كلومېتر كېلىدۇ. قارمىقىدا ئۈچ مەمۇرىي كەنت، پۈتۈن يېزىدىكى يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي ئائىلە سانى 398 ئائىلە، 2366 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە تاجىك 2354 ئادەم، %99 نى ئىگىلەيدۇ؛ باشقا مىللەتلەر %1 نى ئىگىلەيدۇ.. تىزناپ يېزىسى يەنە مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھەت ماكانى، يېزا ساياھەت نۇقتىلىق ئائىلە، ناخشا-ئۇسۇل كەسپىي سەنئەت ئۆمىكى قاتارلىقلار بۇ يېزىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت ناخشا-ئۇسسۇلنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان ياخشى ئۇل تېشى بولۇپ، بۇ يېزا بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى.
تىزناپ يېزىسىتىزناپ يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا 5.6 كىلومېتىر، غەربىي تاغقا، شەرق تەرپى تاشقورغان دەرياسىغا تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى تاغارما يېزىسى، شەرقتە بەلدىر يېزىسى بىلەن قوشنا. يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3045 مېتىر، كىلىماتى قاتتىق سوغۇق بولىدىغان تاغلىق بەلۋاغنىڭ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىمغا تەۋە، تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلمىغان، قىش پەسلى ئۇزۇن. ياز، باھار، كۈز كەلگەندە يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃3، قىروسىز مەزگىلى ئاران 70 كۈن. ئاساسلىق ئاپەتلەردىن ئۈششۈك، قۇرغاقچىلىق، بوران-چاپقۇن، قار ئاپىتى بار.
تىزناپ تاجىك تىلىدا بالدۇر ھوسۇل ئېلىش دىگەن مەنىدە بۇلۇپ، بۇ يەردە ئەزەلدىن زىرائەتلەر بالدۇر پىشىپ يېتىلمىگەن بولغاچقا، بالدۇر ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان.
ئازادلىقتىن بۇرۇن، ئەسلىدىكى تاشقورغان ناھىيەسى نىڭ تاغارما يېزىسى نىڭ بىر قىسىمى بولغان.
ئازادلىقتىن كېيىن 1950-يىلى تاشقورغان ناھىيەسى تاغارما يېزىسى دىن ئايرىلىپ تىزناپ يېزىلىق ھۆكۈمىتى تەسىس قىلىنغان.
1952-يىلى 1-ئايدا تاشقورغان ناھىيەسى ئاساسىي قاتلامدا ۋىلايەت ھاكىمىيىتى قۇرۇشنى باشلاپ، ناھىيە بويىچە تۆت رايون، تىزناپ يېزىغا بىر رايون قاراشلىق بولغان.
1995-يىلى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ئىككى رايون دەپ ئايرىلىدۇ، ئون بىر يېزا، تىزناپ يېزىغا قاراشلىق بىر رايون 2 يېزا بولغان.
1959-يىلى تىزناپ گۇڭشېسى قۇرۇلغان.
1966-يىلى نامى جەڭ گۇڭشېسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
1975-يىلى تىزناپ گۇڭشېسى ئەسلىگە كەلگەن.
1985-يىلى تىزناپ يېزىسى قۇرۇلغان بۇلۇپ، ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئدتىلىپ كېلۋاتىدۇ.
تىزناپ كەنتى: يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇبىدىكى بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. نوپۇسى 1125 ئادەم بولۇپ، پارتىيە ئەزاسى 51 نەپەر، 3707 مو تېرىلغۇ يەر، ئوتلاق 1432 مو.
چۇشمان كەنتى: تىزناپ يېزىسىنىڭ ئۈچ كىلومېتىرلىق جايىغا جايلاشقان. كۆلىمى 1502 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن تۆگە يۇڭى، سۈت مەھسۇلاتلىرى. چۇشمان، تاجىك تىلىدا ئاچچىق ئالما دىگەن مەنىدە (رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۆتكەن ئۇزۇن ئالما كەنت بار بۇلۇپ، مېۋىسى ھەم كىچىك ھەم ئاچچىق). كەنتتە 471 ئادەم با ر بۇلۇپ، پارتىيە ئەزاسى 26 ئادەم، 1295 مو تېرىلغۇ يەر، ئوتلاق كۆلىمى 2600 مو.
چارۋىچىلىق كەنتى: تىزناپ يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىكى 1.2 كىلومېتىر كىلىدىغان جايغا جايلاشقان. 770 ئادەم بار، پارتىيە ئەزاسى 31 ئادەم، 1028 مو تېرىلغۇ يەر بولۇپ، ئوتلاق 968 مو، ئاشلىق زىرائەتلىرى بۇغداي، ئاق ئارپا، كۆك پۇرچاق قاتارلىقلار ئاساس قىلىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.