دەيزۇ مىللىتى

دەيزۇ مىللىتى

دەيزۇلار ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، دېخۇڭ دەيزۇ جىڭپۇزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ھەمدە گېڭما، مېڭليەن ئاپتونوم ناھىيىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى دەيزۇ مىللىتى
نوپۇسى 6800 تۈمەن ئەتراپىدا
خەنزۇچە نامى 傣族
چەتئەلچە نامى Dai nation

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دەيزۇ مىللىتىدەيزۇلارنىڭ يېڭى يىلى سۇ چېچىش بايرىمى ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى چوكانتالنىڭ 10-كۈنى سەھەردە كىشىلەر يۇيۇنۇپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئوچۇق رەڭلىك كىيىملىرىنى كىيىشىپ، ئىبادەتخانىغا بېرىپ ۋەز-نەسىھەت ئاڭلايدۇ، قۇمدىن مۇنار دۆۋىلەپ، ئاندىن قۇت-ئاسايىشلىققا مەنە قىلىنغان سۈزۈك سۇنى بىر-بىرىگە چېچىشىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر كىشىنىڭ ئۇچىسىغا چېچىلغان سۇ قانچە كۆپ بولسا، شۇ كىشى يېڭى يىلدا شۇنچە بەختلىك بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىلەڭگۈچ، ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق مۇسابىقىسى، قۇم خالتا تاشلاش، ئۇچقۇن ئويناش، كۇڭمىڭ پانۇسى يېقىش قاتارلىق ئويۇنلارمۇ ئىنتايىن قىزىپ كېتىدۇ، كىشىلەر كېچىنىمۇ ناخشا-ئۇسسۇل ۋە كۈلكە-چاقچاق بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.

دەيزۇلار ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، دېخۇڭ دەيزۇ جىڭپۇزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ھەمدە گېڭما، مېڭليەن ئاپتونوم ناھىيىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. دەيزۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تاغلارنى ئوراپ تۇرغان تۈزلەڭ توسما رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولغاچقا، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە دەل-دەرەخ ۋە زىرائەتلەر كۆكىرىپ تۇرىدۇ. 

شال، شېكەر قومۇش، كامفارا ۋە قەھۋە قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر كۆپ چىقىدۇ، تېكتونا دەرىخى، تۆمۈر دەرىخى ۋە كەركىدان دەرىخى قاتارلىق قىممەتلىك ياغاچ ماتېرىياللىرى كۆپ چىقىدۇ. بۇ يەردە ياۋا پىل، كەركىدان، سېرىق ياللىق مايمۇن ۋە توز قاتارلىق ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلار ۋە قۇشلار كۆپ بولۇپ، «توز ماكانى» دېگەن نامى بار. 

دەيزۇ مىللىتىدەيزۇ ئەرلىرى ئۇچىسىغا قىسقا مايكا، ئۇزۇن ئىشتان كىيىدۇ، سوغۇق كۈنلىرى ئۇچىسىغا يۇڭ ئەدىيال ئارتىۋالىدۇ. كۆپىنچە ئاق ياكى كۆك رەختنى بېشىغا ئورىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ تېنىگە گۈل چېكىۋالىدىغان ئادىتى بار. ئاياللار قىسقا ۋە تار يەڭلىك كوپتا ۋە كاناي يوپكا كىيىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان ئۆيلىرى رېشاتكا شەكىللىك قۇرۇلۇش بولۇپ، شىشۇاڭبەننا دېخۇڭ رۇيلى قاتارلىق جايلاردىكى بامبۇك راۋاقلار ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقى گۈرۈچ بولۇپ، ھاراققا ئامراق. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ يەنە سىپارى چايناش ئادىتى بار. 

 دەيزۇ قىز-يىگىتلىرى تويدىن بۇرۇن ئەركىن مۇھەببەتلىشىدۇ، نىكاھلىق بولمىغانلار دائىم بايراملاردا ياكى يىغىلىشلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە جورا ئىزدەيدۇ، بۇ، «چۇەنبو شاۋ» دەپ ئاتىلىدۇ. كۈيئوغۇل قىلىپ ئۆيىگە ئەكېلىۋالىدىغان ئادەتمۇ كەڭ ئومۇملاشقان. 

دەيزۇلار بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، يېزىلاردا بۇتخانىلار ناھايىتى كۆپ، بۇددا دىنىنىڭ دەيزۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك. شىشۇاڭبەننادا، قۇرامىغا يەتمىگەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىر مەزگىل راھىبلىق تۇرمۇشنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، خەت تونۇپ، نوم ئوقۇپ ئاندىن ئۆيىگە قايتىدۇ، بەزىلىرى ئۆمۈرۋايەت راھىب بولۇپ كېتىدۇ.

دەيزۇلارنىڭ ئۈچ خىل دىئالېكتى بار، پىنيىن ھەرپى بار بولسىمۇ، بىرلىككە كەلمىگەن. دەيزۇلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر، «زەنخا» (خەلق ناخشىچىسى) نىڭ ناخشىلىرى ۋە دەيزۇلارنىڭ توز ئۇسسۇلى روشەن ۋە ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#