كۈنەس بازىرى

كۈنەس بازىرى

كۈنەس بازىرى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى كۈنەس ناھىيەسى بازىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى كۈنەس بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 270 كۋادرات كىلومېتىر
ماشىنا كودى يېڭى F
خەنزۇچە ئاتىلىشى 新源镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى
نوپۇسى 54 مىڭ ئادەم
تېلېفون رايۇن نومۇرى 0999

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۈنەس بازىرى شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى كۈنەس ناھىيەسى بازىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. كۈنەس ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي. بازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 270 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، ئومۇمىي نوپۇسى 54 مىڭ ئادەم، قارىمىقىدا ئالتە مەمۇرىي كەنت، سەككىز ئاھالىلەر كومىتېتى بار. كۈنەس بازىرىدىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 24 مىڭ مو، ئوتلاق كۆلىمى 29.15 مىڭ مو.

كۈنەس بازىرى ناھىيە بازىرىغا يېقىن بولۇشتەك ئورۇن ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، زور كۈچ بىلەن، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا-بازار كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان.

2003-يىلى پۈتۈن بازار يېزا ئىگىلىكىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 61 مىليون يۈەن، سانائەت مەھسۇلات قىممىتى 42 مىليون 800 مىڭ يۈەن، يېزا-بازار كارخانىلىرى مەھسۇلات ئومۇمىي قىممىتى 20مىليون 300 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

كۈنەس بازىرىكۈنەس بازىرىدىكى ھازىر قۇرۇلغان، كۆكتات، گۈل-گىياھ بازىسى، يۇقىرى ئۆلچەملىك كۈن نۇرى پارنىكى 98 كە يەتكەن، ناھىيە بويىچە ئۈچتىن بىر قىسىم كۆكتات كۈنەس بازىرى كۆكتات بازىسىدىن تەمىنلەنگەن، كۆكتات يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. گۈل-گىياھ بازىسىدا 100 تەشتەككە يېقىن گۈل تۈرى بار، ھەر يىلى 30 نەچچە ھەر خىل سامان غوللۇق گۈل-گىياھ يېتىشتۈرگىلى، 30 مىڭ تۈپ كۆچەت تىككىلى بولىدۇ، شەھەر كۆكەرتىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ، يىللىق سېتىلىش مىقدارى 50 مىڭ تەشتەكتىن يۇقىرى، مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

كۈنەس بازىرى بازار ئەتراپى رايونى چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، 316-ئۆلكە تاشيولى بويىغا مىليون تۇياق نەسىللىك كالا بازىسى ۋە سۈتچىلىك كەسىپ بەلبېغى شەكىللەندۈرگەن. كۈنەس بازىرى سودا، ئىسكىلات زاپىسى، تاماق ۋە ئىچىملىك، ترانسپورت، ئۆزگىچە باقمىچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە 100 مىليون يۈەن بۆسۈش ھاسىل قىلغان، يۆتكەلمە يېزا ئەمگەك كۈچى 1000 ئادەمگە يەتكەن.

كۈنەس بازىرى، كەلگۈسى بىر مەزگىل ئىچىدە «ئۈچ چوڭ كەسىپ» (ئۆي-زېمىن كەسپى، يېـزا ئىگىلىكى ۋە قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى، سۈت كەسپى) نى چۆرىدەپ، رايون بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ ياخشىلاپ، خېرىدار، مەبلەغ جەلىپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈنەس بازىرىنى، كۈنەس ناھىيەسىدىكى ھەتتا ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى چولپان بازار قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغان.

كۈنەس بازىرىكۈنەس بازىرى پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ئەزالىرى ئادەتتىكى باشقۇرۇش ئاساسىدا، پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى پائال ئىزدىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىغا نىشان شەكلىدىكى باشقۇرۇش، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش شەكلىدىكى باشقۇرۇش،  ياردەم بېرىش شەكلىدىكى باشقۇرۇش قاتارلىق تۆت خىل باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بازار بويىچە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيىلەش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيەتكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#