- ۋاشىنگتون (ۋاشىنگتون شەھىرى)
- ۋاشىنگتون (شەخىس )
ۋاشىنگتون
ئا ق ش نىڭ پايتەختى، مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر ئاتلانتىك ئوكيانغا يېقىن بولۇپ، پوتوماك دەرياسى ئارقىلىق كىچىك تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى شەھەر رايونىغا كىرەلەيدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئا ق ش نىڭ پايتەختى، مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەر ئاتلانتىك ئوكيانغا يېقىن بولۇپ، پوتوماك دەرياسى ئارقىلىق كىچىك تىپتىكى ئوكيان پاراخوتلىرى شەھەر رايونىغا كىرەلەيدۇ.، ۋاشىنگتون شەھىرى 1790-يىلى ئا ق ش نىڭ بىرىنچى زۇڭتۇڭى ۋاشىنگتوننىڭ تەكلىپى بويىچە پايتەختى قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئا ق ش نىڭ پايتەختى 1800-يىلى بۇرۇنقى پايتەختى فىلادېلفىيە شەھىرىدىن ھازىرقى شەھەرگە يۆتكەپ كېلىنگەن.نوپۇسى 2012 - يىلىدىكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا 646 مىڭ بولۇپ ، بۇنىڭ 58% ى قارا تەنلىكلەردۇر .
ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئېغىر سانائەت ئورۇنلىرى يوق. پەقەت يېنىك تىپتىكى نەشرىيات، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار، بۇ جايدا ھەيۋەتلىك پارلامېنت بىناسى، ئاق ساراي، بەش بۇرجەكلىك بىنا، نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، پەنلەر ئاكادېمىيىسى، دۆلەتلىك كۇتۇپخانا، مۇزېي، گۈزەل سەنئەت ئورۇنلىرى، ۋاشىنگتون نامىدىكى خاتىرە مۇنارىسى، لىنكولىن(1860-يىلى 11-ئايدا ئا ق ش غا زۇڭتۇڭ بولغان كىشى) ، جېففېرسون خاتىرە مۇنارلىرى، نامسىز قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىسى، 1789-يىلى قۇرۇلغان گېئورتون ئۇنىۋېرسىتېتى، 1812-يىلى قۇرۇلغان گېئورگى، ۋاشىنگتون نامىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتى، پەن-تېخنىكا تارىخى مۇزېي، ۋاشىنگتون نامىدىكى چوڭ چېركاۋ، ئالەم مۇزېيخانىسى قاتارلىق مەشھۇر ئورۇنلار بار.
شەھەرنىڭ ساياھەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ۋاشىنگتوننىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا، سۇ قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. ئۇ نۇرغۇن تارماق تۆمۈريوللار ئارقىلىق شەرقىي شىمالدا فىلادېلفىيە، نيۇ-يورك قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن، غەربتە بىتىتسبورگ، جەنۇبتا رىچموند شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ھاۋا يوللىرى ئارقىلىق دۆلەتتىكى چوڭ شەھەرلەر، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلالايدۇ. شەھەرنىڭ يەر ئۈستى، يەر ئاستى قاتنىشى تەرەققىي قىلغان.
ساياھەت نۇقتىلىرى 2011-يلىدىكى سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا %72 ۋاشىنگتون ئاھالىسى كاتولىك دىنىغا %4 بۇددا دىنىغا %2 ئىسلام دىنىغا %1يەھۇدى دىنىغا ئېتىقاد قلىدىكەن، %13بولسا دىنغا ئىشەنمەيدىكەن .
ۋاشىگتوندا پۈتۈن دۇنيادىكى ئىلىم سۈيەر كىشىلىرىمىز كىرىشنى ئويلاۋاتقان داڭلىق ئۇنۋېرستىتلار جايلاشقان.مەسىلەن:
كولۇمبىيە ئۇنۋېرستىتى(University of the District of Columbia)
دۆلەت مۇداپىئەسى ئۇنىۋېرسىتېتى
ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (American University)
ئامېرىكا كاتولىك دىنى ئۇنىۋېرسىتېتى (Catholic University of American)
كوركوران سەنئەت مەكتىپى(Corcoran School of Art)
جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى(George Washington University)
خوۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى(Howard University)
ۋىنېن تاغ ئىنستىتۇتى(Mount Vernon College)
ئۈچ مۇقەددەس ئىنستىتۇتى(Trinity College)
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.