سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى سۇ كۈچى، شامال كۈچى، ئېغىرلىق كۈچى قاتارلىق سىرتقى كۈچلەرنىڭ تەسىرىدە، سۇ-تۇپراق بايلىقى ۋە تۇپراق قۇۋۋىتىنىڭ يوقىلىشى ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ تۇپراقنىڭ سىرتقى قىسمىنىڭ چىرىشى ۋە سۇنىڭ يوقىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئەھۋال ئېلىمىزدە «سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى» يەنى «سۇ-تۇپراقنىڭ چىرىشى» دەپ ئاتىلىدۇ. تۇپراق سىرتقى يۈزىنىڭ چىرىشى دېگىنىمىز سۇ كۈچى، شامال كۈچى يەرنىڭ ئېرىشى، ئېغىرلىق كۈچى يەنە سىرتقى كۈچلەرنىڭ تەسىرىدە تۇپراق، تۇپراقنىڭ ئانا تەركىبى. باشقا يەر يۈزىدىن تۈزۈلگەن ماددىلارنىڭ پۈتۈن جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. سىرتقى كۈچ بولسا كىشىلەرنىڭ پائالىيىتى. مەسىلەن: ئېچىۋىتىش قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغان ئادەم يەر قاتلىمىنىڭ سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىكى شەكىللىنىش جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.«سۇ ئىشلىرى سۇ ئېلېكتىر تېخنىكىسىنىڭ ئۆلچىمى» دە، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى توغرىسىدىكى چۈشەنچە تۇپراق ۋە باشقا يەر يۈزىدىن تۈزۈلگەن سۇ كۈچى، شامال كۈچى، يەرنىڭ ئېرىشى، ئېغىرلىق كۈچى قاتارلىق تەسىرلەردە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، چۆكمە ھاسىل قىلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.
ئېلىمىزدە تاغلىق، ئىدىرلىق، ئېڭىز كۆلىمى ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %65 ىنى ئىگىلەيدۇ. تاغلىق رايونلار ئېگىز ھەم زىچلىق دەرىجىسى چوڭ، بۇ دەل سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ تەبىئىي ئامىلى. جەنۇبتا تۇپراق كەمچىل، شىمالدا بولسا سۇ كەمچىل، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. سۇنىڭ توپلىشىشى كۆپ يامغۇر يېغىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە سىيرىلما لايلىق توپا-تۇپراقنىڭ بوشىشىپ كېتىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تېرىلغۇ يەر ۋە قۇملۇق-سايلىقلار كۆلىمىنىڭ چوڭ بولۇشى شامال كۈچىنىڭ چىرىتىشىدىكى ئاساسلىق مەنبە.
ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تۇپراق مەنبەسىدىن پايدىلىنىش مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن، دەل-دەرەخلەر قالايمىقان كېسىلىپ، يەر ئېچىلىپ، كۆپلىگەن يىشىللىقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى بوران-چاپقۇنغا تاقابىل تۇرۇش، سۇ-تۇپراقنى تېجەش، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا توسقۇنلۇق قىلماقتا.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.