ئانا سۈتى

ئانا سۈتى

ئانا سۈتى دۇنيادىكى بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە ئەڭ پايدىلىق تەبىئىي يېمەكلىك، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇ بۇلغانمىغان ساپ ئوزۇقلۇق بولۇپ، ھېچقانداق يېمەكلىك بۇ جەھەتتە ئۇنىڭغا يېتەلمەيدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئانا سۈتى
تەركىبى بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق ۋە ئانتىتېلا
خەنزۇچە نامى 母乳
ئالاھىدىلىكى ئەڭ تەبىئىي، ئەڭ بىخەتەر، ئەڭ مۇكەممەل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئانا سۈتى ئانىنىڭ كۆزى يورۇپ بەش كۈن ئىچىدە چىققان سۈت ئوغۇز سۈت دېيىلىدۇ. بەش كۈندىن ئون كۈنگىچە چىققان سۈت ئۆتكۈنچى سۈت دېيىلىدۇ، ئون كۈندىن كېيىن چىققان سۈت پىشقان سۈت دېيىلىدۇ. ئون ئايدىن كېيىن ئاجرىتىلىپ چىقىرىلغان سۈت ئاخىرقى سۈت دېيىلىدۇ، ئوغۇز سۈت قويۇق سارغۇچ بولۇپ، ماي تەركىبى ئاز. ئاقسىل مىقدارى كۆپ بولۇپ، ئىممۇنىتېتلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئاقسىل ماددىسىنىڭ مېتابولىزم مەھسۇلاتى بىلەن قانغا كىرىشنى توسۇيدۇ. زىيادە سېزىم ئىنكاسىنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ فوسفور، ناترىي، ۋىتامىن A، ۋىتامىن E تەركىبى يۇقىرى. بىراق، ئۆتكۈنچى سۈت ۋە پىشقان سۈتنىڭ ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئاقسىل ماددىسى ۋە ئانئورگانىك تۇزلارنىڭ مىقدارى بارغانسېرى ئازلايدۇ. ئاخىرى سۈتتىكى تەركىبلەر بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، ئاجرىتىلىپ چىقىرىلىشىمۇ بارغانسېرى ئازلايدۇ.

ئانا سۈتىھازىرقى زامان ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تەييار سۈت بىلەن بېقىلغان بالىلارنىڭكىگە قارىغاندا يەتتە ئۈلۈشتىن 10 ئۈلۈشكىچە يۇقىرى تۇرىدىكەن. مانا بۇ بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق ماددىلار بار، DHA دەپ ئاتىلىدىغان بىر ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇ ۋە باشقا بىر قىسىم ياغلار يىلىك فوسفاتىدقا (چوڭ مېڭىگە ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان ماددا) ئېھتىياجلىق بولغان ماددىلارنى تەمىنلەپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مول بولغان خولېستېرىن چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ۋە ھورمۇنلاردىكى ۋىتامىن D قاتارلىقلارنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسىي تەركىبىي قىسىم، ئانا سۈتىدىكى سۈت شېكىرى ئاجرىتىلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان يېرىم سۈت شېكىرى مېڭە گۇرۇپپىلىرىنىڭ يېتىلىشىدىكى مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بىرى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئانا سۈتى بىلەن باققاندا ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يېقىنلىشىدۇ. ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئانىنىڭ بالىغا بولغان چەكسىز كۆيۈنۈشى بىۋاسىتە ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىگە شۇنداقلا بىۋاسىتە بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئانا سۈتىئالاھىدىلىكى شۇكى: ئانا سۈتى بىۋاسىتە سۈت بەزلىرى ھۈجەيرىسى ئىچىدە پەيدا بولىدۇ، دېزىنفېكسىيە قىلىش ھاجەتسىز بولغان ئەڭ بىخەتەر يېمەكلىك. ئانا سۈتىنى قىزىتىپ پىشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، بۇلغىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن. تەركىبىدە يەنە خىلمۇخىل يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان بەدەن سۇيۇقلۇق ئىممۇنىتېت تەركىبى ھەم كۆپ مىقداردا ئىممۇنىتېت ئاقسىلى بولۇپ، باكتېرىيىنى ھەيدەش، كونترول قىلىش، ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. شۇڭا، ئانا سۈتى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىممۇنىتېتلاش ئىچىملىكى بولۇپ، بوۋاقنى تەبىئىي ئىممۇنىتېتلايدۇ.

ئانا سۈتى ئانا سۈتى تەركىبىدە ماي، ئاقسىل، شېكەر، كېسەلگە قارشى تۇرغۇچى ئىممۇنىتېت ماددىلار ۋە ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار بار بۇلۇپ. ئەلۋەتتە، مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغىنى يەنىلا سۇ. ماينىڭ تەركىبىدە يەنە ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك بوۋاق تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ. ئاقسىل بولسا بەدەن ۋە چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، شېكەر ئاساسلىقى سۈت شېكىرىنى بالىنىڭ ئۈچىيىنى ياخشىلاپ، ساغلام قىلىدىغان ئولىگو ساخارىدنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق بالىنىڭ تولۇق يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار ئەڭ يۇقىرى بىئولوگىيىلىك ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە، قانچىلىك يېسە شۇنچىلىك قوبۇل قىلىدۇ.

ئانا سۈتىنىڭ يېڭى رولى

ئانا سۈتىيېقىنقى يىللاردىكى پەن تەتقىقاتىدا ئانا سۈتىنىڭ يېڭى رولى بايقالدى، ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە تەبىئىي مورفىن ماددىسى بولۇپ، بالىنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرىدۇ، بۇ بالىنىڭ ئېمىپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئۇخلاپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى. ئانا سۈتىدىكى ئالاھىدە تەركىبلەر بالىنىڭ كېيىن قەنت سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنىڭدىكى مىكرو ئېلېمېنت سىنك مىقدارى مۇۋاپىق بولۇپ، بالىنىڭ يۈرەك قان تومۇرلىرى سىستېمىسىنى ئاسراشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. مۇسكۇل ئالكوگوللىرى بالدۇر تۇغۇلغانلارنىڭ نەپەس سىستېمىسى ۋە كۆز ئەتراپى كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئازلىتىدۇ. ئانا سۈتى يەنە بالىنىڭ ھەزىم قىلىشىنى ياخشىلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە مۇھىت توسالغۇسىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.

ئانا سۈتىئانا سۈتى بولسا بالىنىڭ ئەڭ ياخشى، ئەڭ تەبىئىي يېمەكلىكى بولۇپ، بالا تۇغۇلۇپ ئالتە ئاي ئىچىدە پۈتۈن ئوزۇقلۇقنى ئاساسەن تولۇقلايدۇ. ھازىرقى زامان ئانا سۈتى بىلەن بېقىش نەزەرىيىسى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى بالدۇر باشلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بالدۇر يېقىنلىشىش، بالدۇر ئېمىتىش كېرەك. بوۋاق تۇغۇلۇپ كىندىكى كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن 30 مىنۇت ئىچىدە يالىڭاچ ھالەتتە ئانا كۆكسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئېمىتىش كېرەك. ئېمىتىش رېفلېكىسى ئىنساننىڭ تەبىئىي ئىقتىدارى، بۇ خىل ئىقتىدار تۇغۇلۇپ 10 ~ 30 مىنۇت بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئەڭ كۈچىيىدۇ. بالدۇر يېقىنلىشىپ، بالدۇر ئېمىتكەندە، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتا نەتىجە قازىنىشقا ياردىمى بولىدۇ. ئېمىش بولسا ئانىنىڭ مېڭە ئاستى بېزىنىڭ ماددا ئاجرىتىش ۋە سۈت ئاجرىتىش ئىنكاسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئالدىدىكىسى بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇغۇتتىن كېيىنكى قان كېلىشنى ئازلىتىدۇ. كېيىنكىسى سۈت بېزىنى يۇمشىتىپ، ئەمچەكنى تولدۇرۇپ، ئېمىش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ.

ئانا سۈتىئانىلارنىڭ ھەممىسى بالا قورساقتىن چۈشكەندىن كېيىن نېمە ئۈچۈن سۈت كېلىدىغانلىقىغا قىزىقىدۇ، بۇ خىل مۆجىزە تەڭرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئانا سۈتىنىڭ پەيدا بولۇشىنى چۈشىنىش ئانىلارغا بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە ياردىمى بولىدۇ. ئانا سۈتى سۈت بېزى ھۈجەيرىلىرى ئاجراتقان ئاجرالمىلاردىن ئىبارەت. ھامىلىدار مەزگىلىدە ئەمچەك تۇغۇتتىن كېيىنكى سۈت ئاجرىتىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا تېنىدىكى خىلمۇخىل ھورمۇنلارنىڭ سەۋىيىسىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، سۈت بېزى ھۈجەيرىلىرى سۈتنىڭ غىدىقلىنىشىنى يۇقىرى دەرىجىدە تېزلىتىپ تارىيىدۇ، شۇنداقلا سۈت قاتلاممۇ قاتلام كىرىپ، ئەمچەك توپچىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىدۇ. بوۋاق ئەمگەندە يەنە مۇھىم بىر خىل رېفلېكس ھاسىل قىلىپ ئانا تېنىدە تېخىمۇ كۆپ سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمۇنلارنى شەكىللەندۈرۈپ، سۈت ئاجرىلىپ چىقىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ ئانىنىڭ سۈتى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.

ئانا سۈتىبەزى كىشىلەر ئانا سۈتى تەركىبىدە شۇنچە كۆپ ئوزۇقلۇق بولغاندىكىن نېمە ئۈچۈن تاكى بالا ئەمگىلى ئۇنىمىغىچە ئېمىتىشنى تەشەببۇس قىلمايمىز دېيىشىدۇ. چۈنكى نۇرغۇنلىغان ئانىلارنىڭ خىزمىتى بالىنى ئۇزاق مۇددەت ئېمتىشكە يار بەرمەيدۇ، ئاخىرقى دەۋردىكى ئانا سۈتى بىر ياشتىن كېيىنكى بالىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. بوۋاقنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ. بەدىنىنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى خىلمۇخىل بولىدۇ، پەقەت سۈتكە تايىنىپلا يېتىلىشتىكى تەلەپلەرنى قاندۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ بىزنىڭ دائىم دەيدىغان ۋاقتىدا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇش دېگىنىمىزدىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئەمچەكتىن ئايرىشنىڭ سەۋەبى.

بىز بايا ئەمچەك توپچىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسىغا قارىغاندا ئېمىزگۈ تېخىمۇ بەك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدۇق. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئەھۋال پەيدا بولۇشنىڭ ئاساسى بالىنى دەسلەپتىلا ئېمىزگۈگە ئۆگىتىپ قويغانلىقتىن ئىبارەت. بۇ خىل مەسىلە بالدۇر تۇغۇلغان بالىلاردىمۇ مەۋجۇت، ئەمچەك توپچىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ھالقا بولسا ئېمىزگۈنى ئاسانلىقچە ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بۇ ئانىسىنى ئۆزى ئېمىدىغان بالىلارغا نىسبەتەن، بولۇپمۇ ئەمچەكنى شوراش كۈچى يوق ئاجىز بالىلارغا نىسبەتەن ئەمەس. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەتقىقاتچىلار بالىلارنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئېمىزگۈ بوتۇلكىسىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىدىغان نەرسىنى تېپىپ چىقتى، بۇرۇن بار بولغان، بالدۇر تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئانا سۈتى بىلەن بېقىش تېخنىكىسى ئىچىدە، كۆزىگە دورا تېمىتىش نەيچىسى، شپىرس ھەتتا ئىستاكاندىن پايدىلىنىپ، ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا مۇۋاپىقلاشتۇرۇش كېرەك. بالدۇر تۇغۇلغانلار ئادەتتە ئېمىزگۈ بوتۇلكىسىنى ئەمگەندە تېخىمۇ يۇقىرى ۋە تېخىمۇ مۇقىم بولغان نەپەسلىنىش ئۇسۇلىنى ساقلاپ، بالدۇرراق ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقا ئالماشتۇرغاندا، بالىمۇ بارغانسېرى ئانا كۆكسىگە ئۆگىنىدۇ.

ئانا سۈتىخىزمىتى بار ئانىلارنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى بەلكىم ئۈچ-تۆت ئاي بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئانا سۈتى بولسا بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى تەبىئىي يېمەكلىكى، ئىمكانقەدەر ئالتە ئايغىچە، مۇمكىن بولسا بىر ياشنىڭ ئالدى-كەينىگىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەمەلىيەتتە، بالا ئېمىۋاتقان ئانىلارنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت مۇۋاپىق ئامال بولسىلا بوۋاقنى بىر ياشقىچە ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزۇنغىچە ئانا سۈتى بىلەن باقالايدۇ. بۇ ئۇسۇل بولسا دەل ئانا سۈتىنى سېغىپ توغرا ئۇسۇل بىلەن ساقلاش. ئەگەر ئانىنىڭ ئىش ئورنى ئۆيگە يېقىنراق بولسا، ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغاندا، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ۋە كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە بىر قېتىمدىن ئېمىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە كەچتە دەم ئالغاندا ھەمدە كېچىدە ئېمىتىش. بۇنىڭدا بوۋاقنىڭ ئانا سۈتىگە بولغان ئېھتىياجىنى ئاساسەن قاندۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت ۋاقىتلاردا تەڭشەلگەن سۈت بېرىش كېرەك. ئەگەر ئانىنىڭ ئىش ئورنى ئۆيگە يىراقراق بولسا ئانا سۈتىنى سېغىش ۋە ساقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

سۈتىنى ساغقاندا

ئانا بالدۇر تۇغۇلغان بالىلارغا سۈتىنى ساغقاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى لازىم: ئاۋۋال، بالدۇرراق سۈتنى سېغىپ قويۇش كېرەك. ئوغۇز سۈتى ھەربىر بالىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، سۈتنى بالدۇر سېغىشتىن مەقسەت ئوغۇز سۈتىنىڭ بىر تامچىسىنىمۇ ئىسراپ قىلماي ئىچكۈزۈۋېتىلىشتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا تەرتىپلىك ھالدا سېغىش كېرەك، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بالىنى سۈت بىلەن باققاندەكلا. ئوتتۇرىچە بولغاندا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ سائەتتە بىر قېتىم سېغىش، سېغىش قېتىم سانى كۆپ ۋە ۋاقىت قىسقا بولغان سۈت، سېغىش قېتىم سانى ئاز ۋە ۋاقتى ئۇزۇن بولغىنىغا قارىغاندا ياخشى بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا، سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. يەنە، سۈپىتى يۇقىرى بولغان سۈت سېغىش ئەسۋابىنى ئىشلىتىش كېرەك. سۈت سېغىش ئەسۋابى كىشىنى ناھايىتى ئازادە ھېس قىلدۇرىدۇ، ئەمچەك توپچىسىغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ شۇنداقلا بالىنىڭ ئېمىشىگە نىسبەتەن ئانىدا سۈت كېلىش ئىنكاسىغا تەقلىد قىلغىلى بولىدۇ. سۈت ئاجرىتىلىشىنى تېزلىتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا، سۈت سۈمۈرگۈچى ئەسۋاب ۋە سۈت يىغقۇچى ئەسۋابنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ، ھەر قېتىمدا ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى پاكىز يۇيۇش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك.

سۈت چاچراپ چىقىش 

بالىنىڭ ئېمىشى بىلەن ئەمچەك توپچىسى غىدىقلىنىپ، چوڭ مېڭىگە ئۇچۇر يەتكۈزۈپ چوڭ مېڭىنى غىدىقلاپ، سۈت كەلتۈرۈش ھورمۇنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل ھورمۇنلار سۈت چاچراپ چىقىش ئىنكاسىنى پەيدا قىلىپ، سۈت بېزى ھۈجەيرىلىرى سۈتنى ئەمچەك توپچىسىغا يىغىدۇ. بالا ئېمىپ 30 ~ 60 سېكۇنتتىن كېيىن ئاندىن كۆكسىنىڭ چىڭقالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، بۇ سۈت چاچراپ چىقىش ئىنكاسىنىڭ پەيدا بولۇش رولىنى ئۆتەيدۇ. سۈت چاچراپ چىقىش ئىنكاسى ئاجرىتىلىپ چىققان سۈتنىڭ تەركىبىدىكى ماينىڭ ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ خىل ئىنكاس ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك رول ئوينايدۇ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولامدۇ-يوق؟ ئۇ ئانا سۈتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. نىسبەتەن ياخشى بولغان سۈت چاچراپ چىقىش ئىنكاسى بالىنىڭ ئاشقازىنىنى قانائەتلەندۈرۈپلا قالماستىن، تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئاساس.

 زىيادە سېزىمچانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

بالىنىڭ زىيادە سېزىمى يېنىك بولسا تېرىدە بىر ئاز سەت بولغان قىزىل مونەكلەر چىقىدۇ، ئېغىر بولسا ئىچى سۈرۈپ، شۈك بولۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك، ئۇنداقتا قانداق يېمەكلىك زىيادە سېزىمچانلىقىنى پەيدا قىلمايدۇ؟ بەلكىم ھەربىر بالىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ھالدا «تاماققا قارىتا سېزىمچانلىقى» تۇغما مېتابولىزم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردىن باشقا بالىلاردا ئانا سۈتى زىيادە سېزىمچانلىقنى پەيدا قىلمايدۇ. ئانا سۈتى تەركىبىدىكى خىلمۇخىل ئىممۇنىتېتنىڭ ئۆزگىرىشچان ھالدا قوغداش رولى بولۇپلا قالماستىن، ھامىلە ئانا سۈتىدىكى بارلىق ئادەم بەدىنى ئاقسىلىنى تولۇق قوبۇل قىلىشى تۈپەيلىدىن ھېچقانداق يەكلىنىش بولمايدۇ. شۇڭا، ئانا سۈتى بىلەن بېقىش بالىنى زىيادە سېزىمچانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى.

ئېمىزگۈگە قۇيۇپ ساقلاش

ئانا سۈتى قولنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ، سۈتنى سېغىپ چىقىرىپ، ئىشتىن ئىلگىرى دېزىنفېكسىيىلەپ تەييارلاپ قويۇلغان ئېمىزگۈگە قۇيۇپ ساقلاش. سۈت سېغىش ۋاقتىنى ئۆزىنىڭ شارائىتىغا قاراپ بەلگىلىسە بولىدۇ. كەچتە سېغىپ قويسىمۇ ياكى ئىشقا بېرىشنىڭ ئالدىدا سېغىپ قويسىمۇ بولىدۇ ۋە يەنە خىزمەت قىلىۋاتقاندىكى ئارىلىقلاردا سېغىپ قويسىمۇ بولىدۇ. لېكىن دائىم ئىككى قېتىملىق سۈت سېغىش ۋاقتىنىڭ ئارىلىقى ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، سۈت قايتىش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلاش

ئانا سۈتىسېغىلغان سۈتنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇش. ئەگەر ئۈچ ~ بەش كۈن ئىچىدە ئىشلىتىلىدىغان ئانا سۈتىنى بىۋاسىتە يېڭى پېتى ساقلاش ئورنىدا قويۇش، ئۇزاقراق ساقلاشقا توغرا كەلسە توڭلىتىش ئورنىدا قويۇش مۇۋاپىق. توڭلىتىش ئورنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 18℃ دىن تۆۋەن بولغاندا سۈتنى تۆت ئاي ساقلىغىلى بولىدۇ. لېكىن سۈتنى ئاۋۋال نورمال تېمپېراتۇرىغىچە سوۋۇتۇپ ئاندىن توڭلاتقۇغا سېلىپ توڭلىتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئانا خىزمەت ۋاقتىدا سېغىپ قويغان سۈتنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى يېڭى سېغىلغان سۈتنى ئۆي تېمپېراتۇرىسى شارائىتىدا 6 ~ 10 سائەت ساقلاشقا بولىدۇ. لېكىن سۈتنى بەك لىق سېغىۋەتمەسلىككە ھەم ۋاقتىدا ئاغزىنى چىڭ ئېتىۋېتىشكە دىققەت قىلىش مۇھىم.

لازىم بولغاندا سۈتنى ئېلىپ ئىللىتقاندىن كېيىن بوۋاققا بېرىش. توڭلىتىلغان سۈتنى ئاۋۋال سوغۇق سۇغا سېلىپ ئېرىتىپ ئاندىن ئىسىسق سۇغا سېلىپ ئىللىتىش ھەمدە ئاستا تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن بوۋاققا ئىچۈرۈش. سۈتنى ئىسسىتقاندا ھەرگىزمۇ بىۋاسىتە ئوتتا ياكى مىكرو دولقۇنلۇق دوخوپكىدا ئىسسىتماسلىق، ئانا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە بىر قېتىم توڭلىتىلغان سۈتنى بوۋاق بىر قېتىمدا ئىچىپ بولالمىسا تۆكۈۋېتىش، ھەرگىز قايتىدىن توڭلاتماسلىق كېرەك.

بالدۇر تۇغۇلغان بالىلارنى ئانا سۈتى بىلەن باقسا بولامدۇ؟

ئانا سۈتىبالا بالدۇر تۇغۇلغانىكەن، تۇغۇلۇشى بىلەنلا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئەينەك ئىچىدە تۇرىدۇ. كۆزىنى ئاچمىغان، چاچلىرى شالاڭ ھالەتتە ئىسسىق ساقلاش ساندۇقىدا ياتقان بالىڭىزغا قارىغاندا، ئانىنىڭ ناھايىتى ئىچى ئاغرىپ، ئۇنى ئېمىتكۈسى كېلىپ كېتىدۇ. بۇنداق بالىلارنى ئېمىتسە بولامدۇ؟ بولىدۇ. ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىدا بالدۇر تۇغۇلغان بالىلارغا نىسبەتەن گۆھەر بولۇپ، يامان خاراكتېرلىك كىچىك ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

سۈتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى

سۈتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ئانىلارغا كۆپلىگەن باش ئاغرىقى ئېلىپ كېلىدۇ. بالىسىنىڭ تويماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، بالىغا يەنە كالا سۈتى بېرىدۇ، ئاخىرىدا ئانا سۈتىنىڭ ئۈنۈملۈك رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. ئانا سۈتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ناھايىتى كۆپ، ئەمگۈسى كەلگەندە ئېمىتمىسە، بالىنىڭ ئېمىش ھەرىكىتىنىڭ ئەمچەك توپچىسىغا بولغان غىدىقلىشى ئازلاپ كېتىدۇ ۋە سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشىمۇ ئازلايدۇ ياكى بالىغا بالدۇرلا قايناق سۇ، سۈت پاراشوكى ياكى باشقا يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بەرسە، بالىنىڭ ئانا سۈتىگە نىسبەتەن قورسىقى ئېچىش تۇيغۇسى بولماي، سۈتكە بولغان ئېھتىياجى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئېمىشى ئاز بولغاندىن كېيىن سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشىمۇ ئاز بولىدۇ، ئەگەر ئانىسىنىڭ ئىشتىھاسى تۆۋەن بولسا، ئوزۇقلۇقنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەبلىكمۇ سۈت ئازلاپ كېتىدۇ. يەنە ئانىنىڭ ئارام ئېلىشى ياخشى بولماسلىق ياكى روھىي ئامىل جەھەتتە غىدىقلىنىشى قاتارلىقلارمۇ سۈتنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. شۇڭا، سۈت تولۇق بولماسلىقنىڭ سەۋەبىگە زىت ھالدا بىر تەرەپ قىلىپ، بالىنى تويغۇچە ئېمىتىش ھەربىر ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى.

تەييار سۈت ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟

ھازىر كۆپىنچە ئانىلار خىزمەتتىكى ئاياللار بولۇپ، گەرچە ئۇلارنىڭ تۇغۇت ئارامى بولسىمۇ، بىراق بوۋاقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئانا سۈتىگە بولغان تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ، پەقەت ئىشقا چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە كەچلىكى بىر قېتىم بالىنى ئېمىتەلەيدۇ. بازاردا سېتىلىۋاتقان سۈت تەركىب جەھەتتە ئانا سۈتىگە ئاساسەن يېقىنلاشقان شۇنداقلا بەك قۇلاي بولسىمۇ بىراق ئۇ ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى ھەرگىز باسالمايدۇ، چۈنكى ئانا سۈتىدىكى مەلۇم تەركىبلەر ئايرىم بولىدۇ. مەسىلەن: ئىممۇنىتېتلاش شەكلىدىكى ئاقسىل ئېپىدىرمىسىنى ئۆستۈرگۈچى ئېلېمېنت قاتارلىقلار. بۇلار بوۋاقلارنىڭ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ناھايىتى پايدىلىق، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلار بىر ئاز مۇۋاپىق بولۇپ، ئوڭاي ھەزىم قىلىنىدۇ. تەييار سۈتكە گەرچە ناھايىتى كۆپ ئوزۇقلۇقلار قوشۇلسىمۇ، ئوڭاي ھەزىم قىلىنمايدۇ.

ئانا سۈتى بىلەن بالا باققاندا ھامىلىدارلىقتىن ساقلانغىلى بولامدۇ؟

نۇرغۇنلىغان ئاياللار ئانا سۈتى بىلەن بالا باققاندا ھامىلىدارلىقتىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ھامىلىدار ئاياللار كۆزى يورۇغاندىن كېيىن مېڭە ئاستى بېزى نۇرغۇنلىغان غىدىقلىغۇچى ھورمۇنلارنى ئاجرىتىپ، ئەمچەككە سۈت تولۇشنى تېزلىتىدۇ. بەدەندە غىدىقلىغۇچى ھورمۇنلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تۇخۇمداننىڭ جىنسىي ھورمۇنغا بولغان ئىنكاسى ناچارلىشىپ، فوللىكۇل يېتىلىشتىن توختاپ قالىدۇ ھەم تۇخۇم ئاجراتماي ھەيزمۇ توختاپ قالىدۇ. ئانا تۇغقاندىن كېيىن بالا ئېمىتىدۇ، بالا دائىم ئەمچەك توپچىسىنى شورىغاچقا، مېڭە ئاستى بېزىنىڭ غىدىقلىغۇچى ھورمۇنلارنى ئاجرىتىشىنى تېزلىتىپ، تۇخۇمداندىن تۇخۇم چىقىشنى كونترول قىلىدۇ ھەم ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ. بەزى ئاياللار بىر يىل ياكى بىر يىلدىن كۆپرەك مۇشۇنداق بولىدۇ، چەت ئەللەردىكى بىرخىل تەتقىقات ماتېرىيالىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، تۇغۇپ ئالتە ئاي ئىچىدە پۈتۈنلەي ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشقا ئادەتلەنسە ھەيز ئەسلىگە كەلمىگەن ئانىنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش نىسبىتى 84% تىن يۇقىرى بولىدۇ.

تاماكا چېكىشنىڭ ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشقا تەسىرى بولامدۇ؟

ئانىلار تاماكا چەكسە قان سۇيۇقلۇقىدىكى نىكوتىن مىقدارى ئۆرلەپ كېتىدۇ ۋە سۈت كەلتۈرگۈچى ھورمۇنلارنى كونترول قىلىۋالىدۇ. سۈتنىڭ ئاجرىتىلىشى ئازلاپ، بالدۇرلا بالىنى ئەمچەكتىن ئايرىشقا مەجبۇر بولۇپ، داۋاملىق ئېمىتىشكە ئامالسىز قالىدۇ شۇنداقلا سۈتنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىن مىقدارى قان سۇيۇقلۇقىدىكى تەركىبىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، تاماكا ئىسى بالا ئەتراپىنى قورشاپ، بالىىڭ نەپەس ئېلىشىغا تەسىر قىلىپلا قالماستىن، زەھەرلىك گاز ۋە ماددىلار بالىنىڭ قورسىقىغا كىرىپ كېتىدۇ ھەم تاماكا ئىسى بالىنىڭ بۇرۇن شىلىمشىق پەردىسىنى قوزغاپ، كۆپلەپ «پوتلا» لارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، بالىنىڭ ئۆپكىسىنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا چىققان ئاجراتمىلار بالىنىڭ بۇرۇن بوشلۇقىنى توسۇۋېلىپ، نورمال ئېمىشىگە تەسىر قىلىدۇ. قىسقىسى، تاماكا چېكىش ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشقا پايدىسىز.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#