ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ پوتىسى ھەر خىل رەڭدىكى يىپ ياكى يىپەك رەختلەردىن ئىشلىنىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇر ئەرلىرى بېلىگە پوتا باغلاشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇنى ئەرلەرگە خاس مەردانىلىك ۋە چەبدەسلىكنىڭ نىشانى، دەپ بىلىدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ پوتىسى ھەر خىل رەڭدىكى يىپ ياكى يىپەك رەختلەردىن ئىشلىنىدۇ. 

ئۇزۇن–قىسقىلىقى بىردەك بولمايدۇ. تەخمىنەن ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىردىن كۆپرەك، كەڭلىكى ئەللىك سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ياش يىگىتلەر كۆپرەك قىزىل، يېشىل ياكى گۈللۈك، ياشانغانلار قارا رەڭلىك رەختلەردىن پوتا باغلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. پوتا باغلاش ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تاشقى كىيىم ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا پەيدا بولغان. 

بىزگە مەلۇمكى، ئەرلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى ئاساسەن ئۇزۇن بولۇپ، تىزنى يېپىپ تۇرىدىغان ئالدى ئوچۇق تون شەكىللىك كۆڭلەك ياكى تون بولۇپ، ئۇنىڭغا تۈگمە ياكى ئىزما قادىمايدۇ. شۇڭا بۇ كىيىمىنى بەلدىن پوتا بىلەنباغلىۋېلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل تون ياكى تونچە كۆڭلەكنىڭ يانچۇقى بولمايدۇ . شۇ سەۋەبتىن، پوتا يەنە يانچۇق رولىنىمۇ ئوينايدۇ. ئۇيغۇر ئەرلىرى دائىم بېلىدىكى پوتىسىغا نان ياكى باشقا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى تۈگۈۋالىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلار بەلنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بەلگە سوغۇق تېگىپ قېلىشتىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ. پوتا باغلاش بەلنى ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى بولۇپ، ئۇ بەلگە سوغۇق تېگىش ۋە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ. قورساق سېلىپ كېلەڭسىز سەمىرىپ كېتىشنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يالغۇز ئۇزۇن كۆڭلەك ياكى تون كىيگەن كىشىلەرلا پوتا باغلاپ قالماستىن، كالتە چاپان ياكى خالتا كۆڭلەك كىيىدىغان ياشلارمۇ پوتا باغلايدۇ. ئومۇمەن، پوتا باغلاش ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادىتى ۋە ئىستېتىك تەلىپى بىلەن زىچ باغلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەشرەپلىرىدە مەخسۇس ‹‹ پوتا ئويۇنى›› ئوينىلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#