زاراڭزا

زاراڭزا

زاراڭزا بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئېگىزلىكى 100-50 سانتېمىتىر. 

ئۇيغۇرچە نامى زاراڭزا
تارقالغان رايونلار جۇڭگو، روسسىيە، ياپۇنىيە، چاۋشيەن قاتارلىق دۆلەتلەر
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى زاراڭزا ئۇرۇقدىشى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 红花
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسى
تۈرى قىزىل گۈللۈك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

زاراڭزا بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئېگىزلىكى 100-50 سانتېمىتىر. 

غۇلى تىك، يوقارقى قىسىملىرىدىكى تارماق شاخلىرى، پۈتۈن غۇلى، شېخىنىڭ ئاق ياكى سۇس ئاق رەڭلىك، سىلىق يالتىراق، تۈكسىز. ئوتتۇرا ئاستى غولى ۋە يوپۇرمىقى تېمىنە شەكىللىك، پىسا شەكىللىك ياكى ئۇزۇن ئېللىپسسىمان، ئۇزۇنلىقى 7-5 سانتېمىتىر، كەڭلىكى6-2.5 سانتېمىتىر،يوپۇرمىقىنىڭ گىرۋىكى چوڭ ھەرە چىشىسىمان، قات - قات ھەرە چىشلىق، تەكرار ھەرە چىشلىق، كىچىك ھەرە چىشىسىمان، ھەتتا ھارىسىمان چىش يوق ھەم تولۇق گىرۋەكلىك، چىش ئۇچىدا يىڭنە بار، يىڭنە ئۇزۇنلىغى 1.5-1 مىللىمېتىر، يۇقىرىغا قاراپ يوپۇرمىقى تەدرىجىي كىچىكلەيدۇ، تىمىنە شەكىللىك، گىرۋەكلىرىدە ھەرە چىشى بولىدۇ، چىش ئۇچىدىكى بىر قەدەر ئۇزۇن، ئۇزۇنلۇقى 3 مىللىمېتىر. پۈتۈن يوپۇرماق قاتتىق، قېلىن، خۇرۇمسىمان، ئىككى يۈزىدە بەز توچكىلىرى، تۈكلىرى يوق، پارقىراق، ئاساسەن سېپى يوق، غولنى يېرىم ئوراپ تۇرىدۇ.

زاراڭزازاراڭزا ئىللىق، قۇرغاق كىلىماتقا ماس كېلىدۇ، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك، ئۈنۈمسىزلىككە چىداملىق. قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ ھۆلچىلىكتىن قورقىدۇ، سۇ چىقىرىش شارائىتى ياخشى، ئوتتۇراھال مۇنبەت بولغان قۇم تۇپراققا، بىنەپشە رەڭ قۇم ئارىلاش تۇپراققا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. ئۇرۇق ئاسان بىخلىنىدۇ،℃5 دىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بىخلىنىشقا باشلايدۇ، بىخلىنىشىغا ماس كېلىدىغان تېمپىراتۇرا ℃15 ~ 25، بىخلىنىش نىسبىتى %80 ئەتراپىدا. ماسلىشىشچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك، ئۆسۈش مەزگىلى 120 كۈن.

1) سۇ : زاراڭزا يىلتىز سىستېمىسى بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان بۇلۇپ، تۇپراقنىڭ چوڭقۇر قاتلامدىكى سۇنى سۈمۈرەلەيدۇ.ھاۋا نەملىكى بەك يۇقىرى بولۇپ، تۇپراق نەملىكى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، ھەر خىل كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

2) تېمپېراتۇرا: زاراڭزىنىڭ تېمپېراتۇرىغا ماسلىشىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، 4 ~ 35 سېلسىيە گىرادۇس دائىرىسى ئىچىدە بىخلىنىپ ۋە ئۆسىدۇ. 

3) يورۇقلۇق : زاراڭزا ئۇزۇن كۈنلۈك ئۆسۈملۈك، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن-قىسقىلىقى يوپۇرماقلىرىنىڭ توپلىشىپ ئۆسۈش مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

4) ئوزۇقلۇق : زاراڭزا دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان تۇپراقتا ئۆسەلەيدۇ، مۇۋاپىق ئوغۇتلاش يۇقىرى مەھسۇلاتقا ئېرىشىش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى، تۇپراق مۇنبەتلىكى يېتەرلىك، ئوزۇقلۇق مىقدارى ئومۇميۈزلۈك بولغاندا، مەھسۇلاتى يۇقىرى بولىدۇ. 

5) تۇپراق : زاراڭزا ھەر خىل تىپتىكى تۇپراقتا ئۆسەلەيدۇ، لېكىن يەنىلا توپا قاتلىمى قېلىن، سۇ چىقىرىش ياخشى بولغان مۇنبەت نېيترال تۇپراقتا  ئەڭ ياخشى ئۆسەلەيدۇ.

زاراڭزازاراڭزىنىڭ ئەسلىي ماكانى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى. سوۋېت ئىتتىپاقىدا  ياۋا زاراڭزا ئۆسىدۇ، يەنە تېرىپ ئۆستۈرىلىدۇ، ياپۇنىيە، چاۋشيەن قاتارلىق دۆلەتلەردە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. دۆلەت ئىچىدە خېنەن، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ، گەنسۇ، شەندۇڭ، جېجىياڭ، سىچۈەن، شىزاڭ قاتارلىق جايلاردىمۇ تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. جۇڭگونىڭ يۇقىرىقى رايونلارغا تېرىپ ئۆستۈرۈلگەندىن باشقا، گەنسۇ، سىچۈەندە يەنە ياۋا زاراڭزا بار.

زاراڭزاخۇەي زاراڭزىسى : ۋېنشيەن ناھىيەسى، چىنياڭ، ۋۇجى، مېڭشەن ناھىيەسى ئەتراپىدىن چىقىدۇ. سۈپىتى ناھايىتى ياخشى.

 دۇ  زاراڭزىسى : جېجياڭ نىڭبودىن چىقىدۇ، سۈپىتى ياخشى. 

تارقاق زاراڭزا : خېنەن شاڭچيۇ ئەتراپى چىقىدۇ، سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. 

چوڭ پارچە زاراڭزا : شەندۇڭدىن چىقىدۇ. 

سىچۈەن زاراڭزىسى : سىچۇەندىن چىقىدۇ. 

جەنۇب زاراڭزىسى : جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىن چىقىدۇ. 

غەرب زاراڭزىسى : شەنشىدىن چىقىدۇ. 

 يۈننەن زاراڭزىسى : يۈننەندىن چىقىدۇ. 

يۇقىرىقىلارنىڭ رەڭگى قىزىل، سېرىق، يارقىن، قۇرۇق، يۇمشاق بولغانلىرى ياخشى ھېسابلىنىدۇ. 

زاراڭزا نېنى : زاراڭزا يېڭى ۋاقتىدا ئىلەشتۈرۈپ، نېپىز يالپاقسىمان قىلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، دورا قىلىنىدۇ. 

دورىلىق قىممىتى  

زاراڭزازاراڭزا دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاننى تىتىكلەشتۈرىدۇ، ئاياللار كېسىلىگە شىپا قىلىدۇ. 

شىپالىق رولى : قاننى تىتىكلەشتۈرۈپ يوللارنى راۋان قىلىدۇ، ئاغرىق توختىتىدۇ. ھەيز توختاشنى داۋالاش، قىيىن تۇغۇت، ئۆلۈك ھامىلە، تۇغۇتتىن كېيىن چىللە خۇنى ماڭماسلىق، قان ئۇيۇپ ئاغرىش، غەلۋىرە ئىشىغى، يىقىلىشتىن بولغان زەخىملىنىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

① « تاڭ سۇلالىسىنىڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرى »، ئىدارە جاغ كىرىشىپ قېلىش، گەپ قىلالماسلىق، قان تۈگۈنى , تۇغۇتتىن كېيىنكى تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش. 

( 2 ) « ئېسىل دورا گىياھلىرى »، يەنى ئاساسىي تۇغۇتتىن كېيىنكى قان جاغ كىرىشىپ قېلىش، تولغاپ ئاغرىش، ھامىلە قوساقتا ئۆلۈش.

③ « دورا ئۆسۈملۈكلىرى موڭغۇلىيە چۇەنى»، كېكىردەك پالەچلىنىش، كەپلىشىپ قېلىش. 

④ « قامۇس »، قاننى جانلاندۇرۇپ، قۇرۇلۇقنى ھۆللىتىش، ئاغرىق توختىتىش، چاچما ئىششىق، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش. 

⑤ « دورىلىق گىياھلار يېڭى توپلىمى»، سۇنى راۋانلاشتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرۇش، ھامىلىنى تىنىچلاندۇرۇش، ئۆلۈك ھامىلىنى چۈشۈرۈش.  

بوياق

قەدىمدە  قىزىل بوياق بوياشقا رويان بولسىمۇ، لېكىن رويان توپا قىزىلى رەڭدە، يەنە بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان بوياش ئىش تەرتىپى كېرەك، زاراڭزا قىزىل بوياش ئۈچۈن « چىن قىزىل » قىلىنغان، يەنە كېلىپ بىۋاستە ماددىلارنى بويىغىلى بۇلىدۇ، شۇڭا زاراڭزا بوياقلار ئارىسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#