ﺷﯩﺮﺧﯩﺸﺖ

ﺷﯩﺮﺧﯩﺸﺖ

ﺷﯩﺮﺧﯩﺸﺖ ھﺎرارەت ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺋﺎﺷﻘﺎزان، ﺟﯩﮕﻪر ۋە ﻳﯜرەﻛﻨﯩﯔ ﮬﺎرارﯨﺘﯩﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺑﻪﻟﻐﻪم ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﺶ، ﻧﻪﭘﻪس راۋاﻧـلاﺷﺘﯘرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ﺷﯩﺮﺧﯩﺸﺖ
ئەرەبچە نامى ﺷﻪﺧﻪﺳﯩﺖ ﮬﯧﺮلاﻟﻮ
ئىنگلىزچە Mann ose
جىسمى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ
چىقىش ئورنى ﺧﻮراﺳﺎن، ﮬﯩﺮات، ﺋﯩﺮان ۋە رۇم
خەنزۇچە ئاتىلىشى 甘露糖 gan yu tang
پارسچە نامى ﮬﻪرلاﻟﻮ
ئوردۇچە نامى ﮬﻪرلاﻟﻮ ﺷﯩﺮﺧﯩﺴﺖ
تەمى ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ
تەبىئىتى ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ دەرﯨﺠﯩﺪە ﮬﯚل ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ﻛﯩﺒﺮو ۋە ﻛﯩﺸﻮر دەﻳﺪﯨﻐﺎن دەرەﺧﻨﯩﯔ ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﺑﻨﻪم.

ئائىلىسى

ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺋﯚﺳﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯩﺒﺮو ۋە ﻛﯩﺸﻮر دەﻳﺪﯨﻐﺎن دەرەﺧﻨﯩﯔ ﺷﺎﺧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﺑﻨﻪم ﺑﻮﻟﯘپ،  ﺑﯘ دەرەﺧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻏﯩﭽﻰ ﺳﯧﺮﯨﻖ، ﺋﺎق رەﯕﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﻳﺎﻏﺎﭼﺘﯩﻦ ﮬﺎﺳﺎ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪۇ.

دورىلىق ئورنى 

پۈتۈن جىسىمى

ﺷﯩﺮﺧﯩﺸﺖ ﭼﻮڭ - ﭼﻮڭ، ﻳﯘﻣﺸﺎق داﻧﻠﯩﻖ ﻳﯧﻠﯩﻤﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش، رەﯕﮕﻰ ﺋﺎق، ﺳﯘﻧﺪۇرﺳﺎ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﺎﻗﯘچ ﺳﯧﺮﯨﻖ.

كېسەللىك مىسالى 

ﺋﯚﺗﻜﯜر ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﺎ، ﻳﯚﺗﻪل، ﻛﯚﻛﺮەك ﻳﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻜﻰ، ﻗﻪۋزﯨﻴﻪت، ﻛﯚﻛﺮەﻛﻨﯩﯔ ﭼﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلارﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ.

ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺳﻪۋدا، ﺑﻪﻟﻐﻪم، ﺳﻪﭘﺮا ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯜرۈش، ﭼﯩﺮاﻳﻨﻰ ﭘﺎرﻗﯩﺮﯨﺘﯩﺶ، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﺶ، ﺟﯩﮕﻪر، ﺋﺎﺷﻘﺎزان ۋە ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﻰ ﻗﯘۋۋەﺗﻠﻪش، ﮬﺎرارەت ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺋﺎﺷﻘﺎزان، ﺟﯩﮕﻪر ۋە ﻳﯜرەﻛﻨﯩﯔ ﮬﺎرارﯨﺘﯩﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ، ﺑﻪﻟﻐﻪم ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﺶ، ﻧﻪﭘﻪس راۋاﻧـلاﺷﺘﯘرۇش.

خاس تەسىرى 

ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺳﻪۋدا، ﺑﻪﻟﻐﻪم، ﺳﻪﭘﺮا ﺧﯩﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯜرۈش.

ئورۇنباسارى 

 ﺗﻪرەﻧﺠﯩﺒﯩﻦ

ئەكىس تەسىرى

ﻣﻪﻧﯩﻴﻨﻰ ﺳﯘﻳﯘﻟﺪۇرۇۋﯦﺘﯩﺪۇ، ﻣﻪﻧﯩﻲ ﺗﯧﺰ ﻳﯜرۈپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ۋە ﻗﻮرﺳﺎق ﻛﻮرﻛﯩﺮاﺷﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪۇ.

تۈزەتكۈچىسى

ﺑﺎدام ﻳﯧﻐﻰ، ﺋﺎرﭘﯩﺒﻪدﯨﻴﺎن، ﻗﯩﺰﯨﻠﮕﯜل ﺋﻪرﻗﻰ

1. 10 ﮔﺮام ﺳﯜﺗﺘﻪ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﭗ، ﺋﯩﭽﺴﻪ ﻛﯚﻛﺮەﻛﻨﻰ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﺪۇ، ﻗﯘرۇق ﻳﯚﺗﻪﻟﮕﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

2. 15 ﮔﺮام ﺷﯩﺮﺧﯩﺸﺘﻨﻰ ﺋﻪرﻗﻰ ﺑﻪدﯨﻴﺎﻧﺪا ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ ﻳﯘﻣﺸﯩﺘﯩﺪۇ.

3، 15 ﮔﺮام ﺷﯩﺮﺧﯩﺸﺘﻨﻰ ﮔﯘلاﺑﺘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﺴﻪ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﯩـلارﻏﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.

4. 7 ﮔﺮام ﺷﯩﺮﺧﯩﺸﺘﻨﻰ ﻳﺎز ﻛﯜﻧﯩﺪە ﺗﺎۋۇز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ﻳﯧﺴﻪ، ﻗﻪۋزﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=63

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#