دىگۇ براخ

دىگۇ

دىگۇ براخ 1546-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى دانىيەنىڭ سكاننىيا ئۆلكىسىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دانىيە ئاسترونومى، ئۇ يېقىنقى زامان دۇنيا ئاسترونومىيەسىنىڭ بوۋىسى بولۇپ، يېقىنقى زامان ئاسترونومىيىسىگە ئاساس سالغان.

دىگۇ براخ
دىگۇ براخ
ئۇيغۇرچە ئىسمى دىگۇ براخ
باشقا نامى دىگۇ
يۇرتى دانىيەنىڭ سكاننىيا ئۆلكىسى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1601-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى لېيپسگ ئۇنىۋېرسىتېتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 第谷·布拉赫
دۆلەت تەۋەلىكى دانىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1546-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
كەسپى ئاسترونوم
ئېنگىلىزچە ئىسمى Tycho Brahe

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دىگۇ16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، دانىيەدىكى فيۇن ئارىلىدا گۈزەللىكتە ئوردا سارايلىرىدىن قېلىشمايدىغان فوبورگ رەسەتخانىسى قۇرۇلغان. بۇ رەسەتخانىنىڭ كۆلىمى غايەت زور، ئەسۋاپلىرى تولۇق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئەڭ چوڭ كۈزىتىش ئەسۋابى «دىگۇ، كىۋارىرانت» دەپ ئاتالغان. دىگۇ دانىيە ئاسترونومى، ئۇ يېقىنقى زامان دۇنيا ئاسترونومىيەسىنىڭ بوۋىسى بولۇپ، يېقىنقى زامان ئاسترونومىيەسىگە ئاساس سالغان.

دىگۇ 1546-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى دانىيە نىڭ سكاننىيا ئۆلكىسىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئادوۋكات، چوڭ دادىسى ناھايىتى باي ئاقسۆڭەكلەردىن بولۇپ، دىگۇنى كىچىكىدىن چوڭ دادىسى بالا قىلىۋالغان. ئۇ ئىنتايىن زېرەك بولسىمۇ، لېكىن چوڭ دادىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەركە قىلىۋېتىشى بىلەن مەكتەپتە ئانچە ئەستايىدىل ئوقۇمىغان.

دىگۇ 1601-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى 54 يېشىدا پراگادا كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.  

دىگۇ1560-يىلى 8-ئايدا، يەرلىك رەسەتخانا شۇ ئاينىڭ 21-كۈنى كوپېنھاگېن دا كۈننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىدۇ، شۇ كۈنى دىگۇ راستلا كۈننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرىدۇ. كۈننىڭ تۇتۇلىشىنىڭ ئالدىن بىلىۋېلىنغانلىقى دىگۇدا قاتتىق قىزىقىش پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاسترونومىيىنى تەتقىق قىلىش نىيىتىگە كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بارغانلا يېرىدە ئاسترونومىيىگە ئائىت كىتاپلارنى تېپىپ ئوقۇيدۇ. پتولېمابۇسنىڭ «ئاسترونومىيىدىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت» دېگەن ئەسىرىنى كۆرگەندە ئۇ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە خوشال بولىدۇ. ئۇ كىتاپنىڭ ئىچىگە سىزىق، چېكىت، دۈگىلەك بەلگىلىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن بەلگە ئالامەتلىرىنى قويىۋېتىدۇ. ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك مۇشۇ كىتاپ بىلەن بەنت بولىدۇ. بۇ كىتاپتىكى خاتا نۇقتىنەزەرلەر ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ.

چوڭ دادىسىنىڭ پىكىرى بويىچە بولغاندا، كەلگۈسىدە ئەمەلدار بولۇش ئۈچۈن، دىگۇ ئىجتىمائىي پەننى ئۆگىنىشى كېرەك ئىدى. ئاخىرى ئۇ دىگۇنى گېرمانىيىدىكى لېيپسگ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ ھەم بىر ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا نازارەت قىلدۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسترونومىيىدىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتماقچى بولىدۇ.

زېرەك دىگۇ كۆرۈنۈشتە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەلىپىگە ماقۇل دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ھەر كۈنى ئاخشىمى ئوقۇتقۇچىسى ئۇخلاپ قالغاندا، ئۆزى ياسىغان ئاسترونومىيە ئەسۋابىنى غىپپىدە ئېلىپ چىقىپ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۈزىتىدۇ.

دىگۇ1566-يىلى دىگۇنىڭ چوڭ دادىسى ۋاپات بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر قايسى مەملىكەتلەرنى ساياھەت قىلىشنى باشلايدۇ ھەمدە گېرمانىيىدىكى روستوك ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس ئاسترونومىيىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ ئاۋگىسبۇرگدا ئاسترونومىيىنى تەتقىق قىلغاندا، دېئامېتىرى 39 ئىنگلىز چىسى كېلىدىغان چوڭ كىۋادىرانت ياساتقان، ئۇنىڭ ئايلانمىسىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى بىر مىنۇتقا يەتكەن. كىشىلەر ھاڭ-تاڭ بولۇشۇپ، بۇنى كارامەت مۇۋەپپەقىيەت دەپ ھېساپلاشقان، لېكىن ئۇنىڭ بۇ چاغدىكى ئەڭ زور تۆھپىسى، بىر يۇلتۇزنى تاپقانلىقى ئىدى. بۇ يۇلتۇزنىڭ تېپىلىشى ئارىستوتېلنىڭ ئاسمان جىسىملىرى ئۆزگەرمەيدۇ، دېگەن تەلىماتىنى تەۋرىتىۋەتكەن ئىدى.

بىر يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى يېرىم كېچىدە، ئاسماننى يۇلتۇزلار قاپلىغان بىر چاغدا، دىگۇ ئۆيىدىن چىقىپ مۇشۇنداقلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ، بىردىنلا خوشال بولۇپ ۋاقىراپ كېتىدۇ. ئۇ كۆزىنى كاسسوپېيادىن ئۈزمەي تىكىلىپ قاراپ تۇرىدۇ. ئۇ كاسسوپېيادا بىر يۇلتۇزنىڭ ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ خاتا كۆرۈپ قالغان بولماي دەپ باشقىلارنى چاقىرىپ بىللە قارايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن بىر يېڭى پەيدا بولغان يۇلتۇز ئىدى. ئۇ خوشاللىقىدا سەكرەپ كېتىدۇ. ئىلگىرى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ قارىلىپ كەلگەن يۇلتۇزلار دۇنياسىدا، ئەمدىلىكتە يېڭى يۇلتۇزلار پەيدا بولغان ئىدى، بەلكى ئۇ تۈندىن-تۈنگە بارغانسېرى يورۇقلىشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ يورۇقلۇقى يوپتېردىن قېلىشمايتتى. دىگۇ مەلۇم ۋاقىت كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە بۇ يۇلتۇزنىڭ ئاستا-ئاستا قاراڭغۇلىشىپ، ئاخىرى پۈتۈنلەي كۆرۈنمەي قالغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ يۇلتۇز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئىي 16 ئاي ئاسماندا كۆرۈنۈپ تۇرغان. مۇشۇ بىر يىل 4 ئاي ئىچىدە، دىگۇ ھەركۈنى كېچىسى ئۇنى بىر قېتىممۇ قالدۇرماي دىققەت بىلەن كۈزىتىپ تۇرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ رەڭگىنى، يورۇقلۇق دەرىجىسىنى ۋە تۈرلۈك ئۆزگىرىشلىرىنى تەپسىلىي خاتىرلەپ بارىدۇ.

دىگۇ توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي دانىيە پادىشاھى فرىدرىخ 2 نىڭ تەكلىپى بىلەن فيۇن ئارىلىدا ئاسترونومىيە رەسەتخانىسى قۇرىدۇ. رەسەتخانا پۈتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا فوبورگ رەسەتخانىسى دەپ نام بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ كۈزىتىش ئەسۋابى بولسا «دىگۇ كىۋادىرانىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. رەسەتخانىدا ئەسۋاپلار بولغاندىن باشقا، يەنە زاۋۇت، باسمىخانا ۋە تەجرىبىخانا قاتارلىقلار قۇرۇلىدۇ، بۇ ياۋروپا بويىچە تۇنجى يېقىنقى زامان رەسەتخانسى ئىدى. دىگۇ فيۇن ئارىلىدا 20 يىل ئىشلەيدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئالتۇن دەۋىرى ئىدى، گەرچە ئۇ ئاسترونومىيىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەر قوشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەلىماتىدا نۇرغۇن خاتالىقلارمۇ بار ئىدى. ئۇ: «يەر جىمجىت تۇرىدۇ، كۈن ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، سەييارىلەر بولسا ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا كۈننىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ» دېگەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا كارامەت بىر ئاسترونوم ھېساپلىنىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#