يەر ياڭىقى
يەر ياڭىقى بولسا ئۆسۈملۈك يەر ياڭىقى (خۇاسىڭ ) نىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ«يەر ياڭىقى يېغى» ياكى «خاسىڭ يېغى» نامىدا دورىغا ئىشلىتلىدۇ. بەدەننى قۇرۇتۇش، مەنى پەيدا قىلىش، ئوزۇقلۇق بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يەر ياڭىقىيەر ياڭىقى بولسا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك يەر ياڭىقى (خۇاسىڭ ) نىڭ ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ«يەر ياڭىقى يېغى» ياكى «خاسىڭ يېغى» نامىدا دورىغا ئىشلىتلىدۇ. بۇ دەسلەپتە جۇڭگودا تېرىلىپ ئۆستۈرۈلگەن، كېيىن چەت ئەللەرگە تارالغانلىقى ئۈچۈن (جۇڭگو بادىمى) ، خەلىق ئارىسىدا يەر ياڭىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا تېرىپ ئۇستۇرىلىدۇ، يەنە شەرقى ياۋرۇپا، شىمالى ئافرىقا، ھىندىستاننىڭ جەنۇبى قاتارلىق چەت ئەللەردىن چىقىدۇ.
باھنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش ئەسەپلەرنى قۇۋەتلەش، بەدەننى قۇرۇتۇش، مەنى پەيدا قىلىش، ئوزۇقلۇق بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
فارماكولوگىيلىك تەسىرى
(1) قان توختىتىش تەسىرى، يەر ياڭىقى مېغىزىنى يىگەندىن كېيىن قاناشقا مائىل كىسەللىكى بىلەن ئاغرىغان ئاغرىقلاردىكى قاناش ئەھۋالىنى ياخشىلايدىغانلىقى دەسلەپتىلا مەلۇم بولغان، كېيىن مەلۇم بولۇشىچە ، پەقەت A تىپلىق قاناشقا كىسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلارغا ئۇنىمى بولۇپ قالماسدىن ، بەلكىB تىپلىق قاناش مائىللىقى كىسەللىكى بىلەن ئاغرىغۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى ئېنىقلاندى، باشقا قاناشلارنىمۇ توختىتىدۇ، ئېغىر ھالدىكى قاناشقا نىسبەتەن ئۈنىمى نىسبەتەن تۆۋەنرەك، يەر ياڭىقى مېغىزى پوستىنىڭ قاناشنى توختىتىش ئۇنىمى يەر ياڭىقى مېغىزىنىڭ ئۇزىدىن 50 ھەسسە ئارتۇق، قورۇلغاندىن كېيىن كۇچى 20 ھەسسە تۇۋەنلەيدۇ .
(2) باشقا تەسىرى : خۇاسىڭ مېغىزىدا ئاسان پەيدا بولىدىغان سېرىق ئېچىتقۇچى باكتىريە زەھىرى Aspergillus flavus جىگەر راكى پەيدا قىلىدۇ .
ئۇرۇقىدا % 40 ـ 50 ئەتراپىدا مايلىق ياغ، %30 ـ 20 گىچە ئازۇتلۇق ماددىلار،%21 ـ 8 گىچە كىراخمال،تالالىق ماددىلار، سۇ، كۇل ماددىسى ۋە ۋىتامىن قاتارلىق ماددىلار بار.
يەر ياڭىقى1.يەر ياڭىقى مېغىزىنى ئادەتتە يىيىشكە ئىشلىتىپلا قالماي،بەلكى ياغ چىقىرىپ تۇرمۇشدا، داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. چۇنكى ئۇنىڭ يېغى زەيتۇن يېغىنىڭ ئورنىنى باسالايدۇ، يەر ياڭىقىنىڭ بەدەنگە بېرىدىغان قۇۋىتى ياڭاق مېغىزىنىڭ بېرىدىغان قۇۋىىدىن قېلىشمايدۇ، چۇنكى بۇنىڭ تەركىبىدە كىراخمال، فوسفۇر،ۋىتامىن ۋە باشقا پايدىلىق ماددىلار مول .
2. يەر ياڭىقى يېغى بىلەن تاماق ئېتىپ يېسە، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. سەمرىتىدۇ، بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىدۇ.
ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ئاق خۇننىڭ كۆپ كېلىشى، كۆپ ئىھتىلام بولۇش، مەنىي تېز يۇرۇپ كېتىش، كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.