كەپتەر بېقىش

كەپتەر بېقىش

ئۇيغۇرلار كەپتەرنى ۋاپادار قۇش دەپ بىلىدۇ. جۈملىدىن بېقىپ ئۆگىتىپ، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ. 

ئۇيغۇر خەلقى يىراق ئۆتمۈش زامانلاردىن باشلاپ، كەپتەردىن خەۋەرچى سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا ئادەتلەنگەن.

ئۇلار يىراق، خەتەرلىك جايلارغا سەپەر قىلغاندا كەپتەر ئېلىۋالىدۇ. ئائىلىسىگە ۋە يۇرتىغا خەۋەر بېرىشكە توغرا كەلسە، ئۆگىتىلگەن كەپتىرىنى قاراپ جايىدىن قويۇپ بېرىدۇ. كەپتەرنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىشى، ئۇنىڭ سالامەت بارغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى كەپتەر بېقىش
خەنزۇچە نامى 养鸽

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كەپتەرئۇيغۇرلار  يىراق، خەتەرلىك جايلارغا سەپەر قىلغاندا كەپتەر ئېلىۋالىدۇ. ئائىلىسىگە ۋە يۇرتىغا خەۋەر بېرىشكە توغرا كەلسە، ئۆگىتىلگەن كەپتىرىنى قاراپ جايىدىن قويۇپ بېرىدۇ. كەپتەرنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىشى، ئۇنىڭ سالامەت بارغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

قەدىمكى زامان ئۇرۇشلىرىدا، ئەجدادلىرىمىز كەپتەرنى ھەربىي ئىشلاردا يوشۇرۇن خەۋەر چى قىلىپ ئىشلەتكەن. مەسىلەن، ھۇجۇمغا ئۆتۈشتە كەپتەرگە قوش ئاۋازلىق غوڭ قاپاق ئېسىپ قويۇپ بەرسە، قىسىملارنى يىغىش ياكى چېكىنىشتە تاق ئاۋازلىق غوڭ قاپاق ئېسىپ قويۇپ بەرگەن. قىسىملار غوڭ قاپاق ئاۋازىغا قاراپ ھەرىكەتلەنگەن.

ئۇيغۇرلار كەپتەرنى چىرايلىق، ياۋاش، ئاۋازى يىقىملىق، ئىنسانلار بىلەن بىللە ياشىيالايدىغان ۋاپادار قۇش دەپ ئائىلىدە بېقىپ ئۆگىتىدۇ. ئۇلار، ئويۇنچى كەپتەرگە غوڭ قاپاق ئېسىپ قويىدۇ. كەپتەرلەرغوڭ قاپاق ئاۋازى بىلەن تولىشىپ ئۇچىدۇ. كەپتەر باققۇچى قاپاقنى شالدىرلىتىپ «يەھ-يەھ» ددەپ توۋلاپ كەپتەرنى ئالدىغا چۈشۈرىدۇ. بەزى كەپتەرلەر كەپتەر ئىگىسىنىڭ باش، مۈرە قوللىرىغا قونۇپ، دان ئىزلەپ بوقۇلداپ سايرادۇ. كەپتەر باز بۇنىڭدىن پەخىرلىك ھوزۇرلىنىدۇ. كەپتەر باز ئۆي كۆچسە ياكى ئۆيلىرى ۋەيران بولسا كەپتەر ئەسلى ئۇۋىسىدىن زادى كەتمەيدۇ. غار، خارابىلەردە مىڭ يىللاپ ياشىغان نەچچە مىڭ ئەۋلاد كەپتەر بۇنىڭ دەلىلى.

ئۇيغۇر مويىسپىتلىرى كەپتەرنىڭ تاڭ سەھەدە بۇقۇلداپ مۇڭ ئاۋازىدا سايرىشىنى ئاڭلاشقا ئاشىق، ئۇلار كەپتەرنىڭ سەھەردىكى سايرىشىنى ئىبادەت، ئۇ ئىنسانلارنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن قىلىنغان تىلاۋەت دەپ بىلىپ، بۇنداق كەپتەرلەرگە پېشايۋان ئاستىغا مەخسۇس ئۇۋا ياساپ بېرىدۇ. 

كەپتەركەپتەر-ئوزۇقلۇق قىممىتى ئۈستۈن، گۆشى ھالال، قۇۋۋەتلىك، دورىلىق، شىپالىق قۇش. ئۇيغۇرلار كەپتەر گۆشى بىلەن بەدەن ئاجىزلىق، ئاشقازان ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالىسا، رېماتىزم قاتارلىق يەرللىك ئاغرىقلارغا كېسەللەرنى داۋالىسا، رېماتىزم قاتارلىق يەرللىك ئاغرىقلارغا بەدەننىڭ سىرتىدىن ئۇنىڭ قېنىنى ئېقىتىپ داۋالايدۇ. بەزى يىرىڭلىق كېسەللەرگە كەپتەرنىڭ قارنىنى يېرىپ تېڭىپ، ئېغىز ئادۇرۇپ داۋالايدۇ.

كەپتەرنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىمۇ ئۈستۈن بولۇپ، ياخشى كەپتەرلەرنى بىر قوينىڭ پۇلىغا سېتىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كەپتەر مايىقىنى شال ئېتىزىغا سالسا، بىر جىڭى ئادەتتىكى قىرىق جىڭ قىغنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. كەپتەر مايىقى يەنە، كۆنچىلىك كەسپىدە يەرلىك ئېچىتقۇ(كىسلاتا) رولىنىمۇ ئوينايدۇ. يەنە، يەرلىك ئېچىتقۇلۇق ئىچىملىك، مەسىلەن، مۇسەللەس قاتارلىقلارغا ئۇنىڭ باچكىسىنى سالسا ئېچىشنى تېزلىتىدۇ، سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (6 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    83.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    16.7%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#