كونىستانتىن II
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گرېتىسىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرىقى پادىشاھى كونىستانتىن II. ئۇ 1940-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، تېخىچە ھايات. 1957-يىلى گىرېتىسىيەدە ھەربىيلەر ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ كونىستانتىن II نىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى بىكار قىلغان.
پادىشاھلىق ئورنىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن گىرېتىسىيە ھۆكۈمىتى كونىستانتىننىڭ گىرېتىسىيەدىكى ئۈچ قورۇ جايىنى مۇسادىرە قىلىپ، دۆلەتكە ئۆتكۈزىۋالغان. ئىككى يىل بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى سوت مەھكىمىسى گىرېتىسىيە ھۆكۈمىتىنى كونىستانتىنغا 12 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان.
كونىستانتىن بۇ پۇللاردىن پايدىلىنىپ بىر فوند جەمئىيىتى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ پۇللار ئارقىلىق گىرېتىسىيەدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان دېھقانلارغا ياردەم قىلىدىكەن.
بۇ مەزكۇر سابىق پادىشاھنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرىغا بولغان ياخشى كۆڭلىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ، كونىستانتىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئۆز يۈرىكىنىڭ گىرېتىسىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.