بېھى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. بېھى (خام دورا)
  2. بېھى (ئۆسۈملۈك)
خام دورا
بېھى

بېھى ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، بېھىگە ئۇرۇقداش، چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، يۈرەك، مېڭە ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش؛ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى بېھى
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 榀梓
تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېھىبېھى ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، بېھىگە ئۇرۇقداش، چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى 3 ~ 6 مېتىر كېلىدۇ. يۇمران شاخچىلىرى تىۋىتلىق بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى بار؛ شەكلى تۇخۇمسىمان ياكى سوقىچاق، ئۇچى دۈگىلەك ئۇچلۇق بولۇپ، ئالدى يۈزى قارامتۇل يېشىل، ئارقا يۈزى زىچ سارغۇچ كۈل رەڭ تىۋىتلىق تۈكلەر بىلەن قاپلانغان؛ گۈلى يالغۇز بولۇپ، يۇمران شېخىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈل تاجى ياپرىقى بەش تال، رەڭگى ئاق ياكى سۇس قىزىل، گۈل ۋە مېۋىسى خۇشبۇي پۇرايدۇ، مېۋىسى نەشپۈتسىمان بولۇپ، ئۇرۇقى كۆپ، سىرتىدا يۇمشاق تىۋىتلىق تۈكلىرى بولىدۇ.

كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، يۈرەك، مېڭە ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش؛ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

بېھىنىڭ مېۋىسى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى

ھۆل ئىسسىق.

ئىشلىتىش مىقدارى

6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ كۇچا، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا كۆپرەك تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

بېھىبېھىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىق ئۆتۈش، ئىچ سۈرۈش، قورساق كۆپۈش، ھەزىم بۇزۇلۇش، بوغۇملار ئاغرىش، پەي تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

بېھىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرۈپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

500 گرام بېھىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە 200 گرام شېكەر قوشۇپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ قىيام تەييارلاپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 ~ 30 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان، جىگەر ۋە نېرۋا ئاجىزلىقى، بۇرۇن ياللۇغى، ھەرخىل ئىششىق، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#