سۇيۇقلاندۇرۇلغان كۆمۈر ئېنېرگىيەسى

سۇيۇقلاندۇرۇلغان كۆمۈر ئېنېرگىيەسى

تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، بولۇپمۇ دۇنيادا نېفىت زاپىسى بارغانسېرى ئازلاۋاتقان، نېفىتكە بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا كۆمۈردىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان يېقىلغۇ  كەلگۈسىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلانغان.

ئۇيغۇرچە نامى سۇيۇقلاندۇرۇلغان كۆمۈر ئېنېرگىيەسى
بايقالغان ۋاقتى 1913-يىلى
باشقا نامى كۆمۈر گازى ئېنېرگىيەسى
خەنزۇچە نامى كۆمۈر گازى ئېنېرگىيە
بايقالغان ئورۇن گېرمانىيە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كۆمۈر زاپىسى 114 مىليارد 500 مىليون توننا بولۇپ، ئوخشاش نىسبەتتە ئىسسىقلىق تارقىتىش مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ، ھازىرغىچە ئېنىقلانغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى مىقدارى ئومۇمىي يىغىندىسىنىڭ %17 ىگە توغرا كېلىدۇ.

جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان توك كۈچىنىڭ %70 ى كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىشتىن ھاسىل بولىدۇ، 2050-يىلىغا بارغاندىمۇ جۇڭگونىڭ كۆمۈرنى بىرلەمچى يېقىلغۇ قىلىش نىسبىتى يەنىلا %50 ئەتراپىدا بولىدۇ.

تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، كۆمۈرنىڭ ئىشلىتىلىشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈرنى سۇيۇقلاندۇرۇش ئىستىقباللىق بۆسۈش بولۇپ قالغان.

1913-يىلى گېرمانىيە لىك ئىككى خىمىيە ئالىمى كۆمۈرنى سۇيۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسىنى كەشپ قىلىپ، كۆمۈرنى خام ئەشيا قىلىپ بېنزىن، دىزېلىن، سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازى چەكلىگەن.

كېيىنكىلەرنىڭ تېخنىكىنى 100 يىلغا يېقىن ئۆزگەرتىشى، تولۇقلىشى نەتىجىسىدە، بۇ تېخنىكا ھازىر گېرمانىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

ئوخشاشمىغان پىششىقلاپ ئىشلەش لىنىيىسىگە ئاساسلانغاندا، كۆمۈرنى سۇيۇقلاندۇرۇش بىۋاسىتە سۇيۇقلاندۇرۇش ۋە ۋاسىتىلىك سۇيۇقلاندۇرۇش، دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.

بىۋاسىتە سۇيۇقلاندۇرۇش

بىۋاسىتە سۇيۇقلاندۇرۇشتا كۆمۈر يۇقىرى ھارارەت ۋە يۇقىرى بېسىمدا ھىدروگېن قوشۇلۇپ پارچىلانغاندىن كېيىن نېفىت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئادەتتە بىر توننا سۇسىز، ساپ كۆمۈر يېرىم توننىدىن كۆپرەك سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىتكە ئايلاندۇرۇلىدۇ، 2.5 —2.8 توننىغىچە بولغان ھىدروگېن گازى كۆمۈرىدىن بىر توننا تەييار نېفىت ئايرىۋالغىلى بولىدۇ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت ئىنچىكە پىششىقلانغاندىن كېيىن، پاكىز، سۈپەتلىك بېنزىن، دىزېلىن ۋە ئاۋىئاتسىيە يېقىلغۇسى قاتارلىقلار ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ، ئەمما بۇنىڭدا كۆمۈرنىڭ تۈرىگە قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرىراق.

ۋاسىتىلىك سۇيۇقلاندۇرۇش

ۋاسىتىلىك سۇيۇقلاندۇرۇشتا كۆمۈر پۈتۈنلەي سىنتېتىك گازلاشتۇرۇلۇپ، كاربون ۋە ھىدروگېن گازلىق كۆمۈر بىلەن سىنتېتىك گاز خام ئەشيا قىلىنىپ، بەلگىلىك ھارارەت ۋە بېسىمدا كۆمۈر نېفىت مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئادەتتە بەش توننىدىن يەتتە توننىغىچە كۆمۈردىن بىر توننا تەييار نېفىت ئايرىۋالغىلى بولىدۇ.

كۆمۈرنى ۋاسىتىلىك سۇيۇقلاندۇرۇشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ساسۇر شىركىتى قوللىنىۋاتقان فىسچىرتروپس سىنتېزلاش (Fischer–Trosch synthesis) ئۇسۇلى بولۇپ، 1955-يىلى ساسۇر شىركىتى كۆمۈردىن نېفىت ئېلىشتا بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.

50 يىلدىن بۇيان بۇ شىركەت كۆمۈردىن 1 مىليارد 500 مىليون تۇڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان يېقىلغۇ ئىشلەپ چىقىرىپ، دۇنيا بويىچە كۆمۈرنى كەڭ كۆلەمدە سۇيۇقلاندۇرالايدىغان بىردىنبىر شىركەتكە ئايلانغان.

جۇڭگونىڭ كۆمۈر، نېفىت خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىمۇ ساسۇر شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش يولىدا ئىزدەنمەكتە. يېقىندا ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، سەنشى بىلەن نىڭشياغا 6 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۆمۈرنى سۇيۇقلاندۇرۇش بازىسى قۇرۇشنى بېكىتكەن.

دېمەك، دۇنيادا نېفىت زاپىسى بارغانسېرى ئازلاۋاتقان، نېفىتكە بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا كۆمۈردىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان يېقىلغۇ  كەلگۈسىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#