پۇل ئۇرۇشى

پۇل ئۇرۇشى

پۇل ئۇرۇشى (پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادقا دائىر تەرجىمە ئەسەر)  بولۇپ سىيىت تىلىۋالدى، گۈلسۈم قادىر تەرجىمە قىلغان، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2013–يىلى 7–ئايدا نەشىر قىلىنغان.

كىتاب نامى پۇل ئۇرۇشى
ئاپتورى سۇڭ خوڭ بىڭ
نەشىرىيات مىللەتلەر نەشرىياتى
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2013–يىل 7–ئاي
خەنزۇچە نامى 货币战争
تەرجىمە قىلغۇچىلار سىيىت تىلىۋالدى، گۈلسۈم قادىر
ISBN 9787105127245
كىتاب تۈرى پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پۇل ئۇرۇشى (پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادقا دائىر تەرجىمە ئەسەر)  بولۇپ سىيىت تىلىۋالدى، گۈلسۈم قادىر تەرجىمە قىلغان، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2013–يىلى 7–ئايدا نەشىر قىلىنغان.

بۇ كىتابتا دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر پۇل نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىنغان بولۇپ، ئادەتتە ئاسانلىقچە تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادقا ئائىت ساۋاتلار چۈشىنىشلىك بايان قىلىنغان.

قايتا نەشرىگە كىرىش سۆز

2006– يىلى يازدا، يەنى ئامېرىكا ئۆي–مۈلۈك ساھەسىدىكى كۆپۈك ئىگىلىك راسا ئەۋجىگە چىققان پەيتتە، كەلگۈسى پۇل مۇئامىلە بوھرانى ھەققىدىكى ئەندىشەم قەۋەتلە كۈچىيىپ كەتتى. «پۇل ئۇرۇشى» ناملىق ئەسىرىمنى دەل ئاشۇنداق ئەنسىزلىك ۋە تەشۋىش ئىچىدە يېزىپ پۈتكۈزدۈم. مېنىڭچە، 2008– يىلىدىكى دۇنياۋى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ئامېرىكا دوللىرى سىستېمىسىدا 1971– يىلىدىن بۇيان مەۋجۈت بولۇپ كېلىۋاتقان ئەجەللىك نۇقسان سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. بۇ ھال— پۈتكۈل دۇنيا پۇلى مۇنارىنىڭ ئامېرىكا قەرزدالىقىدىن ئىبارەت قۇملۇق ئۈستىگە تۇرغۇزۇلغانلىقىنىڭ دەلىلى. يەنە كېلىپ، ئامېرىكا دوللىرى قەرزدارلىقىنىڭ مۇقىم ئۆلچەمدە ئىزچىل تۇرالىشى مۈمكىن ئەمەس؛ چۈنكى، دۇنيا ئىقتىسادى ئومومىي مىقدارىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۇلى بوشاپ، دۇنيا پۇلى مۇنارى قىيسىيىشقا قاراپ يۈزلەندى.

ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا، پۇل دېمەك–بايلىققا ئېرىشىش ھوقۇقى دېمەكتۇر.چۈنكى، بىراۋنىڭ قولىدىكى پۇلى ئۇنىڭغا تەۋە بايلىق ھەققىدىكى تىلخەتكە باراۋەر. خوش، ئۇنداق بولسا بايلىق دېگەن نېمە؟ يەنە بىر نۇقتىدىن ئالغاندا، پۇلنىڭ خاراكتېرىنى ئاشۇ پۇلنى تارقىتىشتا رەنىگە قويۇلغان بايلىقنىڭ شەكلى بەلگىلەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قوبۇل كۆرىدىغان بايلىق دەل پۇل دېمەكتۇر. دېمەك، بايلىق ۋە ئاشۇ بايلىققا تەۋە پۇلمۇ ئىنسانلار مېھنىتىنىڭ مەھسۇلى. پۇلنىڭ تاۋارلىق خۇسۇسىيىتى ماھىيەتتە يەنىلا ئۇنىڭ ئەمگەك خۇسۇسىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسانلار 5000 يىللىق مەدەنىيەت تارىخى مابەينىدە 2000 خىلدىن ئارتۇق تاۋارنى پۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن. ھالبۇكى، بازار تەدرىجىي تەرەققىيات داۋامىدا قالغان پۇللارنى بارا–بارا شاللاپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى بايلىقنىڭ ئاداققى ۋەكىلى سۈپىتىدە تاللىدى. شۇنداق قىلىپ، ئالتۇن–كۈمۈش ھەرقانداق رايون، ھەرقانداق مەدەنىيەت ۋە ھەرقانداق دىن شارائىتىدا، ھەممە قوبۇل كۆرىدىغان بايلىق سۈپىتى بىلەن پۇل فۇنكسىيەسىنى زىممىسىگە ئالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئالتۇن–كۈمۈش ھەم بايلىققا ئېرىشىش ھوقۇقى، ھەم ئاشۇ بايلىقنىڭ ئۆزى سۈپىتىدە مەۋجۈت بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

ئالتۇن–كۈمۈشنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن قەغەز پۇل ئاساسلىقى ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق ياراتتى. كىشىلەرنىڭ قەغەز پۇل ساقلىشىدىكى ئاداققى نىشانى–قانداقتۇر بايلىقنىڭ ئىسپاتى بولمىش قەغەز پۇلغا ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى ئاشۇ ئىسپات ۋەكىللىك قىلىدىغان ئالتۇن–كۈمۈشكە ئېرىشىپ، ئاخىرىدا ئاشۇ ئالتۇن–كۈمۈشلەرنى باشقا بايلىقلارغا ئەركىن ۋە تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇشتۇر. بۇنداق پۇل تۈزۈمى تاكى 1971–يىلغىچە داۋام قىلدى؛ بۇ خىل پۇل تۈزۈمىنىڭ ۋەكىلى–ئامېرىكا دوللىرى. ئۇنى ئەڭ ئاخىرىدا ئالتۇنغا تېگىشكىلى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن قولىدا ئامېرىكا دوللىرى بارلارنىڭ كۆڭلى توق ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىشىلەر ھەتتا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قانداقتۇر بايلىقنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئاشۇ بايلىقنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بارا–بارا ئۇنتۇپ، ئۇنى ئالتۇنغا ئوخشاشلا سەرخىل ۋە ئاداققى بايلىق، دەپ تونۇيدىغان بولۇپ كەتتى.

كىشىلەر ئۇزاقتىن بۇيانقى ئىدىيەۋى تەسىرنىڭ كۈچى بىلەن قەغەز پۇل ۋەكىللىك قىلىدىغان ئالتۇننى ئاستا–ئاستا ئۇنتۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئالتۇن يەنىلا قەغەز پۇلنىڭ نورمىدىن ئارتۇق تارقىتىلىشىغا توساق ئىدى. چۈنكى، ھەددىدىن زىيادە تارقىتىۋېتىلگەن قەغەز پۇل كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھامان كىشىلەرنىڭ ئاشۇ قەغەز پۇلدىن ئىبارەت ئىسپات ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان ئالتۇنغا قىزىقىشىنى قوزغاپ قويىدۇ. ئۇنداق پۇل ئويۇنىنىڭ قائىدىسىنى تۈزگۈچىلەردىن بولمىش بانكىرلار ئالتۇننى قەغەز پۇلغا رەنە قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. چۈنكى، بىرىنچىدىن، ئالتۇن بارا–بارا كۈچىيىپ كېتىۋاتقان قەغەز پۇلغا بولغان ئېھتىياجنى قامداشقا پايلىمايدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئالتۇن ئۆسۈم كىرىمى يارىتالمايدۇ. شۇڭا، بانكىرلار ھەم ئەبەدىي قۇرۇمايدىغان ھەم ئۆسۈم تۇغىدىغان مۈلۈكنى ئالتۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بەكمۇ تەشنا. يەنە كېلىپ بۇ تەشنالىق تەڭداشسىز جەلىپكار ئىدى. 1971– يىلدىن كېيىن يولغا قويۇلغان ئالتۇننى پۇلسىزلاشتۇرۇش تەدبىرى ئەمەلىيەتتە پۇل ئويۇنىنىڭ قائىدىسىنى بېكىتكۈچىلەر ئۆز خاھىشى بويىچە باشقىلارغا زورلاپ تاڭغان تەڭسىز شەرتنامە ئىدى. شۇنداق قىلىپ، بىز ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئىناۋەتلىك پۇلدىن ئىبارەت يېپيېڭى پۇل فورماتسىيەسىنى كۆرۈشكە مۇشەررەپ بولدۇق.

بۇ بىرەر مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قەرزدارلىقىنى رەنىگە ئېلىپ تۇرۇپ تارقىتىلىدىغان پۇل بولۇپ، بۇنداق قەغەز پۇل ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشكىلى بولىدىغان بايلىق قانداقتۇر ئالتۇن ئەمەس، بەلكى ئاشۇ دۆلەتنىڭ زايومى! زايومنى ئەمگەك خۇسۇسىيىتىنى ھازىرلىغان بايلىق دېگىلى بولامدۇ؟ ئېھتىمال بولار! چۈنكى زايوم–باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدە تاپشۇرىدىغان بېجى ھەققىدىكى ۋەدىسى، خالاس. ئەمما، كەلگۈسىدە نېمە ئىشلار بولىدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلەيدىغىنى پەقەتلا ۋاقىت. ئالتۇن— ھازىرلانغان ئەمگەك مېۋىسى؛ ئۇنى كۆرگىن ياكى كۆرمىگىن، بەرىبىر مەۋجۇت. ئەمما، زايوم— ھازىرلانمىغان ئەمگەك مېۋىسى؛ ئۇ ئەتىكى بايلىق بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا لەۋزىدىن يېنىۋېلىش خەۋپى ھامان مەۋجۇت. دېمەك، زايومنى پۇل ئىسپاتىنىڭ ئاخىرقى ھاسىلاتىغا ئايلاندۇرۇش— كەلگۈسىدىكى بايلىقنى نېسىگە خەجلىگەنگە باراۋەر. شۇنىڭدەك، قەرزلىك پۇل ئوبوروت داۋامىدا تەكرار ئۆسۈم چىقىمىدىن ئىبارەت ئېغىر ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدۇ. جۈملىدىن كىشىلەر قەرز قىلغان پۇلغا ئۆسۈم تۆلىگەندىن باشقا، يەنە ئاشۇ پۇلنىڭ رەنىسى ئۈچۈنمۇ ئۆسۈم تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. دېمەك، قەرزلىك پۇل تۈزۈلمىسىدىكى پۇل ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ.

ئاممىۋى پۇلدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئاز سانلىق كىشىلەرگە ئۆسۈم تۆلەپ، دۆلەت قەرزى بىلەن پۇلنى بىر–بىرىگە باغلاپ قويۇش— كىشىنى مەنتىقە جەھەتتىن قىلچە قايىل قىلالمايدىغان لايىھە، شۇنداقلا بىخ ھالىتىدە تۇرۇپلا «راك ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان پۇل سىستېمىسى. چۈنكى، بۇ سىستېمىدا پۇل قانچىكى كۆپ تارقىتىلسا، قەرز پۇل كۆلىمىمۇ شۇنچە كېڭىيىپ، ئۆسۈم تەننەرخىمۇ مۇناسىپ ئۆرلەپ، پۇقرالارنىڭ شىللىسىدىكى قەرزمۇ شۇنچە ئېغىرلاپ كېتىدۇ. ئۆسۈم پەقەت ۋاقىتقىلا مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، پۇل مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا كۆرە شەكىللەنگەن مۇتلەق ئىچكى ئېھتىياج پۇل كۇرسىنى چۈشۈرۈۋېتىش خاھىشىغا تەبىئىي ھامىلىدار بولغىنى ئۈچۈن، پۇل پاخاللىقى ئاخىرقى مۇقەررەر نەتىجىگە ئايلاندى. يامان يېرى، پۇل پاخاللىقى سەۋەبلىك شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي بايلىقلارنى تەكرار تەقسىملەش تەدبىرى مەۋھۈم «باش جىنايەتچى» سۈپىتىدە، دۇنيا ئەھلىنى «بايلار ۋە نامراتلار» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى قۇتۇپقا ئايرىۋەتتى.

پۇل ۋە كىرېدىت كۆلىمىنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتى ۋە ئۆسۈم تەننەرخىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتىدىن ئىزچىل ئېشىپ كېتىۋەرسە، پۈتكۈل ئىگىلىكتىكى قەرزنىڭ تاغدەك دۆۋىلىنىپ كېتىدىغانلىقى، جۈملىدىن، قەرزدارلىق ئومومىي كۆلىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتىدە تۇتقان نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ. بۇ نىسبەت ئۆرلەپ مەلۇم دەرىجىگە بارغاندا، ئىقتىسادىي گەۋدىلەر قەرزدارلىقنىڭ بېسىمىغا پايلىماي قالىدۇ–دە، بۇنىڭ بىلەن لەۋزىدىن يېنىۋېلىش خاھىشى ھەدەپ يامرىغىلى تۇرىدۇ. 2008– يىلى پۈتۈن دۇنيانى ساراسمىگە سېلىۋەتكەن پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ.

ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنيا پۇلىلىق ئورنى كىرىزىسنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ۋەزنىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. چۈنكى، ئامېرىكا زايومى رەنىلىكىدە دۇنياۋى سودا پۇلى شۇنداقلا زاپاس پۇل تارقىتىلغانىكەن، ئامېرىكا زايومى كۆلىمى بىلەن باشقا مالىيە كىرىملىرى بىر–بىرىگە پەقەت ئۇيغۇن كەلمەسلىك سەۋەبىدىن، ئامېرىكا ئىقتىسادىدىكى ئومومىي قەرزدالىقنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتىدە تۇتقان نىسبىتى كۈندىن–كۈنگە ئۆرلەپ كېتىدۇ، دېگەن گەپ. يەنە كېلىپ، بۇنداق يۈزلىنىشنىڭ ئامېرىكا دوللىرى ھېسابىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق كىرېدىتنى كىرىزىسقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى مۇقەررەر.

2006– يىلى پۈتكەن «پۇل ئۇرۇشى» ناملىق ئەسىرىمدە يۇقىرىقىدەك ھۆكۈملەرگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى يەكۈنلەرنى چىقارغانىدىم:

1. پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ھامان پارتلايدۇ؛ ئۇ ئامېرىكىنى مەنبە قىلغىنى بىلەن ئاخىر پۈتكۈل دۇنيانى قاپلايدۇ.

2. ئامېرىكىدا پەيدا بولىدىغان ئىككىلەمچى قەرز پۇل كىرىزىسى ھەرگىزمۇ يەككە–يېگانە، تىزگىنلىك ۋە يامرىمايدىغان كىچىك مەسىلە ئەمەس، بەلكى يېقىلىشقا باشلىغان دومىنو قارتىسىنىڭ بىرىنچىسى.

3. ئامېرىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى مۈلۈك ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە كۆپۈكلەشكەن فېدېراتسىيە مىللىي رەنىلىك قەرز پۇل جەمئىيىتى ۋە فېدېراتسىيە تۇرالغۇ قەرزى رەنە شىركىتى قاتارلىق ئۆي–مۈلۈك پۇل مۇئامىلىسى تۈگۈنىدىن باشلىنىدۇ.

4. ئامېرىكىلىقلار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قۇتقۇزۇۋېلىش مۇددىئاسىدا پۇلنى كۆپلەپ تارقتىپ، ئاخىر ئامېرىكا دوللىرى ھېسابىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق كىرېدىت كىرىزىسىنى پەيدا قىلىدۇ.

5. ئامېرىكا دوللىرى كىرىزىسى ئەۋجىگە چىقىش بىلەن بىرگە، ئالتۇننىڭ باھاسى ھەسسىلەپ ئۆرلەپ كېتىدۇ. شۇڭا، جۇڭگولۇقلار ئالتۇن زاپىسىنى ئوموميۈزلۈك ئاشۇرۇشى لازىم. بەش يىلدىن بۇيان دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەر يۇقىرىقى يەكۈنلىرىمنى ئىسپاتلىدى ۋە ئىسپاتلىماقتا.... ئاپتور، 2011–يىل 7– ئاينىڭ 19–كۈنى شياڭشەن.

* بۇ ناھايىتى ياخشى كىتاب ئىكەن. ئۇنىڭدىن پۇل مۇئامىلە ۋە سىياسىيغا ئائىت نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم؛ نۇرغۇن مۇرەككەپ سىياسىي ئويۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە مەنپەئەت تالىشىش مۇددىئاسىدىكى پۇت تېپىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، ئادەمنى ھەيرانۇ ھەس قالدۇرىدىغان سۈيقەستلەرنىڭ پۇل تارقىتىش ۋە باھا قويۇش ھوقۇقىغا ئىنتىلىش ۋەجىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالدىم. قىسقىسى، بۇ كىتابتىن پۇل مۇئامىلە بىلىملىرىنى ئۆگىنىش جەھەتتە نۇرغۇن نەپكە ئېرىشتىم. — ئېممايان

* «ياخشى كىتابلار— ئومومەن تارىخنىڭ سىناقلىرىغا پايلىيالايدىغان كىتابلاردۇر» دەيدىغان گەپمۇ بار. ئالغان كىتابلىرىم ئىچىدە «پۇل ئۇرۇشى»دەك بازارلىق كىتابلار جىق ئەمەس. مۇھىمى، مەزكۇر كىتابتا دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر پۇل نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىنىپتۇ. يەنە كېلىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلىرى خۇسۇسىدىكى بەزى قىيىن مەسىلىلەرنى پۇل نۇقتىسىدىن كۆزەتسە، ئاسانراق چۈشىنىۋالغىلى بولىدىكەن. مەزكۇر كىتابتا دېيىلگىنى راست بولسۇن، يالغان بولسۇن، ئىشقىلىپ بۇ كىتابنىڭ نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ تارىخ قارىشىغا خىرىس قىلغانلىقىغا كۆز يۇمالمايمىز. دېمەك، كىشىلەرنى مۇنازىرىگە سېلىپ، ئويلاندۇرغىنى ئەلۋەتتە ياخشى كىتاب. — خارتېلى

* مەزكۇر كىتاب بىزگە ئاجايىپ بىر سىرنى، يەنى ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان ئېغىر خىرىسنى نامايەن قىلىدۇ. دۇرۇس، ئەمىن كۈنلەردە خەۋپ–خەتەر ئۈستىدە كاللا قاتۇرۇپ، سۇ كەلگۈچە تۇغان تۇتقاننىڭ ھېچقانداق يامىنى يوق. بۇ كىتابنى ھەتتا ئېلىمىز رەھبەرلىرىمۇ ئوقۇپ باققان بولسا ئىدى، كىتابتىكى مەزمۇنلارغا يۈزدەيۈز ئىشىنىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما كىرىزىس تۇيغۇسىغا كەلگەن بولاتتى. — ليۇ سىشى

* بۇ كىتاب ئوقۇغان ئادەمنى شۇنداق سوئاللارغا ئۈندەيدۇ: نۆۋەتتىكى پۇل ئۇرۇشى يېڭى مەنالارغا ئىگىمۇ–قانداق؟ رولى بولارمۇ؟ نېمە ئۈچۈن پۇل ئۇرۇشى دەپ ئاتىلىدۇ؟ بۇ ئىس–تۈتەكسىز ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى، ۋاسىتىسى ۋە مۇددىئاسى زادى نېمە؟ بۇ كىتاب بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىپ، بىزنى رېئاللىقتىكى تۈرلۈك–تۈمەن ھادىسىلەرنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ بېقىشقا ئۈندەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۆزىمىز ئىشتىراك قىلىۋاتقان ياكى ئىشتراك قىلماقچى بولۇۋاتقان بىر مەيدان ئۇرۇشنىڭ ئەينىيىتىنى كۆرەلەيمىز. مۇبادا سەن مۇلاھىزىگە ۋە ئاپتورنىڭ تەپەككۈر ئەندىزىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ دۇنيانى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆزىتىشكە ھېرىسمەن بولساڭ، ئۇنداقتا مەزكۇر كىتابنى بىر ئوقۇپ باق! «ھەر كاللىدا ھەر خىيال!» دېگەن گەپنىڭ تېگىگە يېتىسەن. — كۇ نيۇر

مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا، مۇنازىرە قوزغىغان كىتاب— ئەلۋەتتە دەل جايىغا تەگكۈزەلىگەن ۋە گەپنىڭ ئوچۇقىنى دېيەلىگەن ئەسەر. شۇڭا، بۇ كىتابنى ئوقۇماي بولمايدۇ. ناۋادا ئوقۇپ كۆرسەڭ، ئاپتورنىڭ ئادەتتە ئاسانلىقچە تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان پۇل مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادقا ئائىت ساۋاتلارنى چۈشىنىشلىك بايان قىلىپ، غەربنىڭ پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات تارىخىنى ئاسانلا چۈشىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيسەن. — تاغلىق لى جيەن

* مەزكۇر كىتابتا يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئەللىرى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىدا كۆرۈلگەن تەرەققىياتلار ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى پۇل ۋە پۇل مۇئامىلە نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى يەشمە خۇلاسە ياكى لوگىكىلىق خۇلاسىلەرمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ئەسەر دۇنيا ئەھلىنى، بولۇپمۇ جۇڭگولۇقلارنى شۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقى بىلەن قىممەتلىك: «تاشقى دۇنيا كۆرگىنىڭىزدەك ياكى غەرب تاراتقۇلىرى ماختىغاندەك ئۇنچىۋالا قالتىسمۇ ئەمەس. شۇڭا، يۈزەكى باياشاتلىقلىرىمىزغا يەڭگىلتەكلىك بىلەن مەستۇ–مۇستەغرەق بولۇپ كەتمەيلى؛ غەرب دۇنياسىنىڭ بىزگە ياغدۇرۇۋاتقان«مەدھىيە–تەھسىن»لىرىدىن خۇدىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى. چۈنكى، دۇنيا يېقىنقى زامان تەرەققىياتىغا سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا بىخ ھالىتىدە. شۇڭا، ئۆزىمىزنى سەگەكلىك بىلەن تونۇيلى؛ ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە مەيدىمىزگە مۇشتلىمايلى!». — پەن خۇڭفۇ

* ئادەمگە چوڭقۇر چۈشەنچىلەرنى بەخش ئېتەلەيدىغان مەزكۇر ئەسەر بۇ دۇنيا ھەققىدىكى بۇرۇنقى قاراشلىرىمنى ئۆزگەرتىۋەتتى. مېنىڭچە، بۇ كىتابنى ھەر بىر جۇڭگولۇق ئوقۇپ باقسا بولغۇدەك. چۈنكى، كىتاب ئوقۇشتىن مەقسەت— ئۇ ئارقىلىق نەپ–مەنپەئەت ئۈندۈرۈش ئەمەس، بەلكى ھەممەيلەنگە سۈيقەستلەر ئىچىدە ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش... ئىشقىلىپ، باشقىلار مەنپەئىتىنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ قېلىشنى خالايدىغانلار بولمىسا كېرەك. — سىنېنىس–سۇڭ[0]

سوڭ خوڭ بىڭ

سۇڭ خوڭ بىڭ، 1968-يىلى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئەسلىي يۇرتى خېبېي، دۇنياۋى پۇل-مۇئامىلە تارىخى ئالىمى. ئوقۇش تارىخى دوكتۇر، مىللىتى خەنزۇ، دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا

سۇڭ خوڭ بىڭنىڭ پۇل ئۇرۇشى ناملىق كىتابى ئارقىلىق 2007-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىككىلەمچى قەرز كرىزىسى ۋە 2008-يىلىدىكى يەرشارى پۇل مۇئامىلە تاشقىنى مەزگىلىدە ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان.

 شۇنداقلا دۇنيادىكى 30 دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە رايوننىڭ تارقىتىش ۋاستىلىرى زىيارەت قىلغان.

2009-يىلى سۇڭ خوڭ بىڭ يەرشارىدىكى سېتىلىش مىقدارى 1-ئۇرۇندا تۇرىدىغان ئامېرىكا «سودا ھەپتىلىك ژورنىلى» تەرىپىدىن جۇڭگودىكى ئەڭ زور تەسىر كۈچكە ئىگە 40 شەخىسنىڭ بىرى دەپ باھالانغان.[1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.
1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كىتابخانا تورى

http://www.kitabhana.com/goods.php?id=10828

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#