بېدە

بېدە باھنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، تەرەتنى يۇمشىتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.


ئۇيغۇرچە نامى بېدە
ئىنگلىزچە Herb of Alfalfa
باشقا نامى ھەندە قوقا، رەتبە (ئە)؛ ديۇئەسيت (پ)؛ بەسكەپرا(ئو).
خەنزۇچە نامى 苜蓿 mu xu
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بېدەبۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياتما يىلتىزلىق سامان غوللۇق كۆك گۈللۈك بېدە ۋە تىكەنلىك بېدىنىڭ پۈتۈن چۆپى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى ۋاقىتتىكى كۆكى تۇرمۇشتا «بېدە» دېيىلىپ، ئوتياش ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. شاخلىرى كۆپ، يوپۇرماقلىرى كىچىك، دوم تۇخۇمسىمان، سوقىچاق كېلىدۇ. گۈل تاجىسى سۆسۈن رەڭلىك كېلىدۇ.

تەركىبىدە لۇسېرنول (Lucernol)، ساتۋول (sativol)، كوۋ مېترول (Coumetrol)، فورمونونېتىن (Formononetin)، ديزئېن (Daidzein)، تىرتىن(tricin)، سترولىن (cltrulline)، كانالىن (canaline)، %37.8- 21.8 ئاقسىل %9.5 – 4 قەنت بار. يوپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە ئونونىتول (Ononitol)، مېۋە يېلىمى كىسلاتاسى بار. گۈلىدە دىلفىندىن (Delfhinidin)، پېتونىدىن (Petunidin)، مالۇرىدىن (Maluridin)، ئۇچۇچان ماي بولغان بولىدۇ.

پۈتۈن چۆپىنىڭ ئېرىتمىسى ئۆپكە سىل تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلايدۇ.

ئەكىس تەسىرى

قورساقنى ئېسىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

پىننە.

ئورۇنباسارى 

پالەك.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

بىدە قايناتمىسى، بېدە تالقىنى.

باھ ئاجىزلىقى، سوغۇقتىن بولغان ئىششىقلار، تارتىشىپ قېلىش، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش، ھەيز توسۇلۇش، كۆكرەكنىڭ قۇرۇقلۇقى، يۆتەل، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. بېدىنى شېكەر بىلەن داۋاملىق يەپ بەرسە، بەدەننى سەمرىتىدۇ، ساپ قان پەيدا قىلىدۇ. 2. بېدىنى ئېزىپ ھەسەل بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، سوغۇقتىن بولغان ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇننى ياغلىسا، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقنى ياندۇرىدۇ. داۋاملىق پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، تارتىشىپ قېلىشنى داۋالايدۇ. 3. بېدىنىڭ ئۇرۇقىدا ياغ تارتىپ يەرلىك ئورۇنغا ياغلاپ بەرسە، لەقۋا ۋە تارتىشىپ قېلىشقا پايدا قىلىدۇ. ئۇرۇقىنىڭ تۈتۈنىدە داۋاملىق ئىسلىنىپ بەرسە، پالەچكە پايدا قىلىدۇ.[0]


قورساقنى ئېسىدۇ.
پىننە.
پالەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=513

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#