ئەتىياز

ئەتىياز پەسلى

  ئەتىياز پەسلى بولسا «تۆت پەسىلنىڭ بىرى» بۇلۇپ ئەتىياز پەسلى، كۆك پەسلى، باش باھار، باھار پەسلى دېگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. باش باھار يەنى ئەتىياز پەسلى باشلانغان ۋاقىت (2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە).

ئۇيغۇرچە نامى ئەتىياز
چەتئەلچە نامى spring
ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 10—22℃
خەنزۇچە نامى 春季
باشقا نامى ئەتىياز پەسلى، كۆك پەسلى، باش باھار، باھار پەسلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەتىياز پەسلى ئەتىياز پەسلى بولسا «تۆت پەسىلنىڭ بىرى». باش باھار ئەتىياز پەسلى باشلانغان ۋاقىت (2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە). ئەتىياز (ئەرتە+ياز=ئەرتەياز/ ئەتەياز/ ئەتىياز؛ بالدۇرقى ياز دېگەنلىك بولىدۇ) ياكى باھار، قىش ۋە ياز پەسىللىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر پەسىلدۇر. شىمالىي يېرىم شاردا نورۇز، ئۈمىد ۋە باھار ئايلىرى ئەتىياز پەسلى دەپ قارىلىدۇ.

ئەتىيازنىڭ خەۋەرچىسى گۈل-چېچەكلەر بۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى شىمالىغا نىسبەتەن بالدۇرراق باھار بىلەن ئۇچىرىشىدۇ. شەرقىدىكى تۇرپان، قۇمۇل ۋادىسى بولسا ھەممىدىن بۇرۇن ئىللىشقا باشلايدۇ.كىشىلەردە تۈرلۈك ھاۋارايىغا باغلىق زۇكام ۋە باشقا كېسەللىكلەر كۆپىيىدۇ.

ئەتىياز پەسلىئەتىياز پەسلىدە دەل دەرەخلەر بىخ سۈرۈپ، ئوت چۆپلەر ئۈنىشكە باشلايدۇ. گۈللەر تۇنجى چېچەكلىرىنى ئاچىدۇ. قىشتىن قالغان قارلار ئېرىپ، ئەگىز سۈيى، ياغقان باھار يامغۇرلىرى بىلەن بىرگە سۇلار كۆپىيىشكە باشلايدۇ. كۆلچەك ۋە كۆللەر، سۇ ئامبارلىرى سۇغا تولىدۇ.

بېدىلەر چىقىپ كۆك چۆچۈرىسى يېيىلىدۇ. شۇڭا بۇ پەسىل بەزىدە كۆك پەسلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھاۋارايى نىسبەتەن تۇراقسىز بولۇپ، بەزىدە ئەتىيازنىڭ قاق ئوتتۇرسىدا ئۈششۈك، قار ئارىلاش يامغۇر، ياكى مۆلدۈر چۈشىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. بۇ تۈر تەبىئەت ھادىسىلىرى دېھقانلارغا كۆپ زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.

ئەتىياز پەسلىباش باھار قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئۇزۇنلۇقى 315 گرادۇس بولۇپ، 2-ئاينىڭ 2-5 كۈنلىرى.

يامغۇر سۈيى قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئۇزۇنلۇقى 330 گرادۇس بولۇپ، 2-ئاينىڭ 18-20 كۈنلىرى.

جاندارلارنىڭ ئويغىنىشى قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىقى ئۇزۇنلۇق 345 گرادۇس بولۇپ، 3-ئاينىڭ 5-7 كۈنلىرى.

ئەتىيازلىق قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىقى ئۇزۇنلۇقى 0 گرادۇس بولۇپ، 3-ئاينىڭ 20-22 كۈنلىرى.

چوكانتال بايرىمىدا قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئۇزۇنلۇقى 15 گرادۇس بولۇپ، 4-ئاينىڭ 4-6 كۈنلىرى.

قىزىلكوس قۇياشنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ ئېكلىپتىكىلىق ئۇزۇنلۇقى 30 گرادۇس بولۇپ، 4-ئاينىڭ 19-21 كۈنلىرى.[2]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#